بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

تېلفۇن نومۇردا كىرىش

جەمئىي مىكروبلوگ 191 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 904|ئىنكاس: 2

[باشقا] پۇتنىڭ بۇ يېرى قېلىن ئادەملەرنىڭ %80نىڭ يۈرىكى چاتاقكەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئىز731 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2019-8-17 16:00  

يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى يۇقۇرى، ئىنتايىن ئېغىر ئاقىۋەتلىك كېسەل، يېنىك بولغاندا كېسەللىك ئاسارىتى قالىدۇ، ئېغىر بولغاندا ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ.
مەيلى قايسى خىل يۈرەك كېسىلى بولسۇن، ھەممىسى بىز كۆرمەكچى بولغان نەتىجە ئەمەس. شۇڭا، كۈندىلىك تۇرمۇشتا يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىنتايىن مۇھىم.  يۈرەك كېسىلىنىڭ تۈرلىرى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسىلى، تۇغما يۈرەك كېسىلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش سەۋەبى ۋە كېسەللىك ئالامەتلىرى ئوخشاش بولمايدۇ، بۈگۈن ئەلداۋا كۆپچىلىك بىلەن تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى توغرىسىدا ئورتاقلاشماقچى.
1.jpg
تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى يۈرەك كېسەللىكىدە بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىلى.
تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن، كۆكرەك ئاغرىش، نەپەس قىسقىراش، يۈرەك رىتىمى نورمالسىز بولۇش، ھېرىپ ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى يۈرەك كېسىلىنىڭ دائىم كۆرۈلىدىغان ئالامەتلىرى بولۇپ، نۇرغۇن تۈردىكى يۈرەك كېسىلىدە پەيدا بولىدۇ. شۇڭا، بۇ ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە، ئەڭ ياخشىسى دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ، قايسى خىل يۈرەك كېسىلى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ، كېسەلگە قاراپ دورا ئىشلىتىش كېرەك.

يۇقىرىدا بىز تىلغا ئالغان كېسەللىك ئالامەتلىرىدىن باشقا، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندا، پۇت قىسمىدىمۇ ئازراق ئۆزگىرىش بولىدۇ.  ياپونىيە بېيلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يۈرەك كېسىلى مۇتەخەسسىسلىرى قان تومۇر توسۇلۇش سەۋەبىدىن تىرەك سېلىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان 241 بىمارنى تەكشۈرگەن، ئۇلار بۇ بىمارلارنىڭ ئىچىدە ئۆكچە پېيى 9 مىللىمېتىردىن ئاشىدىغان كىشىلەر توپى ئىچىدە، %80 ئادەمدە ئاز دېگەندە بىر يۈرۈش تاجىسىمان ئارتېرىيە قان تومۇرىدا توسۇلۇش بارلىقىنى بايقىغان. شۇڭا، ئەگەر تاپىنىڭىزنىڭ قېلىنلاپ قالغانلىقىنى بايقىسىڭىز، چوقۇم سەل قارىماڭ، بۇ تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.
2.jpg
ئۆكچە پېيى تاپان بىلەن پاقالچاقنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان.  بۇ بىزنىڭ بەدىنىمىزدىكى ئەڭ ئۇزۇن ھەم ئەڭ ساغلام بولغان مۇسكۇل پېيى.
تەكشۈرۈشتىن بايقىلىشىچە، ئۆكچە پەي قېلىن كىشىلەر ئاسانلا يۈرەك كېسىلىگە، بولۇپمۇ تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىكەن.  ئەمما ئارىلىق جەھەتتىن قارىغاندا، ئۆكچە پەي بىلەن يۈرەك ئوتتۇرىسىدا خېلى بىر ئارىلىق بار، ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن ئۆكچە پەي تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ؟
3.jpg
بۇنىڭ سەۋەبى ئۆكچە پېيىنىڭ قېلىنلاپ كېتىشى بولۇپ، كۆپىنچىسى بەدەندىكى خولېستېرىننىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن بولىدۇ، قان ئايلىنىش جەريانىدا، زىيادە كۆپ خولېستېرىن ئۆكچە پېيىنىڭ ئورنىغا چۆكۈپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆكچە پېيى بارا ـ بارا قېلىنلاپ كېتىدۇ.  يەنە سېرىق رەڭلىك ئۆسمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قان تومۇرلارنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
بىز ھەممىمىز بىلىمىز، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى قان تومۇر توسۇلۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
4.jpg
كۆپلىگەن ياشلاردا تاجىسىمان يۈرەك كېسەللىك مەسىلىسى كۆرۈلمەكتە، بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ياشلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە، ئۇلار دائىم ئۇزاق ئولتۇرۇپ ھەرىكەت قىلمىغاچقا، ئاسانلا قان تومۇرلاردا داغ پارچىلىرى پەيدا بولىدۇ. ھەرىكەت بىزنىڭ قان ئايلىنىشىمىزنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۈرەك ـ ئۆپكە ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرۇشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ، شۇڭا ھەر كۈنى ئەڭ ياخشىسى يېرىم سائەت ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، تۇز ۋە ياغ تەركىبى تۆۋەن يېمەك ـ ئىچمەك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە دىققەت قىلىش كېرەك.
5.jpg

مەنبە:ئەلداۋا ساغلاملىق سالۇنى
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2019-9-9 14:37:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسمۇيە

باھا سۆز

راس تىببى ئاساسىي بار  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2019-9-19 14:03
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2019-9-19 14:03:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

راس تىببى ئاساسىي بار
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 沪ICP备19027845号-8 

GMT+8, 2020-1-29 18:57 , Processed in 0.222677 second(s), 36 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش