بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

تېلفۇن نومۇردا كىرىش

جەمئىي مىكروبلوگ 83 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • diyanat520 19 سائەت بۇرۇن [ئىنكاس(1)] [...]

    ماڭا ھەقسىز كىنو تور بەتتىن بىرسى لازىم بوپ قالدى ئۇستازلارياردەم قىلىڭل...

  • Kinohumar 7 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    قۇتلان سۈزۈك فىلم تورى ئىچىلدى  www.kutlan.cn

  • Kinohumar 7 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    قۇتلان سۈزۈك فىلم تورى ئىچىلدى  www.kutlan.cn

  • jalipka 2018-12-2 20:40 [ئىنكاس(0)] [...]

    ياردەم سورايمەن.مۇنبەرگە ئۇسۇلۇپ قاچىلاپ بەرسەڭلار.3348970786QQ.

  • jalipka 2018-12-2 20:38 [ئىنكاس(0)] [...]

    ياردەم سورايمەن.مۇنبەرگە ئۇسۇلۇپ قاچىلاپ بەرسەڭلار.3348970786QQ.

  • سەنسىز123 2018-12-1 07:52 [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشىمۇ سىلەر بىلىملەر تورىدىكى ئۇستازلار    كەمىنە سەنسىز123  دىن ئوتلۇق سا...

  • admin 2018-11-11 21:12 [ئىنكاس(2)] [...]

    بىلىملەر تورى ئەپ دىتالىدا ھەقلىق دەرسلىك ساتالايسىز.

كۆرۈش: 94|ئىنكاس: 0

Kali linux تىكى دېتاللارنىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرلىشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2018-11-30 10:58:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
Kali linux تىكى دېتاللارنىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرلىشى
kali.png
ياخشىمۇ سىلەر ئوقۇرمەنلەر مۇشۇ ۋاختڭلار خەيىرلىك بولسۇن...
بۈگۈن دوسلارغا kali linux تىكى بىر قىسىم دېتاللارنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرىلىشىنى تونۇشتۇرماقچى ، ھەر بىر ئىشلەتكۈچى بىلىشكە تىگىشلىك نۇرغۇن نەرسىلەر بار ، ئەگەر سىز يېڭى ئۈگەنگۈچى ياكى قىزىققۇچى بولسىڭىزمۇ تەپسىلى ئوقۇپ چىقىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز ، بۇنداق بولغاندا سېستىمىغا بولغان چۈشەنچىڭىز تېىخىمۇ يۇقىرى بولغۇسى.

1.Dmitry
Dmitry بولسا C  تىلىدا تۈزۈلگەن Linux  قا بۇيرۇق يازىدىغان بىر دېتال ، ئالاھىلىكى TCP ئېغىزلىرى ۋە Whois تەكشۈرۈش ، ئېلخەت ئادرىس ، ئىسىم ، سېستىما ئىجرا ۋاقىت ئۇچۇرلىرى ،  مۇلازىمىتىرنىڭ بىر قىسىم مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرى قاتارلىقلارنى تەكشۈرەلەيدۇ  ، ئۇچۇر توپلاش تۈرىگە تەۋە.

2.namp
Namp نىڭ ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈڭ ھەم كۆپ ، مەسىلەن:  ئۈسكىنىنىڭ (مۇلازىمىتىر) توردا بار ياكى يوقلىقىنى ، قايسى ئېغىزلارنىڭ ئوچۇقلىقى  ، ۋە يەنە باشقا ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارى بار ، تور بىخەتەرلىك باشقۇرغۇچىللىرى چوقۇم بىلىشكە تىگىشلىك دېتاللارنىڭ بىرى ، يەنە خاككىرلار ۋە كىراكىرلارنىڭ ياخشى ھەمراھى ، ئۇچۇر توپلاش تۈرىگە تەۋە.

3.dnmap
2009 يىلى ساباستىيان گارسىيا Python دىكى Twisted رامكىسى ئارقىلىق dnmap نى ياسىغان ، kali دىكى namp قا ئوخشاش، ھەرخىل ئۇچۇرلارنى توپلاشقا ئىشلىتىلىدۇ  ، ئۇچۇر توپلاش تۈرىگە تەۋە.

4.zenmap
Zenmap نىڭ ئىقتىدارى ئاساسى جەھەتتىن namp قات ئوخشاش ، zenmap قا بۇيرۇق يېزىپ ئىجرا قىلمايمىز namp نىڭ كۈرۈنمە يۇزى بار نۇسخىسى دېسەكمۇ خاتا كەتمەيدۇ ، ئۇچۇر توپلاش تۈرىگە تەۋە.

5.Maltego
Maltego بولسا بىر ئوچۇق مەنبەلىك يوچۇق ئانالىز قىلىش باھالاش ۋە ئۇچۇر توپلاش ئىختىدارىغا ئېگە دېتال ، كۆرۈنمە يۈزلۈك مائۇس مەشغۇلاتى ئارقىلىق باشقۇرۇپ كەتكىلى بولدۇ ، ئىشلىتىش ئۈچۈن چوقۇم مۇناسىۋەتلىك توربەتكە تىزىملىتىش كېرەك ،  ئۇچۇر توپلاش تۈرىگە تەۋە.

6. regon-ng
regon-ng بولسا سىڭسىپ كىرىش باسقۇچىدىكى مۇھىم ئۇچۇر توپلاش رولىنى ئوينايدىغان دېتال ، يەنە سىسڭىپ كىرىش دېتالى دېسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ ،  تېرمىنالغا بۇيرۇق يېزىش ئارقىلىق باشقۇرىمىز ، ئۇچۇر توپلاش ۋە بۈسۈپ كىرىش تۈرىگە تەۋە.

7.hydra
Hydra بولسا مەشھۇر خاككىرلار گۇۇرۇپپىسى THC تەرىپىدىن ياسالغان ئوچۇق مەنبەلىك ناھايىتى كۈچلۈك بولغان يىشىش ئىقتىدارىغا ئېگە دېتال ، يېشەلەيدىغان تۈرلەيدىن : FTP , MSSQL , MYSQL , POP3, SSH  قاتارلىقلار  بار ، يېشىش بۇزۇش تۈرىگە تەۋە.

8.nikto
Nikto بولسا يۇچۇق تەكشۈرۈش تۈرىگە تەۋە دېتال ، تور بەتكە نىسبەتەن كۆپ خىل سىكاننېرلارش ئېلىپ بارالايدۇ، بەلگىلەنگەن ئاپراتتىكى مۇندەرىجە ،  cookie  ، cgi يۇچۇقى ، xss يۇچۇقى ،  sql يۇچۇقى قاتارلىقلارنى تاپالايدۇ ، سىكاننېر تەكشۈرۈش تۈرىگە تەۋە.

9. Sparta
Sparta بولسا nmap , niikto hydra قاتارلىق نۇرغۇن دېتاللارنىڭ ئىقتىدارىنى ئۈزىگە جەملىگەن بولۇپ تور بەتكە نىسبەتەن ھەرخىل تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بارالايدۇ ، سىكاننېرلاش تەكشۈرۈش ۋە يېشىش تۈرىگە تەۋە.

10. Golismero
Golismero بولسا بەلگىلەنگەن ئادرىسقا نىسبەتەن بىر قىسىم تەكشۈرۈش سىكاننېرلار ئېلىپ بېرىش ئىقتىدارىغا ئېگە دېتال، تېرمىنالغا بۇيرۇۇق يېزىش ئارقىلىق ئىجرا قىلىنىدۇ ، تەكشۈرۈش ۋە سىكاننېرلاش تۈرىگە تەۋە.

11. Lynis
Lynis بولسا Linux مۇھىتىدىكى بىر بىخەتەرلىك يۇچۇقى تەكشۈردىغان دېتال. ئۇ سېستىمىنىڭ بىخەتەرلىك يۇچۇقىنى ، سېستىمىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ، قاچىلانغان يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئۇچۇرىنى ، سەپلىمە ئۇچۇرىنى ، سېستىمىغا پارول سېسلىنغانمۇ ياقمۇ ، سېستىمىنىڭ ئابونت ئۇچۇرى ۋە يەنە ئوت تام دېگەندەكلەرنى تەكشۈرەلەيدۇ . تەكشۈرۈش يوچۇق تېپىش ۋە تۈرىگە تەۋە.

21.Commix
Commix بولسا Python ئارقىلىق ياسىغان يوچۇق تەكشۈرۈش سىڭىپ كىرىش تۈرىگە تەۋە يۇمشاق دېتال.

13. BurpSuite
BurpSuite بولسا ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك كۆپ ئىشلىتىشچان دېتللارنىڭ بىرسى، ئۇچۇر بىخەتەرلىك خادىملىرى بىلىشكە تىگىشلىك يۇمشاق دېتاللارنىڭ بىرسى ، يوچۇق ئانالىز قىلىشتىكى كوزۇر دېتال ، Proxy , Spider , Scanner , Intruder , Repeater , Sequencer , Decoder , Comparer   قاتارلىق قېلىپلىرى بار.  تەكشۈرۈش ۋە يوچۇق تېپىش تۈرىگە تەۋە.

14. HTTrack
HTTrack بولسا ئوچۇق مەنبەلىك دېتال، تور بەتنى كىلونلاپ ھەرخىل بېلىق تۇرۇش بەتلىرىنى ھاسىل قىلالايدۇ . مەسىلەن : بىرە ھېساباتىمىزنى ئاچىدىغان كىرىش كۆزنىكى بار تور بەتتىن بىرسى بولسا ، بۇيرۇق بەرگەندىن كېيىن شۇ توربەتنى چۈشۈرۈپ ئۆزگەرتىپ بېلىق تۇتىدىغان قىلتاق بەتكە ئايلاندۇرۇپ تەييارلاپ بېرىدۇ ، ئاندىن قارشى تەرەپ ئۇچۇرلىرىنى كىرگۈزۈپ ئاچسا ئۇچۇرلىرىنى كۆرەلەيمىز ، ئاددىسى مانا مۇشۇنداق ، بۇنىڭ يەنە نۇرغۇن ئىقتىدارلىرى بار. تور بەت ئۇچۇرلىرىنى كىلونلاش تۈرىگە تەۋە.

15. owasp zap
owasp zap بولسا ئوچۇق مەنبەلىك  ھەقسىز ئىشلىتىش قولاي بولغان نۇرغۇن يۇچۇق تەكشۈرۈش ئانالىز قىلىش قىستۇرمىللىرىنى ئۆزىگە جەملىگەن بىر دېتال. يۇچۇق تەكشۈرۈش تۈرىگە تەۋە.

16.paros
Paros بولسا تور بەتكە نىسبەتەن يوچۇق تەكشۈرۈش ئانالىز قىلىش ، قۇرۇت ياماش تۇرۇش (网络爬虫) قاتارلىق ئۈچ چوڭ ئالاھىلىكى بار دېتال ، يوچۇق تەكشۈرۈش تۈرىگە تەۋە.

17.sqlmap
Sqlmap بولسا SQL يۇچۇقى ئارقىلىق بۆسۈپ كىرىش دېتالى ، بۇ دېتال تور بەت بىلەن ھەپلىشىۋاتقان باللارغا ناتونۇش بولمىسا كېرەك ، قوللايغان ساندان تىپلىرىدىن : MySQL,Oracle,PostgreSQL,Microsoft SQL Server,Microsoft Access,IBMDB2,SQLite,Firebird Sybace,SAP MaxDB قاتارلىقلار بار ، بەش خىل ئالاھىدە SQL سىڭىپ كىرىش ئالاھىدىكىگە ئېگە. سىڭىپ كىرىش تۈرىگە تەۋە.

18.w3af
w3af بولسا تور بەتكە نىسبەتەن ھۇجۇم ۋە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارالايدىغان دېتال، 130 خىل ئارتۇق قىستۇرمىسى بار ، توربەتكە قۇرۇت ياماشتۇرۇش SQL ئارقىلىق سىڭىپ كىرىش قاتارلىق ئىقتىدارى بار. يۇچۇق تەكشۈرۈش كىرىش تۈرىگە تەۋە.

19.wpscan
Wpscan بولسا Wordpress كە قارىتا ھەرخىل تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بارالايدۇ ، Wordpress نىڭ نەشىرى ئۇسلۇبى ، قىستۇرمىسى ، يەنە ئارقابەت ئابونت ئىسمى ۋە پارولنى بۇزۇش قىستۇرمىلاردىكى يۇچۇقلارنى تەكشۈرۈش ۋە ھۆكۈم قىلىش قاتارلىق ئىقتىدارلىرى بار.

20.HexorBase
HexorBase بولسا ساندان پارولىنى قولغا چۈشۈردىغان ئىقتىدارى كۈچلۈك ، كۆرۈنمە يۈزلۈك دېتال ، ساندان باشقۇرۇش ۋە ساندىننىڭ ھەرخىل ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىشتىكى كوزۇر ، ھازىرقى مودا بولىۋاتقان MySQL , Oracle , PosrgreSQL , SQLite , SQL Server قاتارلىق بەش چوڭ سانداننى قوللايدۇ . پارول تېپىش، ساندان ئۇچۇرلىرىغان ئېرىشىش تۈرىدىكى دېتال.

21. JSQL
JSQL بولسا ئېچىۋېتىلگەن ئاپتوماتىك سىڭىپ كىرىش دېتالى ، ئۇ ساندان  مۇلازىمىتېر ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈش ، ئارقابەت پاروللىرىنى بۇزۇش ، ھۆججەت ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىش ، Web shell , SQL shell نى ئېلىش ، يۇچۇقتىن پايدىلىنىپ ياغاچ ئات چىقىرىش ھۆججەتلىرىنى چىقرىش ، تەھرىرلەش توپ ھالەتتە يوچۇق تەكشۈرۈش ۋە ئانالىز قىلىش ، ئىقتىدارىغا ئېگە دېتال ، سىڭىپ كىرىش ۋە ساندان تۈرىگە تەۋە.

22.sqlsus
Sqlsus بولسا Perl تىلىدا تۈزۈلگەن MySQL سىڭىپ كىرىش ۋە توپلاش دېتالى ، ئۇنىڭ مۇلازىمىترنىڭ قۇرۇلمىسىغا ئېرىشىش ۋە سىڭىپ كىرىش ، مۇلازىمىتىر نىڭ ھۆججەتلىرىنى چۈشۈرۈش ، ئارقا ئىشىك قويۇش شۇنداقلا مۇلازىمىتىردىكى ھۆججەتلەرنى كۆپەيتىۋېلىش مۇلازىمىتىرنىڭ ھوقوقلىرىغا ئېرىشىش قاتارلىق ئىقتىدارلىرى بار ، سىڭىپ كىرىش ۋە ساندان تۈرىگە تەۋە.

23.crunch
Crunch بولسا بەلگىلەنگەن فورمىلا ھەرپ بەلگىلەرگە ئاساسەن مەخپى نۇمۇر ھاسىل قىلىپ بېرىدىغان ئىقتىدارغا ئېگە دېتال  . پارول تۈرىگە تەۋە يۇمشاق دېتال

24.hashcat
Hashcat بولسا ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك پارول يېشىشتە كەم بولسا بولمايدىغان دېتللارنىڭ بىرى ، Linux  ھەم Windows مۇھىدا ئىشلەتكىلى بولىدۇ، پارول يېشىش تۈرىگە تەۋە دېتال.

25.john
John بولسا ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشكەن سېستىما پارولىنى يېشىدىغان دېتال ، پارول لوغىتىغا ئاساسەن پارول يېشىدۇ ، linux , unix windows يەنە ھەرخىل پاروللارنى يېشىشتە ئىشلىتىلىدىغان دېتال ، مەخپى نۇمۇر يېشىش تۈرىگە تەۋە.

26. Medusa
Medusa بولسا ئۈستىگە دەپ ئۆتكەن hydra غا ئوخشاش دېتال ئىككىسى ئاساسى جەھەتتىن ئوخشىشىپ كېتىدۇ ، پارول يىشىش بۇزۇش تۈرىگە تەۋە.

27. ncrack
Ncrack بولسا ئۈستىگە دەپ ئۆتكەن hydra غا ئوخشاش دېتال مۇلازىمىتېر تور ئۈسكىنىلىرىنىڭ بېخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشتە ياخشى دېتال ھېسابلىنىدۇ، پارول يىشىش بۇزۇش تۈرىگە تەۋە.

28. Ophcrack
Ophcrack بولسا ناھايىتى كۈچلۈك بولغان سېستىما پارولىنى يېشىش دېتالى ، Windows سېستىمىسىنىڭ ناھايىتى مۇرەككەپ بولغان پارولىنىمۇ نەچچە مىنۇت ئىچىدىلا يېشىۋېتەلەيدۇ دەپ تەرىپلىنىدۇ ، كۆرۈنمە يۈزلۈك دېتال ، نۇرغۇن سېستىمىلاردا ئىجرا قىلغىلى بولىدۇ. پارول يىشىش بۇزۇش تۈرىگە تەۋە.

29. pyrit
Pyrit بولسا WPA/WPA2 نى يېشەلەيدىغان (سىمسىز تور) دېتال ، پارول يېشىش ، سىمسىز تور تۈرىگە تەۋە

30. aircrack-ng
aircrack-ng بولسا ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشكەن سىمسىز تور پارولىنى يىشىش ، سىمسىز تور ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىش ، ئانالىز قىلىش ئىقتىدارىغا ئېگە دېتال  WPA/WAP2-PSK قاتارلىقلارنى يېشەلەيدۇ. پارول يېشىش ، سىمسىز تور تۈرىگە تەۋە.

31. cowpatty
Cowpatty بولسا WPS/PSK سىمسىز تور پارولىنى يېشىدىغان دېتال ، پارول يېشىش ، سىمسىز تور تۈرىگە تەۋە.

32. Fern WIFI Cracker
Fern WIFI Cracker بولسا Python ئارقىلىق يېزىلغان سىمسىز تورغا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارالايدىغان يېشەلەيدىغان ، كۆرۈنمە يۈزلۈك دېتال ، پارول يېشىش ، سىمسىز تور تۈرىگە تەۋە.

33. kismet
Kismet بولسا قوللىنىشچان بولغان سىمسىز تورغا مۇناسىۋەتلىك دېتال ، سىمسىز تورنىڭ MAC ئادرىسى قانال سىگنال ئاجىز كۈچلۈكلىكى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈش ئىختىدارى بار ئەلۋەتتە ئىختىدارى بۇنىڭ بىلەن چكلىنىپ قالمايدۇ. سىمسىز تور تۈرىگە تەۋە.

34. MDK3
MDK3 بولسا سىمسىز تورغا مۇناسىۋەتلىك دېتال بولۇپ ، نۇرغۇن تەقلىدى سىمسىز تور سىگنالى تارقىتىپ قىلتاق قۇرۇش ، نىشان سىمسىز تورنى كاشىلىغا ئۇچۇرتىش قارتارلىق ئىختىدارغا ئېگە ، سىمسىز تور تۈرىگە تەۋە.

35. mfor
Mfor بولسا بىرخىل IC كارتىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش يېشىش قاتارلىق ئىقتىدارىغا ئېگە دېتال ، ئەلۋەتتە بۇيرۇق يېزىش ئارقىلىق ئېجرا قىلىنىدۇ ، يەنى ھەرخىل تاماق كارتىللىرى بەزى ئورۇنلارنىڭ ئالاھىدە ئەزالىق كارتىسى قاتارلىق بۇنداق كارتىلارنىڭ  تۈرىمۇ ناھايىتى كۆپ ، IC كارتا يېشىش تۈرىگە تەۋە.

36.apktool
Apktool بولسا apk  دېتاللارنىڭ بىر قىسىم ئۇچۇرلىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان دېتال ، بۇ دېتال ئاندىرويد ئەپ دېتالىنىڭ ئىشلىرىنى قىلىدىغان بالىلارغا ناتونۇش بولمىسا كېرەك ، بۇ دېتالنىڭ ھەرخىك مۇھىتتا ئىجرا بولىدىغان مۇسخىللىرى بار . ئاندرويد تۈرىگە تەۋە.

37. dex2jar
dex2jar بولسا apk دېتاللارغا بېر قىسىم ئۆزگەرتىشلەرنى كىرگۈزىدىغان دېتال ، dex ھۆججىتىنى jar ھۆججىتىگە ئالماشتۇرىدۇ. ئاندرويد تۈرىگە تەۋە.

38. edb-debug
edb-debug بولسا دېتاللارغا قارىتا ھەرخىل سىناش تەكشۈرۈش ئۇچۇرلىرنى ئۆزگەرتىش قاتارلىقلارنى ئېلىپ بارالايدۇ ollydbg نىڭ ئىقتىدارىغا ئوخشاپ كېتىدۇ ، كۆرۈنمە يۈزلىك دېتال ، سىناش تەكشۈرۈش تۈرىگە تەۋە.

39. javasnoop
Javasnoop بولسا java دىن تۈزۈلگەن يۇمشاق دېتاللارغا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارالايدىغان دېتال ، سىناش تەكشۈرۈش تۈرىگە تەۋە.

40. ollydbg
Ollydbg بولسا ناھايىتى قوللىنىشچانلىقى كۆپ بولغان،  دېتاللارغا قارىتا ھەرخىل ئۆزگەرتىش ھەقلىق دېتاللارنى يىشىش ، مەخپىلەشتۈرۈش قاتارلىقلارنى ئېلىپ بارالايدىغان دېتال ، kali دىمۇ ئوخشاشلا كۆرۈنمە يۈزلۈك دېتاللارنىڭ بىرسى ھېسابلىنىدۇ ، مائۇس مەشغۇلاتى ئارقىلىق باشقۇرىمىز ، بۇ دېتالنىڭ Windows تا ئىشلەيدىغان نۇسخىسىمۇ بار ، قىستۇرما ئىختىدارلىرى ناھايىتى كۆپ ،  سىناش تەكشۈرۈش تۈرىگە تەۋە.

41.metasploit
Metasploit بولسا ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشكەن يوچۇق تەكشۈرۈش يوچۇقتىن كىرىش دېتالى Kali linux دى كوزۇر دېتاللارنىڭ بىرسى مەيلى Windows ۋەياكى باشقا سېستىمىلار بولسۇن تەمىنلەنگەن يوچۇق ھۆججىتى بولسىلا يوچۇقتىن پايدىلىنىپ قارشى تەرەپنىڭ  كومپيوتېرىغا كىرگىلى بولىدۇ. يوچۇق تەكشۈرۈش سىڭىپ كىرىش تۈرىگە تەۋە.

42. Armitage
Armitage بولسا ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشكەن يوچۇق تەكشۈرۈش ۋە يوچۇقتىن سىڭىپ كىرىش دېتالى، يەنى Metasploit نىڭ كۆرۈنمە يۈزلۈك دېتالى دىيىشكىمۇ بولىدۇ ، يوچۇق تەكشۈرۈش ۋە سىڭىپ كىرىش تۈرىگە تەۋە.

43.Beef
Beef بولسا ناھايىتى داڭلىق بولغان XXS يوچۇقىدىن پايدلىنىش ئىقتىدارىغا ئېگە رامكا ، بۇنى يەنە باشقا دېتاللار بىلەن بىرىكتۈرۈپ ئىشلىتىكە بولىدۇ ، مەسىلەن:MSF  ، يوچۇق تەكشۈرۈش ۋە چويۇقتىن پايدىلىنىش تۈرىگە تەۋە.

نۆۋەتتە ئوقۇش ئالدىراشچىلىقى بىلەن دېتاللانى تونۇشتۇرۇش مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن ، ئەلۋەتتە مەزكۇر سېستىما توختاۋسىز يېڭىلىنىپ ، تۈرلۈك ئىختىدار ۋە دېتاللارقوشۇلىۋاتىدۇ. يۇقىردىكىسى پەقەت سېستىمىدىكى مەلۇم بىر قىسىم دېتاللار ، يەنە تونۇشتۇرۇلمىغان نۇرۇن دېتاللار بار ، قىزىققۇچىلار ئۆزۈڭلار قول سېلىپ سىناپ باقساڭلار بولىدۇ. .....  
يەنە دېسەك يەنە شۇ ، يامان يوللار ئۈچۈن مەزكۇر دېتاللارنى سىناپ باقماڭلار. ھەممىمىز بىرلىكتە ساغلام بىخەتەر تور مۇھىتى بەرپا قىلايلى.

ئېلىكىتاپ نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش: مۇشۇ خەتنى بېسىڭ
باشقۇت \ 2018-11-30 \ ج \ 8:58

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3 

GMT+8, 2018-12-14 20:03 , Processed in 0.187547 second(s), 33 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش