بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

تېلفۇن نومۇردا كىرىش

جەمئىي مىكروبلوگ 109 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • admin 7 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلىملەر تورى مۇلازىمىتېرىغا يېڭىلاش ئېلىپ بېرىلدى.

  • admin 2019-4-20 00:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلىملەردىكى يازمىلارنى سۈپىتىنى يوقىرى كۆتۈرۈشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.

  • XKRT 2019-4-14 23:39 [ئىنكاس(2)] [...]

    بىلىملەر تورى يانفۇن تېرمىنالى قاچان ئېلان قىلىنىدۇ ؟؟؟

  • bayawankuyi 2019-3-28 16:00 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالۇننى دەلىللەشتىن ئۆتكىزەلمەي بەك جىلە بوپكەتتىم ھەجەپ تەسكەن گىرى

  • 艾斯凯尔江 2019-2-24 00:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھەي ھەجەپ پۇل تاپىدىغاننىڭ يولى يوققۇ  قانداق بوپكەتتى ئەمدى  

  • ankar7 2019-1-23 16:56 [ئىنكاس(0)] [...]

    قۇرداش ئونۋىرسال تورى  ئېچىۋىتىلدىwww.kurdax.site

  • admin 2019-1-21 06:08 [ئىنكاس(1)] [...]

    ماۋۇ Flutter ئالامەت نەرسىكەن.

كۆرۈش: 179|ئىنكاس: 0

كومپيۇتېر 1-دەرىجە ئىمتىھانىدىن ئۆتۈشنىڭ مەخپىيىتى ئاشكارىلاندى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
ھىم مانا، كومپيۇتېر دەرىجە ئىمتىھانى بېرىدىغانغىمۇ بىر ئايچە ۋاقىت قالدى. نۇرغۇن ئوقۇش پۈتتۈرۈش ۋە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بۇ ئىمتىھاندىن ئۆتۈشنىڭ غېمىدە تىنىم تاپماي ئۆەىنىۋاتقانلار ساماندە سەككىز، ئەممە كۆپۈنچە ئوقۇغۇچىلار بۇ ئىمتىھاندا نېمىنى ئەڭ پۇختا ئۆگىنىش، نېمىنى ئۆگەنمىسىمۇ ياكى ئىمتىھانغا چىقىش نىسبىتى، ئىشلىتىش نىسبىتى تۆۋەن دېگەنلەرنى بىلىپ بولالماي، نۇرغۇن ۋاقتىنى بەزى مۇھىم بولمىغان نوقتىلارغا سەرپ قىلىۋېتىپ، نەتىجىسى ياخشى چىقماسلىق ياكى زېھنىنى زىيادە سەرپ قىلىۋېتىپ، ئاخىرىدا بەل قويۇۋېتىشتەك مىساللار خېلى كۆپ ئۇچرىدى، شۇڭا بۈگۈنكى يازمامدا سىلەرگە «كومپيۇتېر 1-دەرىجە ئىمتىھانى» بېرىدىغانلار ئۈچۈن مۇھىم ئۇقۇملار ۋە ئۇنىڭ ئىمتىھاندا چىقىش نىسبىتىنى ئېلىپ كەلدىم. شۇنداقلا نۆل سەۋىيەدىن باشلاپ سۆزلەنگەن «كومپيۇتېر 1-دەرىجە ئىمتىھانى» ئۇيغۇرچە دەرسلىكىمۇ بار، ئەلۋەتتە. ئۇنداقتا قۇرۇق گەپنى قويۇپ، مۇھىم نوقتىلارنى باشلىۋەتتىم.

1. جەدۋەلدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى: تاللاش سوئالىدا ئاساسلىقى كومپيۇتېر ئاساسىي بىلىملىرى ۋە كومپيۇتېر مەشغۇلات سىستېمىسى %90 نومۇرنى ئىگەللەيدۇ، قالغىنى ئىنتېرنېت ۋە ئۇنىڭ ئەمەلىي قوللىنىلىشى؛
  2. Windows ئاساسىي مەشغۇلات قىشىمىدا ھۆججەت نۇسخىلاش، ھۆججەت ئىسمىنى ئۆزگەرتىشلەر %99 چىقىدۇ، تېزلەتمە قۇرۇش %38 ئەتراپىدا(بۇمۇ تەس ئەمەس، ئۆگىنىپ قويۇشىڭىز تەۋسىيە قىلىنىدۇ)، ھۆججەت قۇرۇشقۇ ھەممىدىن ئاسىنى. ئۇندىن قالسا ھۆججەت خاسلىقى %99، ھۆججەتنى بىر جايدىن يەنە بىر جايغا يۆتكەش %79، ھۆججەتنى ئىزدەش %10(بۇنىمۇ ئۆگىنىپ قويۇڭ، ئونم يۈرۈش سوئالدا بىر قېتىم ئۇچرايدۇ، ناۋادا سىزگە چىقىپ قالسا ئۆگەنمىگىنىڭىزگە پۇشايمان قىلىپ قالىسىز، ئەمما بۇمۇ سەت ئاسان مەشغۇلات)؛
  3. يېزىق بىر تەرەپ قىلىش Word قىسىمى: بۇنىڭدا Word ئاساسىي مەشغۇلاتى %100 چىقىدۇ. ئابزاس تەڭشەش %96، بۆلەككە ئايرىش %37(بۇ ئاساسەن چىقىدۇ)، ئىزدەش ۋە ئالماشتۇرۇۋېتىش %50، خەت نۇسخىسى تەڭشەش %100، جەدۋەل تەڭشەش %100 چىقىدۇ. دېمەڭ %20 تىن تۆۋەن بولمىسىلا جەزمەن ئۆگەنمىسڭىز بولمايدۇ
  4. جەۋەل بىر تەرەپ قىلىش Excel قىسىمى: بۇنىڭدا Excel نىڭ ئاساسىي مەشغۇلاتى %100 چىقىدۇ. مۇھىملىرىدىن كاتەك تەڭشەش %86، دىئاگرامما تەڭشەش %78، ماتېماتىكىلىق ھېسابلاش %92؛
  5. PPT پىرويىكسىيە بىر تەرەپ قىلىش قىسىمى: بۇنىڭدا خەت تەڭشەش %76، دىكراتسىيە يۆتكەش %50، دىكراتسىيە قىستۇرۇش %40، قېلىپ تەڭشەش %68، كەينى تەڭلىك تەڭشەش %32، دىكراتسىيەنى ھەرىكەت ئۈنۈمى قوشۇش %90.
  6. ئىنتېرنېت قىسىمى: بۇنىڭدا توربېكەتنى ساقلاش %43، ئېلخەت تاپشۇرۇۋېلىپ، ساقلاش %31، ئېلخەت يوللاش %30 دېگەنلەردىن ئىبارەت.

  ئۇنداقتا بۇلارنى قانداق ئۆگىنىش كېرەك؟ بۇلارنى ئۆگىنىش ئۈچۈن مەن يۇقارىدا تەمىنلىگەن جەدۋەل ۋە يېزىپ بەرگەن رىسالە ئىچىدە %20 تىن يۇقىرى بولغان ھەممە مەزمۇننى بىر قۇر قول سېلىپ ئۆگىنىشىڭىز كېرەك. شۇندىلا 60 يۇقىرى نومۇر ئالالايسىز. ئەگەر %20 دىن يۇقىرى مەزمۇننى راۋۇرۇس ئۆگىنىپ بولغان بولسىڭىز 80 دىن يۇقىرى نومۇر ئېلىۋېتىسىز.
  سىزگە تەكىتلەيدىغىنىم: ئۆگىنىشكە ئاجراتقان ۋاقتىڭىز سىزنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆگەنگەنلىكىڭىزنى ئۆلچەشتىكى تارازا بولالماسلىقى مۇمكىن، شۇڭا سىز ئۆگەنمەكچى بولغان نەرسىنىڭ ئەڭ مۇھىملىرىنى جەزمەن كاللىڭىزدا ئايدىڭ قىلىۋېلىشىڭىز كېرەك. شۇنداق بولغاندا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆگىنىش ئۈنۈمىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيسىز.  

  ئازراق ئېلان قىستۇرىدىغان باسقۇچقا كەلدى
  يۇقارىقىلارنى ئۆگىتىدىغان ئۇيغۇرچە دەرسلىك يوقمۇ دەپ قالماڭ، بار!  باھاسى: 150 سوم، ئەگەر سىز سېتىۋالىدىغان ئادەمدىن بىرنى تاپسىڭىز سىزگە باھادا 10 يۈەن ئېتىبار قىلىمىز  . ئېتىبارغا ئېرىشسىڭىز ئۈندىداردا نەقلەپ بېرىمىز نەق مەيداندا
  ئىشقىلىپ بۇ دەرسىمنى ئۆگىنىپ چىقالىسىڭىزلا 1-دەرىجە ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ كېتەلەيسىز، ئەگەر ئۆگىنىپ بولۇپ، ئۆتەلمىسڭىز پۇلىڭىزنى قايتۇرۇپ بېرىمىز(بولاڭخۈي دېمەكچىدە بۇ يەردە)

  ئۇنداقتا كوميۇتېر 1-دەرىجە ئىمتىھانى سۈرەتلىك ئۇيغۇرچە دەرسىنىڭ ئادرېسى مانا: https://ke.qq.com/course/375972?tuin=119bae1a .    ئەگەر ئادرېسى ئېچىلمىسا: بېسىڭ
  ھەقسىز دەرسلىكمۇ بار، ئەمما ئۇنى ئۆگىنىپ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەيسىز، بىراق كۆرۈپ بېقىپ ئاندىن ھەقلىقىنى سېتىۋالاتتىم دېسىڭىز ئۇمۇ بار: https://ke.qq.com/course/381077?tuin=119bae1a . بۇنىمۇ ئاچالمىسىڭىز: بېسىڭ

  ھەي، شۇنداق قىلىپ بۈگۈن مۇشۇنچىلىك كوتۇلداي، مەن سىزگە پەقەت مۇشۇنچىلىكلا ياردەم قىلالايمەن
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3 

GMT+8, 2019-5-21 17:33 , Processed in 0.109328 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش