بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

تېلفۇن نومۇردا كىرىش

جەمئىي مىكروبلوگ 189 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 894|ئىنكاس: 5

[Office] مىللىيچە-خەنزۇچە تەرجىمە Word قىستۇرما دېتالىنى ئىشلىتىش چۈشەندۈر...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
مىللىيچە-خەنزۇچە تەرجىمە Word قىستۇرما دېتالىنى ئىشلىتىش چۈشەندۈرۈلىشى
قاچىلاشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار :
1)        بۇ دېتال Word قا قىستۇرما ھالەتتە قاچىلىنىدىغان بولغاچقا،ئىجرا بولۇش مۇھىتىغا بولغان تەلىپى بىر قەدەر يوقىرى، Windows 7ياكى ئۇنىڭدىن يوقىرى بولغان مەشغۇلات سىستېمىسى، Word2010 ياكى ئۇنىڭدىن يوقىرى بولغان نەشىرى، Microsoft .NET Framework4.5.2 ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى نەشىرىدە ئىجرا بولىدۇ .
2)        بۇ دېتال قاچىلىنىش جەريانىدا كومپىيۇتېرنىڭ سىستېما مۇھىتىدىكى كەمچىلىكلەرنى تەكشۈرگەچ قاچىلىنىدىغان بولغاچقا،تورسىز مۇھىتتا قاچىلاشتا نورمالسىزلىق كۆرۈلىشى مۇمكىن،شۇنىڭ ئۈچۈن تورغا ئۇلانغا ھالەتتە قاچىلاشنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئەگەر سىستېمىدا مۇھىتى نورمال بولسا دېتال ناھايتى تېزلا قاچىلىنىپ بولىدۇ.
3)        ئەگەر سىستېما مۇھىتىدا كەمچىلىك بولسا ،بىر تەرەپتىن چۈشۈرۈپ بىر تەرەپتىن قاچىلاشقا كۆپرەك ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن،سەۋرچانلىق بىلەن ساقلاڭ!
4)        نۆۋەتتە بۇ قىستۇرما دېتال توققۇز يۆنىلىشتىكى ئۆزئارا تەرجىمە قىلىشنى قوللايدۇ :
خەنزۇچە > ئۇيغۇرچە | ئۇيغۇرچە > خەنزۇچە
خەنزۇچە > موڭغۇلچە | موڭغۇلچە> خەنزۇچە
خەنزۇچە > زاڭزۇچە  | زاڭزۇچە> خەنزۇچە
خەنزۇچە > چاۋشيەنچە | چاۋشيەنچە> خەنزۇچە
خەنزۇچە > يىزۇچە     | يىزۇچە > خەنزۇچە
خەنزۇچە > جۇاڭزۇچە  | جۇاڭزۇچە > خەنزۇچە
خەنزۇچە > ئەنئەنىۋى موڭغۇلچە | ئەنئەنىۋى موڭغۇلچە> خەنزۇچە
خەنزۇچە > ئەنئەنىۋى قازاقچە  | ئەنئەنىۋى قازاقچە> خەنزۇچە
خەنزۇچە > سىلاۋىيانچە قازاق يېزىقى | سىلاۋىيانچە قازاق يېزىقى > خەنزۇچە
قاچىلاش جەريانى تۆۋەندىكىچە :
1.        يۇمشاق دېتالنى پرىستىن يېشىمىز،پرىستىن يەشكەندىن كېيىنكى ھۆججەت قىسقۇچ تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك بولىدۇ
1.png
2.        安装.exe نى قوش چېكىپ قاچىلاشنى باشلايمىز
2.png
3.        قاچىلاش تاماملانغاندىن كېيىن تۆۋەندىكى رەسىم پەيدا بولسا قاچىلاشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ
3.png
Word نى ئاچساق،قىستۇرما مۇۋەپپەقىيەتلىك قاچىلانغان بولسا،تىزىملىك ئىستونىنىڭ ئەڭ ئوڭ تەرىپىدە "مىللىيچە-خەنزۇچە تەرجىمە" دېگەن بىر تاللاشنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى كۆرىمىز.
4.png
4.        "مىللىيچە-خەنزۇچە تەرجىمە"دېگەننى چەكسەك تۆۋەندىكى ھالەتكە كېلىدۇ
5.png
5.        ئالدى بىلەن سول تارەپتىن باشلاپ تەرجىمە يۆنىلىشىنى تاللايمىز.
5-1.png
6.        تۆۋەندە بىز خەنزۇچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىشنى تاللاپ كۆرەيلى  
7.gif
تەرجىمە قىلمەقچى بولغان مەزمۇننى تاللاپ 翻译 دېگەن كونوپكىنى باسساق تەرجىمە قىلىشقا باشلايدۇ.
替换原文دېگەننى تاللاپ قويساق تەرجىمە نەتىجىسىنى ئەسلىدىكى مەزمۇن ئۈستىگە باستۇرىۋىتىپ پەقەت تەرجىمە نەتىجىسىنىلا كۆرسىتىپ بېرىدۇ،بەلگە قىلمىساق ئەسلىدىكى تەرجىمە قىلماقچى بولغان مەزمۇننىڭ ئاستىغا تەرجىمە نەتىجىسىنى چىقىرىدۇ،ئەسلىدىكى مەزمۇنمۇ يۇيۇلۇپ كەتمەيدۇ.
بۇ ئوقەت دۆلەتلىك تەرجىمە ئىدارىسىنىڭ مەھسۇلاتى بولۇپ تەرجىمە سۈپىتى ھەرھالدا يامان ئەمەس.ئىشلىتىپ باقامسىلە
مەنبە،ئورىفلەم ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سالۇنى qrcode_for_gh_a25c34da4fe0_344.jpg
ئەسلى مەنبە ئۈچۈن بۇ يەرنى بوشراق بېسىڭ
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2019-9-9 14:36:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن قىلسام قاراپلا تۇرىدىغۇ تاڭ
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2019-9-9 19:32:57 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئىشلىتىۋاتىمەن، شۇنداق نورمال ئىشلەۋاتىدۇ، توردىكى ئۆلچەملىك خەۋەرلەرنى بەك ئۆلچەملىك تەرجىمە قىلىدىكەن، ئۆزىمىز يېزىۋالغان تاققا تۇققا گەپلەرنى ئابدۇكېرىم ئابلىزچە تەرجىمە قىلىپ قويىدىكەن، تەھرىرلىۋەتسەكلا ئىشلەتكىلى بولىدۇ, مەن ئىشلىتىۋاتقان مەشغۇلات سىستېمىسى windows 10专业版,ئوففىسنىڭ 2019نەشىرى
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2019-9-15 02:12:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى نەدىن چۈشۈرمە

باھا سۆز

民汉翻译Word插件V2.0  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2019-9-22 16:06
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2019-9-15 04:08:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىتالنى بۇيەردىن چۈشۈرۈڭ:ئالدىرىماي باساسىز
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2019-9-22 16:06:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 沪ICP备19027845号-8 

GMT+8, 2020-1-26 09:59 , Processed in 0.175544 second(s), 38 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش