بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

تېلفۇن نومۇردا كىرىش

جەمئىي مىكروبلوگ 172 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 372|ئىنكاس: 4

ئاندىرويىد يانفونلىرى قىتىۋىلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2019-10-24 00:13:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
ئاندىرويىد يانفونلىرى قىتىۋىلىش مەسىلىسىنى  ھەل قىلىش ئۇسۇلى

ئالما يانفونلىرىنىڭ مۇقىملىقى ۋە قاتمايدىغان  ئارتۇقچىلىقى سەۋەبىدىن، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر ئالما يانفونلىرىنى ئىشلىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ.  بىراق ئاندىرويىد يانفونلىرى يەنىلا ھازىرقى ئاساسىي ئېقىم، يەنە نۇرغۇن دوستلار ئاندىرويىد يانفونلىرىنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە قىزىقارلىق بولۇشىنى ياخشى كۆرىدۇ، بىراق ئاندىرويىد يانفونلاردا ئادەتتە بىر ئورتاق كېسەل كۆرۈلىدۇ، ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلەتكەندىن كېيىن قېتىۋالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ، بۇ بەلكىم نۇرغۇن دوستلارنىڭ بېشىنى قاتۇرىدىغان مەسىلە بولۇشى مۇمكىن.  ئۇنداقتا بۈگۈن تەھرىر كۆپچىلىككە بىر قىسىم ئاندىرويىد يانفونلارنىڭ    قىتىۋىلىشنى  ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئېلىپ كەلدى،
e956ab49-d04e-44c4-8aee-5744c9a3bc9f.jpg

ئاندىرويىد يانفونلىرىنىڭ  قىتىۋىلىشىنى   ھەل قىلىش ئۇسۇلى
بىرىنچى: يانفوننىڭ ئەڭ يېڭى سىستېمىسىنى ۋاقتىدا يېڭىلاش،
سىستېما رومىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا پايدىلىق بولغاچقا  ئاندىرويىد يانفونلىرىنى ئادەتتە دائىم يېڭىلاش ئېلىپ بارىدۇ، مەسىلەن، يانفون BUG دىكى رېمونت قىلىش، ياكى سىستېمىنى تېخىمۇ مۇقىملاشتۇرۇش قاتارلىقلار.  نۇرغۇن كىشىلەر سىستېمىنىڭ يېڭىلىنىشىنى بىلمىسە ياكى پىسەنت قىلمىسا زىيان تارتىدۇ.  چۈنكى ئالدىنقى نەشىرىدىكى مۇقىمسىزلىق ياكى BUG سەۋەبىدىن يانفونىڭىز قېتىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.  خۇۋاۋېي، شىياۋمىغا ئوخشاش بولۇپمۇ تەڭشەكتىكى سىستېمىنىڭ يېڭىلىنىشى ئەڭ يېڭى نەشىرىمۇ ئەمەسمۇ دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.  ئەلۋەتتە بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، يېڭىلاش 刷机ئەمەس، كۆپ قىسىم مۇھىم سانلىق مەلۇماتلارنى تازىلىمايدۇ، ئەلۋەتتە بەزى ۋاقىتلىق سانلىق مەلۇمات ياكى بۇفېرلىق ساقلىغۇچ بولۇشى مۇمكىن.
22ca243f-97f0-4ed5-b1bb-8c09997c2a61.jpg
d5e0cd31-2e04-4fac-bc49-d01af0c6afa0.jpg
ئىككىنچى: بىخەتەرلىك قوغدىنىش يۇمشاق دېتالى ئورناتماسلىق، نۇرغۇن دوستلار بەلكىم يانفونغا بەزى بىخەتەرلىك قوغداش يۇمشاق دېتالى ئورنىتىش، مەسىلەن، 360، تېڭشۈن غوجىدارى قاتارلىقلار.  ئەمما كۆپىنچە پىسخىكىدىكى رولى يانفوننىڭ بىخەتەر ياكى راۋان ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ قاچىلىنىدۇ.  ئەمەلىيەتتە سىز قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن، ئەگەر يانفون ھەر قېتىم قوزغالغاندا بۇ بىخەتەرلىك يۇمشاق دېتالى ئاپتوماتىك قوزغىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىخەتەرلىك يۇمشاق دېتالى ئادەتتە دائىم ئارقا سۇپىدا تۇرىدۇ، ئويلاپ بېقىڭ، بۇنداق بولغاندا تېخىمۇ كۆپ ئىچكى ساقلىغۇچنى ئىگىلەمدۇ قانداق؟  شۇڭا ئەمەلىيەتتە بۇ دېتاللارنى ئاتايىتەن قاچىلىمىساقمۇ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرقى ئاساسىي ئېقىم يانفونلىرىنىڭ ھەممىسىدە بىخەتەرلىك قوغدىنىش دېتاللىرى ۋە ئەخلەتلەرنى تازىلاش ئىقتىدارى بار، شۇڭا بىۋاسىتە يانفوننىڭ ئۆزىدە بار بولغان ئىقتىدارلىرىنى ئىشلەتسەك بولىدۇ.
84bbbb8752744b4980e7fcc426fd7168.jpg
ئۈچىنچى: ۋاقتىدا يان تېلېفون بۇفېرلىق ساقلىغۇچ سانلىق مەلۇمات، تور كۆرگۈچ بۇفېرلىق ساقلىغۇچ قاتارلىقلار نى  تازلاش، ھازىر بىز دائىم يان تېلېفون ئارقىلىق تورغا چىقىپ پاراڭلىشىش، كىنو كۆرۈش ياكى تور بەت كۆرۈش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى  قىلىمىز، بۇ مەشغۇلاتلارنىڭ ھەممىسى يان تېلېفوندا نۇرغۇن  سانلىق مەلۇمات پەيدا قىلىدۇ.  مەسىلەن، كىنو فىلىم كۆرگەندە، يانفون سىزنى كېيىنكى قېتىم فىلىم كۆرگەندە تېخىمۇ تېز كىرىش ئۈچۈن، سىزنىڭ بۇ قېتىم كۆرگەن سانلىق مەلۇماتىڭىزنى ۋاقىتلىق ساقلايدۇ، بۇ بىر قىسىم بوشلۇقنى ئىگىلەيدۇ.  ياكى بەزى ئالاقە ئەپلىرى، پاراڭلىشىش جەريانىدا زور مىقداردىكى سۈرەتلىك سانلىق مەلۇماتلارنى ساقلاپ قالىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىلىپ بىلمەي يانفونىڭىزنىڭ بوشلۇقىنى ئىگىلىۋالىدۇ.  شۇڭا بىز ئۈچ، تۆت كۈندە بۇ ۋاقىتلىق سانلىق مەلۇماتلارنى بىر تەرەپ قىلىپ، يان تېلېفوننىڭ يۈكىنى ئازايتالايمىز، سۈرئىتى تېخىمۇ تېز بولىدۇ.  يۇقارقى ئۈچ نۇقتىنى ياخشى قىلساق، تىلفۇن قىتىۋىلىشتىن ساقلىنىش  مۈمكىن، ئەلۋەتتە بەك كونا ئاندىرويىد يانفون بولسا، قاتتىق دېتال ئىقتىدارى ھازىرقى سىستېما تەلىپى ۋە قوللىنىش تەلىپىگە يېتىشەلمىسە، يەنىلا  قىتىۋالىدۇ،


ئەگەر يۇقارقى ئۈچ نۇقتىنى   قىلغاندىن  كىيىن قاتسا  ، كۆپچىلىكنىڭ سانلىق مەلۇماتلارنى زاپاسلاش ئاساسىدا يانفوننى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.  ئەمەلىيەتتە ئەگەر يانفون قېتىۋالمىسا، ئادەتتە بىزدە ياخشى بولغان يانفون ئىشلىتىش ئادىتى بولۇشى كېرەك، مەسىلەن كۆپ ئىشلەتمەيدىغان ئەپلەرنى خالىغانچە قاچىلىماسلىق كېرەك.

ئەسلى مەنبەسى :پارلاق سالونى
qrcode_for_gh_ea24ff7757ec_1280.jpg
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2019-10-24 15:19:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بىر سىناپ  باقاي قېنى
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2019-10-26 13:25:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنغۇ ھازىرقى ئاندرويىد تېلفۇنلارنى ئالما تېلفۇنلاردىن راۋان دەپ قارايمەن. ئىش ئۈنۈمى يوقىرى.
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2019-10-26 19:07:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا دىدىڭىز ،ئاندوريىد ،ئەمما دەسلەپتە ئۇچقاندەك چىپىپ كىيىن ھىرىپ قالدىغان ئىشى ناچاردە ،ئالمىدا قىتىش يوق ئەمەس ،ئەمما بىر خىل تەڭپۇڭ ھالەتتە . ئاندوريىد نەشىرى يۇقىرلاپ بۇ ئىشلار ئوڭشلۋاتىدۇ
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2019-10-29 12:57:23 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاندىرويىد تىلفۇنۇم قاتمىدىغۇ بىر يىلدىن ئىشىپتۇ
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3 

GMT+8, 2019-11-21 05:43 , Processed in 0.244313 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش