بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

تېلفۇن نومۇردا كىرىش

جەمئىي مىكروبلوگ 97 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 146|ئىنكاس: 5

[Flutter] Flutter| ئالما-ئاندرويىدقا ئەپ UI رامكىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x


  Flutter  بولسا گۇگۇل شىركىتى كەلگۈسىدىكى ئاندرويىد سىستېمىسىنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان كۆچمە سۇپىلىق فىشا سىستېمىسىغا قوللىنىشچان ئەپ پىروگراممىلىرىنى ئۈچۈن ياساپ چىققان UI رامكىسى بولۇپ، ئۇنى Dart پىروگرامما تىلىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ياساپ چىققان. نۆۋەتتە بۇ كۆرۈنمە يۈز رامكىسىدا ئەپ يازغاندا ئالما-ئاندرويىد سۇپىسىدا بىرلا ۋاقىتتا ئىجرا بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بىردىنبىر رامكا. بۇنىڭدىن بۇرۇن React Native, Xamarn, AppCan... قاتارلىق سۇپا ئاتلاپ كۆچمە ئۈسكۈنىگە ئەپ ئېچىش رامكىلىرى بولۇپ ئۆتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە بىر قەدەر كۆپ تارقالغىنى بولسا React Native بولۇپ، بىراق ئۇ ئالما ۋە ئاندرويىدنىڭ Native زاپچاسلىرى بىلەن React كۆرۈنمە يۈز رامكىسى ئارقىلىق ئېچىلغاچقا، كىشىلەرگە ئانچە ياخشى ئۈنۈم بېرىپ كېلەلمەي كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئوخشاش كود يېزىپ ئىككى سۇپىغا بىراقلا ئىجرا قىلدۇرۇشتا يەنىلا كەمچىللىكلەر كۆپ، ئېچىش ھالقىسى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولغاچقا پىروگراممېرلارنىڭ ئانچە ياقتۇرىشىغا ئېرىشەلمەي قېلىۋاتىدۇ. ئەمما فىلاتتېر ئوخشىمايدۇ، چۈنكى فىلاتتېرنىڭ ئۆزىنىڭ كۆرۈنمە يۈز ماتورى بولۇپ، مەيلى ئالما سىستېمىلىق ياكى ئاندرويىد سىستېمىلىق يانفۇن بولسۇن، ئۇ سىستېمىلارنىڭ ھەرقانداق ئۆزتىل(原生) زاپچاسلىرىغا تايانمايدىغان بولۇپ، تېلېفوننىڭ GPU رى ئارقىلىق كۆرۈنمە يۈزنى سىزىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىنتايىن ئاز كود بىلەن ئىنتايىن ئۈنۈملۈك كۆرۈنمە يۈزنى ئىنتايىن ئازلا كود بىلەن يېزىپ چىقىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سۇپا ھالقىغان ئەپ ياساش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
  ئۇنداقتا Flutter دا ياسالغان داڭلىق ئەپلەردىن قايسى بار دەپ سورىسىڭىز بۇنىڭغا ئالى بابانىڭ 闲鱼 ئەپى، تېڭشۈننىڭ بىۋاستە تارقىتىش ئەپ دېتالىنى مىسال ئالساق يېتەرلىك. ئۇنىڭدىن باشقا خېلى كۆپ دۆلىتىمىز شىركەتلىرىمۇ بۇ رامكىدا ئۆزلىرىنىڭ ئەپلىرىنى ياساۋاتىدۇ.
  شىنجاڭدا فىلاتتېر ئىشلىتىۋاتقانلار قانچىلىك؟ شۇنىڭدا ياسالغان ئەپلەر بارمۇ؟
  نۆۋەتتە شىنجاڭدا بىلىشىمچە فىلاتتېر بىلەن ئۇچرىشىپ، ئازراق ئىش قىلىپ باققانلار 30 دىن ئاشىدۇ. بۇ رامكىدا ئەپ ياسىغانلار نۆۋەتتە شىنجاڭ يىپەك يولى ئارزۇسى تور-تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ «تۇغلۇق ئامبار(سودا) باشقۇرۇش سىستېمىسى»، «باھار كۆپ تىللىق قوش يۆنىلىشلىك لۇغىتى» قاتارلىقلار بار. ئەگەر مەزكۇر ئىككى ئەپكە قىزىققۇچىلار بولسا ئىنكاس قالدۇرساڭلار ئەپنى ئەۋەتىپ بەرسەكمۇ بولىدۇ.
  
  قانداق؟ ئازراق قىزىقىپ قېلىۋاتامسىز؟ ئۆگەنگىڭىز بولسا سىزگە مەن ئەڭ ياخشى مەنبەلەرنى تەۋسىيە قىلىمەن.
  ھەقلىق دەرستىن ئۆگىنىشڭىزنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن. چۈنكى ھەقلىق دەرس ھەقسىز دەرسكە قارىغاندا مەسئۇلىيىتى كۈچلۈك بولىدۇ، شۇڭا مەن ئىككى يۈرۈش ھەقلىق دەرسنى سىلەرگە تەۋسىيە قىلىمەن.
  1-ھەقلىق دەرس: Flutter从入门到进阶-实战携程网App دەرسلىكى. مەزكۇر دەرسلىك دۆلىتىمىزدىكى داڭلىق يۇمشاق دېتال ئىنژېنېرلىرىنىڭ پىروگرامما باغچىسى بولغان مۇكې دەرسخانىسىدا بۈگۈن ئېلان قىلىنغان دەرسلىك. باھاسى 308 يۈەن. كەمىنە بۇ دەرسلىكنى سېتىۋېلىشنى پىلانلاۋاتىمەن. بەلكىم باشقىلارمۇ قېتىلسا بىرلىشىپ سېتىۋالساقمۇ بولىدۇ. بۇ دەرسلىكنىڭ سېتىۋېلىش ۋە كۆرۈش ئۇلانمىسى:بېسىڭ
  2. ھەقلىق دەرس: Flutter实战课程介绍 دەرسلىكى. بۇ دەرس ھازىر 17 قىسىم يوللاندى. ئەمما دەرس سۆزلىگۈچىنىڭ دەرس سۆزلەش ئۇسلۇبى ماڭا ياقمىغاچقا سېتىۋالغان بۇ دەرسلىك توپا بېسىپ ياتىدۇ. بۇ دەرسلىكنىڭ سېتىۋېلىش ۋە كۆرۈش ئۇلانمىسى: بېسىڭ
  يۇقارىقىلار مەن تەۋسىيە قىلىدىغان ھەقلىق دەرسلىكلەر، بۇنىڭدىن باشقا يەنە تېڭشۈن تور دەرسخانىسىدىمۇ بىر نەچچە دەرسلىك بار، ئەمما ئۆزۈم ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمىدىم. ئادرېسى: بېسىڭ

  ئەمدى ھەقسىز مەنبەلەرنى تەۋسىيە قىلىپ ئۆتىمەن. بۇنىڭدا B تورىنىڭ فىلاتتېر سەھىپىسىنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن. بۇ سۇپىدا نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە فىلاتتېرغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ كۆپ سىن دەرسلىك بار بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ پىروگراممېرلىرى سۆزلىگىنىدىن تارتىپ چەتئەللىك پىروگراممېرلارنىڭ سۆزلىگىنىچە بار. ئادرېسى: بېسىڭ

        مۇكې تورىدىكى دەرسنى سېتىۋالىدىغانلار ئاستىغا ئىنكاس قالدۇرۇڭ ياكى 1631634466@qq.com ئېلخېتىمگە خەت قالدۇرۇڭ، سېتىۋالغۇچىلار مەلۇم چەككە يەتكەندە سېتىۋالىمىز
  خوش، قېنى سىزمۇ بۇ كۆرۈنمە يۈز رامكىسىدىن پايدىلىنىپ ئەپ ياساش چۈشىڭىزنى رېياللىققا ئايلاندۇرۇڭ.
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2019-3-7 03:46:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇكې تورىدىكى دەرسلىك ھەقسىزغۇ، ھەقسىز دەرسلىكنى كۆرۈپ چىقىپمۇ Flutter دا ئەپ يازغۇدەك سەۋىيەنى ھازىرلىغىلى بولىدۇ.
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2019-3-7 03:47:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇلار ھەقلىق دەرسلىكنى يېڭىدىن ئېلان قىلىپتىدە، مەن ماتىريال كۆرۈپ يۈرگەندە ھەقلىق دەرسلىكى يوق ئىدى، ھەقسىز دەرسلىكنى كۆرۈپلا، بىلىملەرنىڭ App سىنى باشلاپ كەتكەن، ھازىر پۈتەي دەپ قالدى.

باھا سۆز

ئەسلىي مەنمۇ ئادەتتىكى ئەپلەرنى يازالىغۇدەك سەۋىيەدە ئىدىم، ئەمما بۇ دەرسلىكنى سۆزلىگەن ئوقۇتقۇچى دەرسنى ب  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2019-3-7 18:33
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2019-3-7 18:33:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
admin يوللىغان ۋاقتى  2019-3-7 03:47
ماۋۇلار ھەقلىق دەرسلىكنى يېڭىدىن ئېلان قىلىپتىدە، مەن ...

ئەسلىي مەنمۇ ئادەتتىكى ئەپلەرنى يازالىغۇدەك سەۋىيەدە ئىدىم، ئەمما بۇ دەرسلىكنى سۆزلىگەن ئوقۇتقۇچى دەرسنى بەك ياخشى سۆزلەيتتى. دەرسلىرىنىڭ مۇندەرىجىسىگە قارىساممۇ مەن جىق ئۇچراپ ھەل قىلالمىغان نۇرغۇن مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىش توغرىسىدا سۆلەپتۇ. شۇڭا ياخشى بىر ئۆگىنىش ماتېرىيالى بولغىدەك دەپ ئويلىدىم.
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2019-3-9 19:45:17 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
admin  بولسا سىز ئۆگەنگەن دەرسلىك ئادېرىسىنىمۇ قالدۇرۇپ قويمامسىز
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2019-3-9 19:45:17 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
admin  بولسا سىز ئۆگەنگەن دەرسلىك ئادېرىسىنىمۇ قالدۇرۇپ قويمامسىز
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3 

GMT+8, 2019-3-24 01:11 , Processed in 0.115041 second(s), 30 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش