بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

تېلفۇن نومۇردا كىرىش

جەمئىي مىكروبلوگ 171 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1144|ئىنكاس: 1

[PHP] Chrome نىڭ ئاچقۇچىلار قورالى(DevTools) ئىشلىتىش ماھارىتى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
9 چوڭ ئىقتىدار
1. Elements ئېلېمېنت تاختىسى: بەت تەڭشەش ۋە تەكشۈرۈش، DOM ۋە CSS تەڭشەش.
2. Network تور تاختىسى: ئىلتىماس تەڭشەش، تىنىچ بەتتىكى ئۇچۇرلارنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئېنىقلاش، بىكەتنىڭ ئىقتىدارىنى سىناش.
3. Console باشقۇرۇش تاختىسى: JavaScript تەڭشەش، خاتىرە تەكشۈرۈش، ئىنتېراكتىۋ كود تەڭشەش.
4. Sources ئەسلى كود مەنبە تاختىسى: JavaScript بەتلەرنىڭ ئەسلى كودىنى تەڭشەش، ئۈزۈلۈش نۇقتىسى ئارقىلىق تەڭشەش.
5. Application قوللىنىشچان تاختا: ئابونت ساقلانمىلىرنى تەكشۈرۈش ۋە تەڭشەش، مەسلەن: Cookie、LocalStorage、SessionStorage
6. Performance ئىقتىدار تاختىسى: بەتنىڭ تەپسىلى ئىقتىدارىنى كۆرۈش، تەڭشەش.
7. Memory ئىچكى ساقلىغۇچ تاختىسى: JavaScript CPU ئانالىز قىلغۇچ، ئىچكى ساقلىغۇچ ئانالىز قىلغۇچ.
8. Security بىخەتەرلىك تاختىسى: بىكەت بىخەتەرلىكى ۋە ئىجازەتنامە مەسىلسىنى تەكشۈرۈش.
9. Audis تاختىسى: Google Lighthouse ياردەمچىسىنى ئىشلىتىپ ئىقتىدار ئانالىز قىلىش ۋە تەكشۈرۈش.

قوزغۇتۇش ئۇسۇلى
1. Chrome نىڭ تىزىملىكىدىن 更多工具 > 开发者工具 غا كىرىمىز.
2. تور بىكەت يۈزىدە تۇرۇپ مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چىكىپ، چىققان تىزىملىكتىن 检查 نى تاللايمىز.
3. تىزلەتمە كۇنۇپكا ئارقىلىق قىرىش:
   . مەك كومپىيۇتېردا: command + option + I ، ۋىندوس كومپىيۇتېردا: Ctrl + shift + I ئارقىلىق يېقىندا تاقىۋەتكەن ھالەتنى ئېچىش.
   . مەك كومپىيۇتېردا: command + option + C ، ۋىندوس كومپىيۇتېردا: Ctrl + shift + C ئارقىلىق بىۋاستە Elements ئېلېمېنت تاختىسىغا كىرىش.
   . مەك كومپىيۇتېردا: command + option + J ، ۋىندوس كومپىيۇتېردا: Ctrl + shift + J ئارقىلىق بىۋاستە Console باشقۇرۇش تاختىسىغا كىرىش.

بۇفېرلىق ساقلىغۇچ(缓存) چەكلەش
1. Network تور تاختىسى ئاچىمىز.
2. Disable cache دىگەن تاللاشنى تاللاپ قويمىز.
WX20190828-172649@2x.png


بۇفېرلىق ساقلىغۇچ قول بىلەن تازىلاش
1. كۇنۇپكا تاختىسىدىن command + shift + p نى (ۋىندوس سېستىما ئۈچۈن Ctrl + shift + p) بېسىپ بۇيرۇق رامكىسىنى قوزغتىمىز.
2. ئاندىن clear site data دىگەن بۇيرۇقنى يازىمىز.
TIM截图20190828180701.png

بۇيرۇق يېزىڭ

يوقارقى مەشخۇلاتتا Cookies、WebSQL、Service Workers、Cache Storage、IndexedDB、Local Storage、Application Cache قاتارلىقلار تازلىنىدۇ.

مەزلۇم بىر خەتكۈچ ئاستىدىكى باھارلىق خەتكۈچنى ئېچىش
1. ئېلېمېنت تاللايمىز.
2. ئاندىن style تاختىسىدىكى :hov كۇنۇپكىسىنى چىكىمىز.
3. ئالماشتۇرۇش ھالىتىنى تاللايمىز.
TIM截图20190828181035.png


مەلۇم بىر ئېلېمېنتقا باغلانغان ھادىسىنى تېپىش
1. ئاۋال Elements ئېلېمېنت تاختىسىغا كىرىمىز، ئاندىن ھۆججەت تۈگىنىنى چىكىمىز.
2. ئاندىن Event Listeners بەت خەتكۈچىنى تاللايمىز.
3. مۇناسىۋەتلىك ھادىسىنى ئازىمىز، مەسلەن click دىگەندەك.
4. ئاخىرىدا handler غا مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چىكىپ، Show funciton definition نى تاللايمىز.
TIM截图20190828181332.png
ھۆججەت تۈگىنىنى تاللاش


TIM截图20190828181415.png
Event Listeners بەت خەتكۈچىنى تاللاش


TIM截图20190828181503.png
ھاسىسىنى ئېچىش


TIM截图20190828181746.png
handler چىكىڭ


TIM截图20190828181827.png
نەتىنجە


مەلۇم بىر مەنبە ھۆججەتنى ئېچىش
1. ئاۋال command + p (ۋىدوستا Ctrl + p) نى بېسىپ ئىزدەش كۆزىنىكىنى قوزغىتىمىز.
2. ھۆججەت ئىسمىنى يازىمىز.
3. جەزىملەش كۇنۇپكىسىنى باسىمىز.
TIM截图20190828182033.png


تىز سۈرەتتە مەلۇم كود قۇر سانى تېپىش
1. ئاۋال command + p (ۋىدوستا Ctrl + p) نى بېسىپ ئىزدەش كۆزىنىكىنى قوزغىتىمىز.
2. قۇر سانىنى تولدۇرۇمىز، مەسلەن: «:480»
3. جەزىملەش كۇنۇپكىسىنى باسىمىز.
TIM截图20190828182324.png


كود فورماتلاش
كود فورماتلىقامچى بولغان ھۆججەتنى ئېچىپ، سول ئاستى بۈرجەكتىكى قوش تىرناق بەلگىسىنى چەكسەك بولىدۇ.
TIM截图20190828182451.png


TIM截图20190828182515.png
ئۈنۈم


مەلۇم قۇردىكى كودقا ئۈزۈلۈش نۇقتىسى بەلگىلەش
كودنىڭ سول تەرىپىدىكى قۇر سانىغا مائۇسنىڭ سول كۇنۇپكىسىنى چىكىڭ.
ئەمدى كود ئىچىدىكى قىممەتلەرنى بىۋاستە كۆرەلەيسىز.
TIM截图20190829001611.png


ئۈزۈلۈش نۇقتىسىدىكى ئۆزگەرگۈچى مىقدارلارنى تەكشۈرۈش
1. ئاۋال watch تاختىسىنى ئاچىمىز.
2. ئاندىن + بەلگىسىنى باسىمىز.
3. تەكشۈرمەكچى بولغان ئۆزگەرگۈچى مىقتارنى كىرگۈزىمىز.
4. جەزىملەش كۇنۇپكىسىنى باسىمىز.
TIM截图20190829002901.png

TIM截图20190829002909.png

TIM截图20190829002915.png


يۈكلىنىۋاتقان رەسىمنىڭ كودىنى تېپىش
1. ئاۋال Network تور تاختىسىنى ئاچىمىز.
2. ئاندىن Initiator تىزىملىكتىن ھۆججەت ئىسمىنى چىكىمىز.
TIM截图20190829003049.png

TIM截图20190829003055.png


ئومۇمىي ئىلتىماس بېشى ۋە ئىنكاسنى ئىزدەش
1. ئاۋال Network تور تاختىسىنى ئاچىمىز.
2. ئاندىن سول ئۈستى بۈرجەكتىكى لوپا ئەينەك كۇنۇپكىسىنى باسىمىز.
3. ئېچىلغان ئىزدەش رامكىسىغا ئىزدىمەكچى بولغان سۆزلىكنى يازىمىز.
4. جەزىملەش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ ئىزدەيمىز.
TIM截图20190829003624.png

TIM截图20190829003630.png

TIM截图20190829003638.png


تور ھالىتىنى ئۆزگەرتىش
1. ئاۋال Network تور تاختىسىنى ئاچىمىز.
2. ئاندىن online نى چىكىمىز.
3. تور ھالىتىنى تاللايمىز.
TIM截图20190829003819.png

TIM截图20190829003825.png


تور سۈرەت چەكلەش
1. ئاۋال Network تور تاختىسىنى ئاچىمىز.
2. ئاندىن online نى چىكىمىز.
3. ئاندىن add تۈرىنى تاللايمىز.
4. ئاندىن Add custom profile...  كۇنۇپكىسىنى باسىمىز.
5. ئاندىن تەرتىپ بۇيىچە Profile Name، Download، Upload دەپ كىرگۈزىمىز.
6. ئاندىن add كۇنۇپكىسىنى باسىمىز.
7. ئاندىن Network تور تاختىسىغ قايتىپ يېڭى تور ھالىتىنى تاللىساق بولىدۇ.
TIM截图20190829004115.png

TIM截图20190829004122.png

TIM截图20190829004127.png

TIM截图20190829004133.png

TIM截图20190829004138.png


Console باشقۇرۇش تاختىسىدا DOM تەكشۈرۈش
1. Console باشقۇرۇش تاختىسىنى ئاچىمىز.
2. تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى كىرگۈزىمىز  document.querySelectorAll("#APP")
3. جەزىملەش كۇنۇپكىسىنى باسىپ نەتىنجىسىگە ئېرىشىمىز، قىزىل رەڭلىك رامكىنىڭ چىكىش ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك ئېلېمېنتقا ئاتلىيالايمىز.
TIM截图20190829004625.png

TIM截图20190829004631.png


كونتىرول تاختىسىدا كۆپ قۇرلۇق كود يېزىش
كۇنۇپكا تاختىسىدىن Shift نى بېسىپ تۇرۇپ، جەزىملەش كۇنۇپكىسىنى باسساق قۇر ئاتلايدۇ.
TIM截图20190829011744.png

TIM截图20190829011750.png


قول ئارقىلىق Cookie قۇشۇش
1. ئاۋال Application تاختىسىدا esc كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، كونتىرول تاختىسىنى ئاچىمىز.
2. ئاندىن document.cookie = "test=1" دىگەن بۇيرۇقنى كىرگۈزىمىز.
TIM截图20190829011957.png


قول ئارقىلىق LocalStorage قۇشۇش
1. ئاۋال Application تاختىسىدا esc كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، كونتىرول تاختىسىنى ئاچىمىز.
2. ئاندىن localStorage.setItem('test', '1') دىگەن بۇيرۇقنى كىرگۈزىمىز.
TIM截图20190829012104.png


تەقلىدىي يان تېلېفون تەڭشەش
ئاچقۇچىلار قورالىنىڭ سول ئۈستى بۈرجۈكىدىكى تېلفۇن رەسىملىك كۇنۇپكىسنى باسىمىز، مەسلەن رەسىمدىكىدەك:
TIM截图20190829012236.png


تېلېفۇن تەڭشەك بېتىدىكى تىزىملىكلەر چۈشەندۈرۈلىشى
TIM截图20190829012333.png


سېنزور تەڭشەش تاختىسىنى ئېچىش
1. ئاۋال command + p (ۋىدوستا Ctrl + p) نى بېسىپ ئىزدەش كۆزىنىكىنى قوزغىتىمىز.
2. ئاندىن show Sensors كىرگۈزۈپ جەزىملەيمىز.
TIM截图20190829014152.png


سېنزور تەڭشەش تاختىسىنىڭ چۈشەندۈرۈلىشى

TIM截图20190829014231.png


تور بەتكە User agent تەڭشەش
1. ئاۋال command + p (ۋىدوستا Ctrl + p) نى بېسىپ ئىزدەش كۆزىنىكىنى قوزغىتىمىز.
2. ئاندىن  show Network conditions دەپ كىرگۈزىمىز.
3. ئاندىن Select automatically تاللاش تۈرىنى بىكار قىلىمىز.
4. ئاندىن Custom... تىزىملىكىنى چىكىپ، مۇناسىۋەتلىك ۋاكالەتچى ئۈسكىنىنى تاللايمىز.
TIM截图20190829014440.png

TIM截图20190829014447.png


رەسىم كىسىش
1. ئاۋال command + p (ۋىدوستا Ctrl + p) نى بېسىپ ئىزدەش كۆزىنىكىنى قوزغىتىمىز.
2. ئاندىن screenshot دەپ كىرگۈزىمىز.
3. ئاندىن تۆۋەندىكىدەك رەسىم كىشىش تۈرىنى تاللايمىز.
   . Capture area screenshot تور بىكەتنىڭ مەلۇم بىر بۆلىكىنى كىسىش.
   . Capture full size screenshot تور بىكەتنى تۇلۇق كىشىش.
   . Capture node screenshot مەلۇم خەتكۈچ رايۇنىنى كىسىش.
   . Capture screenshot ھازىر كۆرۈنگەن يۈزنى كىسىش.
TIM截图20190829014750.png


مانا شۇنداق قىلىپ، تۇلۇق بولغان Chrome نىڭ ئاچقۇچىلار قورالى ئىشلىتىش دەرسلىكى پۈتتى. گەرچە نەچچە سائەت ۋاقتىم كەتتى دەپ قارىساممۇ، پروگراممىغا قىزىقىدىغان ۋە يېڭىدىن ئۆگىنىۋاتقان دوستلىرىمىزنىڭ زۈرۈر بىلىملىرى دەپ قارىغانلىقىم ئۈچۈن ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن.

ئەگەر ئاكتىپ ئىنىرگىيىلىك بىلىملەرگە ۋاقتىدا دىققەت قىلىپ تۇراي دەپ ئويلىغان بولسىڭىز، بىلىملەر تورى سالونىنى قوشىۋېلىڭ.

qrcode_for_gh_497fdb266e4a_258.jpg

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!

www.bilimlar.com
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2019-9-9 14:34:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل ھەي ئىسىل
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3 

GMT+8, 2019-11-19 00:32 , Processed in 0.127617 second(s), 37 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش