بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

تېلفۇن نومۇردا كىرىش

جەمئىي مىكروبلوگ 145 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • Elgek تۈنۈگۈن 12:58 [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشىمۇ سىلەر دوستلار

  • uzdilcom 2019-9-7 16:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇزدىل تورى ئەسلىگە كەلدى: http://url ، ھەقسىز تور تېخنىكا دەرسلىكلىرىمىزمۇ ...

  • AKAGMAN 2019-8-29 01:03 [ئىنكاس(1)] [...]

    گىرىن سالونغا ئۇلايدىغان تېلېفونغا پۇل قاچىلاش سىستېمىسى بولسا تەۋسىيە

  • xشاھزادە 2019-8-1 21:06 [ئىنكاس(1)] [...]

    بىلىملەر خەتلىك فىلىم گۇرۇپىسىدىكى دوسلار ھازىرمۇ بامۇ مىنى قۇشۇۋىلىڭلا

  • armanem38 2019-7-19 10:26 [ئىنكاس(0)] [...]

    ماڭا قانۇن نىزاملار توپلىمى دېگەن دېتال بولسا يوللاپ بېرىڭلار .

  • admin 2019-7-15 11:36 [ئىنكاس(4)] [...]

    شۇنداق قىلىپ Flutter دىكى تۇنجى ھەقلىق ئەپنى تاماملىدىم.

  • قىزىق 2019-7-11 12:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇشۇ مىكرو بىلوگ قىستۇرمىسى مۇنبەردە يوقمىدۇ،ھەقلىق بولسىمۇ مەيلىتى

كۆرۈش: 315|ئىنكاس: 5

[Python] Python زادى قانداق تىل؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
    ئاخشام ھەسىنىكام قاپ بەلدىن دېگەندەك ئاۋۋال Python قانداق تىل ئىكەنلىكىنى تونۇشتۇرىۋەتمەي تۇرۇپلا مۇھىت تەييارلاشنى يېزىپ كېتىپتىمەن قېنى ئەمسە دىققىتىڭلار تۆۋەندىكى تېمامدا بولسۇن.
    ئەگەر سىز بىر IT كەسىپى بىلەن شۇغۇللانغۇچى بولسىڭىز، Python نىڭ نېمىلىكىنى ئاڭلاپ باقمىغان بولسىڭىز ئۆزىڭىزنى دەرياغا ئېتىۋالسىڭىز تامامەن بولىدۇ. (چاقچاق  قىپ قويدۇم ھە، يەنە ما تېمىنى كۆرەپ ئۆزەڭلارنى دەرياغا تاشلاپ يۈرمەڭلار جۇما. ئاقىۋىتىگە مەن مەسئۇل ئەمەس بولۇپمۇ ما قىش ۋاقتىدا) بىلمىسەڭلارمۇ ھېچقىسى يوق،  ئاستىدىكى مەزمۇنلارنى ئاتايىن سىلەرگە ئوخشاش بىلمەيدىغانلار ئۈچۈن  تەييارلىدىم.
微信图片_20190825121513.jpg

    (ھە قاچان يەنە ئاخشامقى مەزمۇندىكىگە ئوخشاش بىزنى  قايمۇقتۇرىدىغانسە شۇ!)   ھاي ھاي ھاي ئاخشامقى خاماننى سورىمايدىغان، ئاخشام پەقەت سىلەرگە Java مۇھىتىنى قۇرۇشنىڭ نەقەدەر مۇرەككەپلىكىنى Python ئارقىلىق كۆرسىتىپ قويغانلا يېرىم با، ئاخشام ئاستىغا چۈشكەن ئىنكاسلارنى كۆردۈڭلىغۇ Add Python3.7 to PATH دېگەننى تاللاپ قويسىلا ئۆزى ئاپتۇماتىك مۇھىت قۇرۇپ بېرىدىغىنىنى (ھە راس Java مۇھىتىنى ئاخشامقى يازمىدىكىگە ئوخشاش قۇرىدىغاندۇ ھە... ئىشقىلىپ شۇندا قۇرمىسىمۇ ئوخشىشىپ قالىدۇ )  
微信图片_20190825121555.jpg

    ھازىرىقى ئەڭ مودا بولىۋاتقان پىروگگىرامما تىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن،  Python نۇرغۇن پىنتوزىلىرى بار بولغان IT دۇنياسىدىكى يېڭى بىر ئەۋلاد چولپان دېيىشكە بولىدۇ. بولۇپمۇ ھازىرقى ئەڭ ئالشقا ئېرىشىۋاتقان ھەم قىزىق نۇقتا بولىۋاتقان سۈنئىي ئىدراك (人工智能) بىلەن زىچ باغلىنىشى بار. بۇ ھەم كۆپچىلىكنىڭ بۇ تىلغا ئالاھىدە دىققەت ئېتىبارىنى سېلىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىدىن بىرى.
微信图片_20190825121627.jpg

تەبئىي تىل پەرىقلەندۈرۈش، مەلۇمات قېزىش، ماشىنىلىق ئۆگىنىش....


    بۈگۈن ئەمسە كەمىنە بۇلماق بۇ تىل توغۇرلۇق بىر ئاز سۆزلەپ بېرىدۇ.
微信图片_20190825121659.gif

   ئەڭ ئاۋۋال بىزنىڭ ئىنگىلىزتىلىسى ماڭا ئوخشاش ناچار ئوماقلار ئۈچۈن بۇ تىلنىڭ ئوقۇلىشىنى بىر ئۆگىنىلى ھە
微信图片_20190825121720.jpg

    بۇ خەتنى ئەنگىلىيە تەلەپپۇزى بويىچە ئوقۇساق «پايسىن» دەپ ئوقۇيمىز، ئەگەر ئامېرىكىلىقتەك ئوقۇماقچى بولساق «پايسان» دەپ ئوقۇيمىز. ئەمدى بىزنىڭ يەرلىك تىلىمىز بويىچە قانداق ئوقۇيمىز دېسەڭلا مەن شۇ «پايسون» دەپلا ئوقۇيمەن. بىر بەلەن «O» ھەرىپىنى «ئى، ئا» قىپ ئوقۇسام بىرخىللا تۇيىلىدىكەن  (مەندە سەل مەجبۇرلاش كېسىلى بار شۇڭا توغرا چۈشىنىڭلار ھە ). لېكىن ھەرگىزمۇ ئالپبەگدەك «پىتخون» دەپ ئوقۇپ سامماڭلا ھە، ئۆزەڭلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيسىنى ئاشكارلاپ . لېكىن «پىتخون» دەپ ئوقۇساڭلار ئالپبەگنىڭ ئۆزىنىڭ گېپى بويىچە مەنمۇ سىلەرگە بەش مېتىر نېرىدىن قېنىمنى چاچىرىتىمەن !
    بۇ ئىنگىلىزچە سۆز «بوغما يىلان» ياكى «پېرخون» دېگەن مەنىدە
微信图片_20190825121919.jpg

Python نىڭ لوگوسىغا سىنچىلاپ قارىساڭلار بىرجۈپ بوغما يىلاننى بايقايسىلەر


    Python نىڭ ئىجادچىسى گوللاندىيەلىك Guido van Rossum  دېگەن ئادەم 1989-يىلى روژىستىۋا بايىرىمىدا، ئۆيىدە قىلىدىغانغا ئىش يوق بىكار قېلىپ ، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ بىكار تۇرغىچە بىكار ئىشلە دېگەن گېپى تەسىر قىپ قالدى بولغاي شۇنىڭ بىلەن يېڭىدىن بىر پىروگگىرامما تىلى ياساش نىيەت قىلىپ بۇ تىلنى ياساشقا كىرشكەن. شۇنىڭ بىلەن Python تىلى بارىلىققا كەلگەن. Python دېگەن بۇ ئىسىم، ئۇنىڭ ئەڭ ئامراق تېلىۋىزىيە تىياتىرى «Monty Python»  دىن كەلگەن.
微信图片_20190825121948.jpg

Guido van Rossum


    Python بارىلىققا كەلگەندىن كېيىن، ئەمەلىيەتتە خېلى بىر مەزگىلگىچە ژىلىمان چايدەك يا قىزىق ئەمەس يا سوغۇق ئەمەس بىر تەرەققىيات مەزگىلنى باشتىن كەچۈردى.
1991-يىلى، تۇنجى C تىلى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان Python تەھرىرلىگۈچ دۇنياغا كەلدى.
1994-يىلى، Python 1.0 نەشىرى دۇنياغا كەلدى.
2000-يىلى، Python 2.0 نەشىرى ئېلان قىلىنىپ، ئىچكى ساقلىغۇچ يىغىۋېلىش مېخانىزمى(内存回收机制) قۇشۇلۇپ، Python نىڭ ھازىرىقى تىل رامكىسىغا ئۇل سېلىپ بەردى.
2004-يىلى،  نامى ھەر ياققا پۇر كەتكەن Web رامكىسىى Django دىجانگو دۇنياغا كەلدى.
2008-يىلى، Python3.0 نەشىرى ئېلان قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن پايسون 3-ئەۋلاد دەۋىرىگە كىردى.
2014-يىلى، Python ئورگان تەرەپ بايانات ئېلان قىلىپ 2-ئەۋلاد نەشىرىنى يېڭىلاشتىن توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى

   يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا، سۈنئىي ئىدراك (人工智能)، چوڭ سانلىق مەلۇمات(大数据)، ئىلمىي ھېسابلاش(科学计算)، ئەشيا تورى (物联网) قاتارلىق ساھەلەرنىڭ گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ، سۇ ئۇلغايسا كېمە كۆتۈرۈلىدۇ دېگەندەك، Python مۇ مودا تىللارنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

    بۇ يەرگە Python2 بىلەن Python3 نىڭ ئەڭ چوڭ پەرىقلىرىدىن سېلىشتۇرما رەسىمىنى قىستۇرۇپ قوياي، ئىنگىلىزچىسى ياخشىلار كۈلرەڭ خەتنى، ياخشى ئەمسلەر ئاق رەڭ خەتنى كۆرۈپ پەرىقىنى بىلىۋېلىڭلار

微信图片_20190825122030.jpg


    نۆۋەتتە  خېلى كۆپ چوڭ شىركەتلەر ۋە ئورگانلار كەڭ كۆلەمدە Python ئىشلىتىۋاتىدۇ. مەسلەن Google App Engine، Google Earth، گوگۇل  پاچۇڭ (爬虫  ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىنى تاپالمىدىم نېمە دەپ تەرجىمە قىلىشنى تېما ئاستىدا مۇنازىرىلىشىپ باقساق بولىدۇ)، گوگۇل ئېلانى قاتارلىق تۈرلەردە توختىماي Python ئىشلىتىۋاتىدۇ.  CIA نىڭ ئورگان تورىمۇ Python بىلەن ياسالغان؛ NASA بولسا 1994-يىلىدىن بالاپ Python نى ئاساسلىق پىروگىرامما ئېچىش تىلى قىلغان؛
    دۆلەت ئىچىدە بولسا دوۋبەن (豆瓣) شىركىتىنىڭ ئاساسلىق ھەممە كەسىپى Python ئارقىلىق ئېچىلغان؛ ئەڭ چوڭ سوئال-جاۋاب مەھەللىسى بولغان جىخۇ (知乎) مۇ Python ئارقىلىق ئېچىلغان. ئۇنىڭدىن سىرت ۋاڭيى، تېڭشۈن، سوۋخۇ، جىنشەن قاتارلىق شىركەتلەر ھەم بەزى تۈرلىرىنى Python ئارقىلىق ئېچىۋاتىدۇ.
    IEEE Spectrum ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكىلاتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، 2016-يىلى رەت تەرتىپى 3-ئورۇندىكى پايسون، 2017-يىللىق رەت تەرتىپ تىزىملىكىدە 1-ئورۇنغا ئۆتۈپ ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن پىروگرامما بولغان.

微信图片_20190825122112.jpg

2017-يىللىق IEEE Spectrum ئېلان قىلغان رەت تەرتىپ تىزىملىكى


    2018-يىلى ئېلان قىلغان رەت تەرتىپ تىزىملىكىدە يەنىلا 1-ئورۇندا تۇرۇش بىلەن بىرگە 2-بولغىنى بىلەن بولغان ئارلىقنى يەنە سەل ئۇزارتتى.
微信图片_20190825122130.jpg

2018-يىللىق IEEE Spectrum ئېلان قىلغان رەت تەرتىپ تىزىملىكى


    Python نىڭ بۇنچە تېز ئالقىشقا ئېرىشىپ كېتىشىگە نۇرغۇن سەۋەبلەر بار، تۆۋەندە ئاساسلىق سەۋەبلەردىن بىرقانچىنى ئېلىپ ئېيتساق:
1. ئۆگىنىش ئاسان، يەنى پىروگرامما تىلى بىلەن يېڭى ئۇچىراشقانلارنىڭ پىروگرامما تىلىدىن ساۋاد چىقىرىشىغا تولىمۇ ماس كېلىدۇ.
2. گىرامماتىكىسى ئىخچام ھەم چۈشىنىشلىك، خۇددى ئىنگىلىزچىدا ئۆزىمىزنىڭ دېمەكچى بولغىنىنى ئىپادىلىگەندەك(مەندىن ئىنگىلىزچە سورىساڭلار شۇ خالوۋ ئوكەيدىن باشقىنى بىلمەيمەن ). بەلكىم بۇ كەلگۈسىدىكى پىروگرامما تىلىنىڭ دەسلەپكى شەكلى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
3. Python ناھايىتى قۇلاي ھالدا باشقا تىلدا (C++، Java غا ئوخشاش)  يېزىلغان ئىقتىدار مودۇلىنى (功能模块) يۆتكەپ ئىشلىتەلەيدۇ.
4. مول ھەم كۈچلۈك بولغان ئامبارنىڭ قوللىشى Python نىڭ ئەڭ چوڭ ئارقا تېرىكى دېسەك ھەم ئارتۇق كەتمەيدۇ.

    Python زادى قانچىلىق ئاسان ؟ بىز ئاددى "!Hello World" نى بېسىپ چىقىرىش ئارقىلىق بىر قانچە تىللارنى ئۆز ئارا سېلىشتۇرۇپ باقايلى:

ئەڭ ئاۋۋال ئۆزەم مەكتەپتە ئۆگەنگەن C تىلدا يېزىلىشنى كۆرسىتىپ ئۆتەي
微信图片_20190825122344.jpg

بېسىپ چىقىرىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغىنى 3-قۇردىكى كود

ئۇنىڭدىن كېيىن ++C دىكىنى كۆرۈپ باقايلى:
微信图片_20190825122409.jpg

بۇنىڭدا بېسىپ چىقىرىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغىنى 4-قۇردىكى كود

ئەمدى Java دىكىسىنى كۆرۈپ باقايلى:
微信图片_20190825122434.jpg

ھەقىقى بېسىپ چىقىرىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغىنى 3-قۇردىكى كود

قېنى ئەمسە ئەڭ ئاخىرىدا بىزنىڭ Python نىڭ ئىپادىسىنى كۆرەپ باقايلى:
微信图片_20190825122508.jpg

پەقەت بىر قۇر كود بىلەنلا جايلايدۇ


    «بۇلماق! بۇ ئالغان مىسالىڭغا مەن تەن ئاممايمە!» دېدىڭىزما؟
    بوپتۇ ئۇنداقتا سەل مۇرەككەپرەكىگە كېلەيلى:
    ئەمسە ئەمەلىيرەك مىسالدىن بىرىنى دەپ سىلەرنى قايىل قىممىسام ھېساب ئەمەس!(ئاستىدىكى مەزمۇن قايىل بولمىغانلار ئۈچۈن تەييارلانغان، يېڭىدىن ئۆگىنىش قىزغىنلىقى بارلار قولۇڭلار ئارقىلىق تېلېفوننى غېرىچلاپلا پەرىقىنى تاپساڭلار بولىدۇ جۇما  )
   
     قۇرۇق زەنجىرسىمان جەدۋەلدىن (链表) دىن بىرنى قۇرۇپ، 0-9 غىچە بولغان ساننى زەنجىرسىمان جەدۋەلگە كىرگۈزۈپ، ئاندىن باشتىن باشلاپ بىر-بىرلەپ زەنجىرسىمان جەدۋەلنىڭ ھەربىر تۈگۈن(节点) دىكى قىممەتنى بېسىپ چىقىرىپ باقايلى:

    ئەڭ ئاۋۋال بىزنىڭ مويسىپت ئاقساقال C دىن كەلسۇن
微信图片_20190825122600.jpg

    قانداق غېرىچلىيالىدىڭلارمۇ   غېرىچىڭلار يەتمەي قالدىغۇ دەيمەن

ئەمدىلىكتە Java نۇسقىسىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى
微信图片_20190825122641.jpg


    بۇنى كۆرۈپ سەل ھاياجانلانغان بولىشىڭىز مۇمكىن، Java دا ھەجەپ ئاسانكەن دەپ، ئەمما ئاستىدىكى Python نۇسقىسىنى كۆرگەندىن كېيىن دۇنيا قارىشىڭىزدا ئۆزگىرىش بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

Python ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇش:
微信图片_20190825122705.jpg

    پەقەت ئىككى قۇر بولسىلا يېتەرلىك  (ئەسكەرتىش: مەن بۇ يەردە ھەرگىزمۇ باشقا تىللارنى مەسخىرە قىلغىنىم يوق جۇما، ھەر تىلنىڭ ئۆز ئالدىغا ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى بولىدۇ. C تىلدا يېزىلغان زەنجىرسىمان جەدۋەلنىڭ كودى ئۇزۇن بولغاندەك تۇرغان بىلەن Python نىڭ تېگىنى سۈرۈشتۈرسەك Python مۇ C تىل ئارقىلىق يېزىلغان)

    Python نىڭ ئىلمىي ھېسابلاش، ماشىنىلىق ئۆگىنىش، چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىش، سانلىق مەلۇمات بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق تەرەپلەردىكى كۆزگە كۆرىنەرلىك ئىپادىللىرىنى ئۇنىڭ كۈچلۈك ئامبىرىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. مەسلەن ئەڭ داڭلىق ئامبارىدىن Numpy ۋە sklearn لار ھەربىر سۈنئىي ئىدراك ساھاسىگە كىرىشكە بەل باغلىغانلار  سەل قارىسا بولمايدىغان ئىككى ئامبىرى ھېسابلىنىدۇ.

    بۈگۈنكى تېما مۇشۇ يەردە ئاياغلاشسۇن، ھەربىرىڭلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇپ بەرگىنىڭلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت



مەزكۇر يازما  LearnFans سالونى Sewr نىڭ يازمىسىدىن كۆچۈرۈپ كېلىندى.

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2019-8-25 18:52:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن كۈرۈپمۇ چۈشەنمىدىم جۇمۇ ئۈزۈمنى دەرياغا ئېتىۋالاي دېسەم ماۋۇ تىببىي ساھەدە ئادەم ئازلاپ كەتكىدەك   شۇنداق بولسىمۇ بىر قۇر تەپسىلى ئۇقۇپ چىقتىم ناھايتى تەپسىلى چۈشەندۈرۈش بوپتۇ
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2019-8-28 00:32:19 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىنقىسىغا دېگەندەك قايىل بولمىغان ئىدىم لېكىن كېيىنكى مىسالغا ھەقىقىي تەسلىم بولدۇم  ھې ھې ھې

باھا سۆز

ئىشقىلىپ بەك نوچى تىل بۇ. بىر ئۆگىنىشكە ئەرزىيدۇ.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2019-8-28 10:27
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2019-8-28 10:27:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىكچە يوللىغان ۋاقتى  2019-8-28 00:32
ئالدىنقىسىغا دېگەندەك قايىل بولمىغان ئىدىم لېكىن كېيى ...

ئىشقىلىپ بەك نوچى تىل بۇ. بىر ئۆگىنىشكە ئەرزىيدۇ.
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىتخون قىزىقارلىقلا
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: تۈنۈگۈن 12:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈرۈپمۇ چۈشەنمىدىم جۇمۇ ئۈزۈمنى دەرياغا ئېتىۋالاي دېسەم ماۋۇ تىببىي ساھەدە ئادەم ئازلاپ كەتكىدەك   شۇنداق بولسىمۇ بىر قۇر تەپسىلى ئۇقۇپ چىقتىم ناھايتى تەپسىلى چۈشەندۈرۈش بوپتۇ
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3 

GMT+8, 2019-9-15 20:09 , Processed in 0.135177 second(s), 37 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش