بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

تېلفۇن نومۇردا كىرىش

جەمئىي مىكروبلوگ 172 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 297|ئىنكاس: 1

[ئۈندىدار كىچىك ئەپ] قۇلۇپ ئېچىۋېتىدىغان ئەپ ياساپ پۇل تاپقان پروگراممىر قولغا ئېلىندى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
يېقىندا شاڭخەي ج خ ئورگىنى ھەمبەھر ۋېلىسپىت كارخانىسىنىڭ دېلو مەلۇماتىغا ئاساسەن، بىرلىشىپ ھەمبەھىر ۋېلىسپىتنىڭ قۇلپىنى ئېچىۋېتىدىغان ئەپ ياساش دېلوسىنى پاش قىلدى.
جىنايەت گۇماندارى ياسىغان ئەپ بارلىق ھەمبەھر ۋېلىسپىتنىڭ قۇلپىسىنى ئېچىۋېتىدىكەن.
بۇ ئەپنىڭ نامى «全能车» بولۇپ، پەقەت 299 يۈەن زاكالەت تاپشۇرسىلا، بازاردىكى بارلىق ماركىدىكى ھەمبەھر ۋېلىسپىتنىڭ قۇلپىسىنى ئېچىۋېتىدىكەن. بۇ باھا ھەمبەھر ۋېلىسپىتنىڭ ئايلىق مۇلازىمەت ھەققىدىن ئەرزان. بۇ ئەپنى ياسىغانلار بىلەن ھەمبەھىر ۋېلىسپىت كارخانىلىرىنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق بولۇپ؛ باشقىلارنىڭ ۋېلىسپىتى ئارقىلىق پۇل تاپقان.
FHuo_20191102042346132.png
بۇ «ھەممىباپ ئاچقۇچ» ئەپنى ياسىغۇچىلار ھەمبەھر ۋېلىسپىتنىڭ مۇلازىمىتېرىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، مۇلازىمىتىرىدىكى سانلىق مەلۇماتنى ئۆزگەرتىپ، ھەقىقى خېرىدار قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، مۇلازىمىتىرنىڭ تەكشۈرشىدىن ئالداپ ئۆتۈپ، قانۇنسىز پايدىغا ئېرىشكەن.
بۇ ئەپ كۆپلىگەن ھەمبەھر ۋېلىسپىت كارخانىلىرىنىڭ نورمال مۇلازىمىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەن. ھەمبەھر ۋېلىسپىت كارخانىلىرىغا كەلتۈرگەن زىيىنى 300 مىليون يۈەنگە يەتكەن.
نۆۋەتتە ئۈچ جىنايەت گۇماندارى كومپىيۇتېر ئۇچۇر سىستېمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن قانۇن بويچە قولغا ئېلىندى. 11 جىنايەت گۇماندارى قانۇن بويچە توختىتىپ قويۇلدى.

كومپيۇتېر ئۇچۇر سىستېمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى دېگەن نېمە؟
كومپيۇتېر ئۇچۇر سىستېمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى - دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ ، كومپيۇتېر ئۇچۇر سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىغا ياكى كومپيۇتېر ئۇچۇر سىستېمىسىدا ساقلانغان ، بىر تەرەپ قىلىنغان ياكى يوللانغان سانلىق مەلۇمات ياكى يۇمشاق دېتالغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ياكى كومپيۇتېر ۋىرۇسى قاتارلىق بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرلىك پروگراممىلارنى قەستەن ياساپ، تارقىتىپ ، كومپيۇتېر سىستېمىسىنىڭ نورمال ئىشلىشىگە تەسىر يەتكۈزۈپ ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ .

دېلو تۇرغۇزۇش ئۆلچىمى
1. دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، كومپيۇتېر ئۇچۇر سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆزگەرتىش، ئۆچۈرۈش، كۆپەيتىش، كاشىلا قىلىش... قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن كومپيۇتېر ئۇچۇر سىستېمىسىنى نورمال ئىشلىيەلمەيدىغان قىلىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلار؛
2. دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، كومپيۇتېر ئۇچۇر سىستېمىسىدا ساقلانغان، بىر تەرەپ قىلىنغان ياكى يوللانغان سانلىق مەلۇمات ۋە يۇمشاق دېتاللارنى ئۆچۈرۈش، ئۆزگەرتىش، كۆپەيتىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلار؛
(بۇ يەردىكى ئۆچۈرۈش، ئۆزگەرتىش، كۆپەيتىش مەشغۇلاتى دېگىنى يۇمشاق دېتال ياكى تور بەت سىستېمىسنىڭ پىروگراممىسىدىكى ئەسلى كود، مۇلازىمىتېرىدىكى سانلىق مەلۇماتقا قارىتىلغان)
3. كومپيۇتېر ۋىرۇسى قاتارلىق بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرلىك پروگراممىنى قەستەن ياساپ ۋە تارقىتىپ، كومپيۇتېر سىستېمىسىنىڭ نورمال ئىشلىشىگە تەسىر يەتكۈزگەن، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلار.  

بۇ مىسال شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، پروگراممىرلىق پۇل تاپقىلى بولىدىغان، ئىستىقباللىق كەسىپ. ئەمما باشقىلارنىڭ سىستېمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلسىڭىز، ئۆزگەرتىپ ئۆزىڭىزنىڭ قىلىۋالسىڭىز، ۋىرۇس ياسىسىڭىز جىنايەت.
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2019-11-3 10:53:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس تىما بوپتۇ،توردۇنياسى ھەرگىزمۇ قانۇننىڭ سىرتىدىكى ئورۇن ئەمەس،شۇڭلاشقا ئاتالمىش خاككىرلىق قىلىمىز دەپ توربىكەتلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ۋە باشقا بۇزغۇنچىلىقلارنى قىلىپ كۆڭۈل ئاچىدىغانلار ھۇشۇنى تېپىۋالغىنى بەك ياخشى
سىزنىڭ مەقسىتىڭىز پۇل تېپىش بولمىسىمۇ لېكىن باشقىلار پۇل چىقىرىپ ياسىغان نەرسىنى بۇزسىڭىز مەسئۇلىيەتنى ئۈستىڭىزگە ئالىسىز دىگەن گەپ.
توردىن پايدا پايدىلنايلى ،
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3 

GMT+8, 2019-11-21 05:34 , Processed in 0.119110 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش