بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

تېلفۇن نومۇردا كىرىش

جەمئىي مىكروبلوگ 94 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 200|ئىنكاس: 3

[Office] ئوففىس ياردەمچىسى 2019 نەشىرىنى ئىشلىتىپ بېقىڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Yasin417 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2019-2-3 11:17  

تورداشلار ياخشىمۇ سىلەر!
بۇ office ياردەمچىسى دېتالى ئېكسېلغا قىستۇرما بولۇپ ئىشلەيدىغان، ئىسىم تەرجىمە قىلىشنى ئاساس قىلغان باشقا نۇرغۇن قوشۇمچە قولاي ئىقتىدارلار(كىملىك نومۇر مەشغۇلاتى، تەكرارلىق مەشغۇلاتى، شەرتكە ئاساسەن تاللاپ چىقىرىش، يىغىندا ۋە ئوتتۇرچە قىممەت تېپىش سان مەشغۇلاتى، ۋە فورمات توغۇرلاش مەشغۇلاتى قاتارلىقلار)نى ھازىرلىغان «Excel ياردەمچىسى» بىلەن ۋوردقا قىستۇرما بولۇپ ئىشلەيدىغان، ئىملا تۈزىتىشنى ئاساس قىلغان باشقا نۇرغۇن قوشۇمچە قولاي ئىقتىدارلار(سان ۋە ھەرىپ ئارلاش كەلگەن ئۇيغۇرچە  يېزىقنى ئاۋازلىق ئوقۇش،  ياردەم-› قورال قىسىمىدىكى :كود ئالماشتۇرۇش، خەنزۇچە خەتكە تون ۋە پىنيىن قويۇش قاتارلىقلار) نى ھازىرلىغان «Imlachi» ئىملاچى قورالى ۋە ئۈستەل يۈزگە تېزلەتمە شەكلى چىقىرىلغان ، ئىملا تۈكشۈرۈش ۋە تورغا ئۇلانغان ئەھۋالدا جۈملە تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارى بار تەھرىرلىگۈچ Nadir_Imlachi قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئېكسېل ياردەمچىسىنىڭ ئىسىم تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارى ھەقلىق، ئىملاچىنىڭ ئىملا تەكشۈرۈش ۋە ئىملا تۈزىتىش قىسىمى ھەقلىق.
1.png


Excel ياردەمچىسى


كۆرۈنمە يۈزى  تۆۋەندىكىچە:
2.png

ئېكسېلغا قىستۇرما بولۇپ قاچىلىنىدۇ، ئىقتىدارى تۆۋەندىكىچە:
1.        تەرجىمە قىلىش
ئىسىم بار سىتون(رەت) دىن  تاللىغان دائىرىدىكى ئۇيغۇرچە ياكى خەنزۇچە كىشى ئىسىملىرىنىڭ(ئۇيغۇرچە بولسا خەنزۇچىگە، خەنزۇچە بولسا ئۇيغۇرچىگە) تەرجىمىسىنى سىز كۆرسىتىپ بەرگەن رەتتىكى ماس قۇرغا چىقىرىپ بېرىدۇ، بىۋاستە Ctrl+Q تېزلەتمە كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىزمۇ بولىدۇ.
2.        ئىشلەتكۈچى ئامبىرى
سىستېما خاتا تەرجىمە قىلىپ قويغان ئىسىملارنى بۇ يەردىن ئامبارغا قوشۇپ قويسىڭىز، كېيىن سىز كىرگۈزگەن بويىچە تەرجىمە قىلىدۇ.
3.        كىملىك
1)        تەكشۈرۈش: كىملىك نومۇرىنىڭ توغرا خاتالىقىنى تەكشۈرىدۇ، خاتا بولسا قىزىل بويايدۇ.
2)        تۇغۇلغان كۈن: كىملىك نومۇرى بار سىتون(رەت) تىن تاللىغان دائىرىدىكى كىملىك نومۇرىدىن تۇغۇلغان ۋاقتىنى سىز كۆرسىتىپ بەرگەن رەتتىكى ماس قۇرغا چىقىرىپ بېرىدۇ.
3)        يېشى: كىملىك نومۇرى بار سىتون(رەت) تىن تاللىغان دائىرىدىكى كىملىك نومۇرىدىن ياش سانىنى سىز كۆرسىتىپ بەرگەن رەتتىكى ماس قۇرغا چىقىرىپ بېرىدۇ.
4)        جىنسى: كىملىك نومۇرى بار سىتون(رەت) تىن تاللىغان دائىرىدىكى كىملىك نومۇرىدىن جىنس ئايرىمىسىنى سىز كۆرسىتىپ بەرگەن رەتتىكى ماس قۇرغا چىقىرىپ بېرىدۇ.
4.        سان
1)        يىغىندا: تاللىغان دائىرىدىكى سانلانىڭ يىغىندىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
2)        ئوتتۇرچە قىممەت: تاللىغان دائىرىدىكى سانلارنىڭ ئوتتۇرچە قىممىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
3)        ئەڭ چوڭ قىممەت: تاللىغان دائىرىدىكى سانلاردىن ئەڭ چوڭ قىممەتنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
4)        ئەڭ كىچىك قىممەت: تاللىغان دائىرىدىكى سانلاردىن ئەڭ كىچىك قىممەتنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
5)        چوڭ يېزىلىش: تاللىغان دائىرىدىكى سانلارنى چوڭ يېزىلىشقا ئايلاندۇرۇپ بېرىدۇ.
5.        تەكرارلىق
1)        تەكشۈرۈش: تاللىغان دائىرىدىكى تەكرار قىممەت بولسا قىزىلغا بوياپ قويىدۇ.
2)        تەكرار ئەمەسنى كۆرسىتىش: تاللىغان دائىرىدىكى تەكرارلانمىغان قىممەتنى سىز كۆرسىتىپ بەرگەن رەتتىكى ماس قۇرغا چىقىرىپ بېرىدۇ.
3)        ئىككى رەتتىن تەكرارنى سېلىشتۇرۇش:  خالىغانچە تاللىغان(ھەممىنى، مەلۇم دائىرىنى ) ئىككى  سىتوننىڭ ئالدىدىكى سىتوندىكى ئۇچۇر تاللىغان ئارقىسىكى سىتوندا بولسا ئالدى سىتوندىكى ئۇچۇرنى قىزىل بويايدۇ.
6.        تەھرىرلەش
1)        تەڭشەش
خەت نۇسخىسىنى توغرىلاش: سىستېمىنىڭ تەڭشەك قىسىمىدىن تاللىغان كۆڭۈلدىكى ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى بويىچە نۆۋەتتىكى جەدۋەلدىكى تاللىغان دائىرىنىڭ خەت نۇسخىسىنى تەڭشەيدۇ.
قۇر ئېگىزلىكى: تاللىغان دائىرە قۇر ئېگىزلىكىنى تەڭشەيدۇ.
رامكىغا ئېلىش: تاللانغان دائىرىنى رامكىغا ئالىدۇ ۋە ياكى رامكىنى يوقىتىدۇ.
ئوتتۇرىغا توغرىلاش: تاللانغان دائىرىدىكى يېزىقنى ئوڭ-سول ۋە ئاستى-ئۈستىدىن ئوتتۇرىغا توغرىلايدۇ.
بىرلەشتۈرۈش: تاللانغان دائىرىنى بىرلەشتۈرىدۇ  ۋە ياكى ئايرىيدۇ.
2)        قۇر ۋە رەتنى رەڭلەش: تاللىغان كاتەكچە تۇرغان قۇر ۋە رەتنى رەڭلىك كۆرسىتىدۇ.
3)        رەت نومۇرى سېلىش: تاللىغان دائىرىگە سىز كىرگۈزگەن نومۇردىن باشلاپ رەت نومۇرى سالىدۇ.
4)        بوش قۇرنى ئۆچۈرۈش: تاللىغان سىتون دائىرىسىدىن بوش قىممەت بولسا پۈتۈن بىر قۇرنى ئۆچۈرىدۇ.
5)        سۈزۈش ۋە ئېلىش: تاللىغان سىتون دائىرىسىنى تاللىغان شەرتكە ئاساسەن سۈزۈپ ياكى ئېلىپ چىقىرىدۇ.
6)        تاللاپ چىقىرىش: بۇ يەردىن تاللانغان بىر  سىتون دائىرىسىكى قىممەتنى ئاساس قىلىپ شەرت بويىچە باشقا ھۆججەتكە چىقىرىدۇ.
7.        ياردەم
1)        تىزىملاش: سىستېمىنى سېتىۋېلىپ تىزىملاپ ئىشلىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
2)        ھەققىدە ۋە تەكلىپ: بۇ يەردىن سىستېما ئۇچۇرىنى كۆرەلەيسىز، ۋە دېتال ھەققىدە
تەكلىپ بېرەلەيسىز، باشقىلارنىڭ تەكلىپ_جاۋابلىرىنى ئىزدىيەلەيسىز.
3).        تەڭشەك
(1)        كۆڭۈلدىكى ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى: سىز ھۆججەت بىر تەرەپ قىلىشتا تاللاپ ئىشلىتىدىغان ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى بولۇپ، سىستېما ئۇيغۇرچە يېزىقلارنى مۇشۇ خەت نۇسخىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ.
(2)        گۇمانلىق تەرجىمىنى تەھرىرلەشكە كۆرسىتىش: بۇ  تاللانما تاللاقلىق بولسا،ئىسىم تەرجىمە قىلىش جەريانىدا سىستېما گۇمانلىق دەپ قارىغان ئىسىمنى سىزنىڭ تەھرىرلىشىڭىزدىن ئۆتكۈزىدۇ.
(3)        تاللاپ چىقارغاننى ئاپتۇماتىك ئېچىش: بۇ  تاللانما تاللاقلىق بولسا، تاللاپ چىقىرىشتىن ھۆججەت چىقىرىپ بولغاندىن كېيىن ئېچىپ كۆرسىتىدۇ.
(4)        تەكرارلىق مەشغۇلات تەرتىپى ئاستىدىن ئۈستىگە: بۇ  تاللانما تاللاقلىق بولسا، تەكرارلىق مەشغۇلات يۆلىنىشى ئاسىتىن ئۈستىگە قارتا بولىدۇ.
(5)        تەكرارلىقنى تەكشۈرگەندە تەكرارلىق سانىنى كۆرسىتىش: بۇ  تاللانما تاللاقلىق بولسا، تەكرارلىقنى تەكشۈرگەندە تەكرارلىنىش قېتىم سانىنى كۆرسىتىپ بەرگەن سىتوندىكى ماس قۇرغا چىقىرىپ بېرىدۇ.
(6)        دائىم ئىشلىتىدىغان كىملىك باش نومۇرى:بۇ يەرگە سىز تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى دائىم ئىشلىتىدىغان كىملىك باش نومۇرىنى كىرگۈزۈپ قويۇپ، كىملىك نومۇرى كىرگۈزگەندە باشلىنىش نومۇرىنى كىرگۈزمەي، تەكشۈرۈشنى بېسىۋەتسىڭىز سىستېما ئاپتۇماتىك تولۇقلاپ بېرىدۇ.

«Imlachi» ئىملاچى

كۆرۈنمە يۈزى تۆۋەندىكىچە:
3.png


ئىقتىدار تۆۋەندىكىچە:
1)تەكشۈرۈش: مائۇس تۇرغان ئورۇندىكى سۆزدىن باشلاپ ئىملا تەكشۈرىدۇ .
2)تۈزىتىش:مائۇس تۇرغان ئورۇندىكى سۆزدىن باشلاپ ئىملا تۈزىتىدۇ، ئەگەر «ئاپتوماتىك» نى تاللاپ قويسىڭىز ئاپتوماتىك تۈزىتىدۇ.
3)ئوقۇش:مائۇس تۇرغان ئابزاستىن باشلاپ ئۇيغۇرچە ۋە سان ئارىلاشقان مەزمۇننى ئوقۇپ بېرىدۇ، بۇ ئىقتىدار تولۇق نۇسخىسىنى قاچىلىسىڭىز ئىشلەيدۇ.
4) ئايلاندۇرۇش: 1. PDF كە ئايلاندۇرۇش 2.پىنيىن قويۇش  ۋە باشقا
باشقا تېخىمۇ كۆپ ئىقتىدارلار «ياردەم-› قورال» ئىچىدە.

Nadir_Imlachi تەھرىرلىگۈچ


قاچىلانغاندىن كېيىن ئۈستەل يۈزىگە  Nadir_Imlachi نامىدا تېزلەتمە شەكلى چىقىدىغان بولۇپ، كۆرۈنمە يۈزى تۆۋەندىكىچە:

4.png

ئىقتىدارى تۆۋەندىكىچە:
1. ئىملا تەكشۈرۈش.
2. تورغا ئۇلانغان شارائىتتە جۈملە تەرجىمە قىلىش. مەشغۇلات ئۇسۇلى بولسا، تەجىمە قىلماقچى بولغان مەزمۇننى تاللاپ، مائۇسنىڭ ئوڭ تەرەپىنى چەكسىڭىز چىققان تىزىملىكتىن «翻译»(تەرجىمە) نى باسسىڭىز ياكى بىۋاستە Ctrl+Q (كونتىرول+Q) كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز، تورغا ئۇلانغان شارائىتتا، تاللىغان مەزمۇن ئۇيغۇرچە بولسا خەنزۇچىگە، خەنزۇچە بولسا ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىپ باشقا يېڭى كۆزنەككە چىقىرىپ بېرىدۇ.
3. ئوففىس قىستۇرمىسىنى ئوڭششاش. ۋوردتىكى «ئىملاچى» ياكى ئېكسېلدىكى «Excel ياردەمچىسى‹ قىستۇرمىسى قورال سىتونىدىن يوقاپ كەتسە، Nadir_Imlachi تەھىرىرلىگۈچنىڭ ياردەم تېزىملىكىنىڭ ئەڭ ئاستىدىكى «ئوففىس قىستۇرمىنى ئوڭشاش (修复office插件)» نى بېسىش ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرەلەيسىز.(بۇ ئىككى مەشغۇلاتتا ئاۋال ئېچىقلىق ۋورد ياكى ئېكسېل ھۆججىتى بولسا ئاۋال تاقىۋېتىڭ).
-----------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------
قاچىلاپ بولغاندىن كېين، «ياردەم ھۆججىتىنى كۆرەمسىز؟» دەپ ئەسكەرتىدۇ، دېتال بىلەن تۇنجى يۈز كۆرۈشىشىڭىز بولسا، «ھەئە» نى بېسىپ ياردەم ھۆججىتىنى تەپسىلى ئوقۇپ، دېتال توغۇرلۇق دەسلەپكى چۈشەنچىگە ئىگە بولالايسىز.
يېڭى نۇسخىسىنى قاچىلىغاندا بۇرۇنقى نۇسخىسىنى يۇيۋەتمەي قاچىلىسىڭىزمۇ ياكى يۇيۋېتىپ قاچىلىسىڭىزمۇ بولىدۇ، يۇيۋېتىش ئۈچۈن كونتىرول تاختىسىدىن يۇيۋەتىسىڭىزمۇ ياكى   تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك:
5.png

پىروگگىرامما تېزىملىكىدىكى «Office ياردەمچىسى» ئىچىدىكى «卸载Office助手» نى بېسىپ ئۆچۈرسىڭىزمۇ بولىدۇ. ياردەم ھۆججىتىنىمۇ مۇشۇ يەردىن ئېچىپ كۆرەلەيسىز.
بۇ نەشىرى ئوففىسنىڭ 2003 نۇسخىسىدىن 2019 نۇسخىسىغىچە ماس كېلىدۇ،  قاچىلاپ بولۇپ ياردەم ھۆججىتىنى بىر كۆرۈۋېتىشىڭىزنى، قاچىلىغاندىن كېيىنمۇ تېزىملىككە چىقمىسا ياردەم ھۆججىتىدىكى مەسىلە بىر تەرەپ قىلىش كۆرسەتمىسى بويىچە مەشغۇلات قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز.
بۇ سىناق نۇسخىسى بولۇپ بەزى كەمچىلىكلەر بولىشى مۇمكىن، بىز بايقىغان كەمچىلىكلەرنى ۋاقتىدا تۈزىتىشكە تىرىشىمىز، قېنى چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىڭ.
ئوففىس ياردەمچىسى 2019 نەشرىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسى: چۈشۈرۈش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2019-2-6 20:32:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاچىلاش ھۆججىتى ئۆزگىچە چىقىپتۇ.

باھا سۆز

شۇنداقمۇ!  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2019-2-7 17:41
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2019-2-6 20:34:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى ئېرا تور بېكىتىدىن ياسىنجانمۇ سىز  ؟ (كۆپكە ماھىر ئىقتىدارلىق  پروگراممىر) سىلەرنىڭ ھازىر تور بېكىتىڭلار بارمۇ  يوقمۇ ؟
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2019-2-7 17:41:10 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
gheyretjan يوللىغان ۋاقتى  2019-2-6 20:32
قاچىلاش ھۆججىتى ئۆزگىچە چىقىپتۇ.

شۇنداقمۇ!
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3 

GMT+8, 2019-2-20 13:34 , Processed in 0.469588 second(s), 33 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش