بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

تېلفۇن نومۇردا كىرىش

جەمئىي مىكروبلوگ 83 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • diyanat520 20 سائەت بۇرۇن [ئىنكاس(1)] [...]

    ماڭا ھەقسىز كىنو تور بەتتىن بىرسى لازىم بوپ قالدى ئۇستازلارياردەم قىلىڭل...

  • Kinohumar 7 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    قۇتلان سۈزۈك فىلم تورى ئىچىلدى  www.kutlan.cn

  • Kinohumar 7 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    قۇتلان سۈزۈك فىلم تورى ئىچىلدى  www.kutlan.cn

  • jalipka 2018-12-2 20:40 [ئىنكاس(0)] [...]

    ياردەم سورايمەن.مۇنبەرگە ئۇسۇلۇپ قاچىلاپ بەرسەڭلار.3348970786QQ.

  • jalipka 2018-12-2 20:38 [ئىنكاس(0)] [...]

    ياردەم سورايمەن.مۇنبەرگە ئۇسۇلۇپ قاچىلاپ بەرسەڭلار.3348970786QQ.

  • سەنسىز123 2018-12-1 07:52 [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشىمۇ سىلەر بىلىملەر تورىدىكى ئۇستازلار    كەمىنە سەنسىز123  دىن ئوتلۇق سا...

  • admin 2018-11-11 21:12 [ئىنكاس(2)] [...]

    بىلىملەر تورى ئەپ دىتالىدا ھەقلىق دەرسلىك ساتالايسىز.

كۆرۈش: 218|ئىنكاس: 1

[دەرسلىك] ئۇچۇر دىگەن نىمە؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2018-11-23 18:35:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
مۇشۇخەتنى بىسىپ مەزمۇننى كۆرۈڭ ؟

1

1

بۇ تىمىنى538476087 it软件教育问答群


优势老歌سالونى ئالاھىدە قوللىغان
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2018-11-24 02:31:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۇچقۇن` تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2018-11-24 02:34  

ئۇچۇردىگەن نىمە ؟
كەڭ مەنىدىن ئىيتقاندا، ئۇچۇر خەۋەر دىمەكتۇر.ئۇچۇر بولسا رەقەم، يېزىق،بەلگە ، تىل قاتارلىق ۋاستىلار ئارقىلىق ۋەقە، شەيئى،ھادىسە قاتارلىقلارنىڭ مەزمۇنى، سانى ياكى ئالاھىدىلىكىنىڭ ئىپادىلنىشى.كومپىيۇتېر ساھەسىدە بولسا ئۇچۇرنى رىئال دۇنيادىكى شەيئىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇق شەكلىياكى ھەرىكەت ھالىتىنىڭ ئەكىس ئەتتۇرلىشى دەپ قارايمىز.
ئۇچۇر توشۇغۇچى ۋاستىلارغا نىمىلەركىرىدۇ؟
كىتاپ، گىزىت-ژورنال، رادىئو،تېلىۋىزور،تېلىگىراف ئالاقىسى، ئېنتىرنىت تورى قاتارلىقلار ھەممىسى ئۇچۇرتوشۇغۇچى ۋاستىلارغا كىرىدۇ.
كومپىيوتىر دىگەن نىمە؟
يۇقىرى سۈرئەتتە ھىساپلاش ۋە كونتىروللاش ئىلىپبارىدىغان ۋە ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىدىغان ئىلېكتىرونلۇق ئۈسكىنە.
دۇنيادىكى تۇنجى كومپىيوتىر قاچانقەيەردە بارلىققا كەلگەن؟ نامى نىمە؟
دۇنيادىكى تۇنجى كومپىيوتىر 1946ـ يىلى 2-ئايدائامىرىكىدا مۇۋەپپىقىيەتلىك ياساپ چىقىلغان. ئۇنىڭ  نامى  ENIAC
ENIAC نىڭ مەنىسى «ئېلىكتىرونلۇق، رەقەملىك،ئىنتىگرال كومپىيوتىر »
كومپىيوتىرنىڭ قوللىنىش دائىرىسىقايسىلار؟
ئىلمىي ھىسابلاش، ئۇچۇر بىرتەرەپ قىلىش،جەرياننى كونتۇرۇل قىلىش، كومپىيۇتېر ياردىمىدىكى لايىھىلەش ۋە ئوقۇتۇش، تور،سۇنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق تەرەپلەردە كەڭ قوللىنىلماقتا.
كومپىيوتىرنىڭ تەرەققىيات تارىخىقانچە دەۋرنى بىسىپ ئۆتتى؟
4دەۋرنى بىسىپ ئۆتتى:
1.ئەۋلاتكومپىيوتىر (1946-1956) ئىلىكتىرون لامپىدىن تۈزۈلگەن.
2.ئەۋلات كومپىيوتىر (1956-1964) كىرىستاللامپىدىن تۈزۈلگەن.
3.ئەۋلات كومپىيوتىر (1964-1972) ئوتتۇراكۆلەملىك توپلاشتۇرغان توك يولىدىن تۈزۈلگەن.
4.ئەۋلات كومپىيوتىر (1972-ھازىرغىچە) چوڭكۆلەملىك توپلاشتۇرغان توك يولىدىن تۈزۈلگەن.
نويمان قورۇلمىلىق كومپىيوتىر دىگەننىمە؟
پىروگىرامما ساقلاش شەكلىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانكومپىيوتىر.
كومپىيوتىرنىڭ قوللىنىش دائىرىسىقايسىلار؟
1)پەن تىخنىكىلىق ھىسابلاش
2)سانلىق مەلۇمات بىر تەرەپ قىلىش
3)جەرياننى كونتىرول قىلىش
4)كومپىيوتىرياردىمىدە لاھىيەلەش(CAI)ۋەكومپىيوتىر ياردىمىدە ئوقۇتۇش (CAD)
5) سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار
مۇكەممەل  بىر كومپىيوتىر سىستىمىسى قانچە قىسىمدىنتۈزىلىدۇ؟
قاتتىق دىتال ۋە يۇمشاق دىتال دەپ ئىككى چوڭقىسىمدىن تۈزىلىدۇ.
قاتتىق دىتال دىگەن نىمە؟
كومپىيوتىرنىڭ فىزىكىلىق ئۈسكىنىلىرىنىڭ ئورتاقئاتىلىشى.
يۇمشاق دىتال دىگەن نىمە ؟
قاتتىق دىتال ئۈستىدە ئىجرا بولىدىغان سانلىقمەلۇمات ۋە پىروگىراممىلارنىڭ ئورتاق ئاتىلىشى.
قاتتىق دىتال سىستىمىسى قايسى بەش چوڭقىسىمدىن تۈزىلىدۇ؟
ھىساپلىغۇچ، كونتىروللىغۇچ، ساقلىغۇچ، كىرگۈزۈشئۈسكىنىسى، چىقىرىش ئۈسكىنىسى.
CPU دىگەن نىمە؟  قانچەقىسىمدىن تۈزىلىدۇ؟
CPU مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ دىگەن مەنىدە بولۇپ ، كومپىيوتىرنىڭبارلىق خىزمەتلىرىنى باشقۇرىدىغان ئەڭ يادرولۇق قىسمى. CPU ھىساپلىغۇچ ۋە كونتىروللىغۇچ دەپ ئىككى قىسىمدىن تۈزىلىدۇ.
ساقلىغۇچ نەچچە تۈرگە بۆلىنىدۇ؟قايسىلار؟
ئىچكى ساقلىغۇچ ۋە سىرتقى ساقلىغۇچ دەپ ئىككىگەبۆلىنىدۇ.
ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ تۈرلىرى قايسىلار؟
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىقتىدارىغا قاراپ ROM ۋە RAM دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ.
ROM دىگىنىمىز «پەقەت ئوقۇشقىلا بولىدىغان ساقلىغۇچ» دىگەن مەنىدە.
RAM دىگىنىمىز  «ئىختىيارىيساقلىغۇچ» دىگەن مەنىدە.
ROM  بىلەن  RAM نىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە پەرقى قانداق؟
ROM  دىكى ئۇچۇرلارنى پەقەتئوقۇغىلى بولىدۇ، ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ.
RAM دىكى ئۇچۇرلارنى  ھەمئوقۇغىلى ھەم ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.
سىستىمىدا تۇيۇقسىز توك ئۈزۈلگەندە ROM دىكى ئۇچۇرلار يوقالمايدۇ. RAM دىكى ئۇچۇرلار يوقاپ كىتىدۇ.
سىرتقى ساقلىغۇچقا تەۋە بولغانئۈسكىنىلەر قايسى؟
قاتتىق دىسكا ، يۇمشاق دىسكا، ئوپتىك دىسكا،بارماق دىسكا قاتارلىقلار ھەممىسى سىرتقى ساقلىغۇچقا تەۋە بولىدۇ.
دائىم ئىشلىتىلىدىغان كىرگۈزۈشئۈسكىنىسى قايسىلار؟
مائۇس، كونۇپكا تاختىسى،سىكانىر.....
دائىم ئىشلىتىلىدىغان چىقىرىش  ئۈسكىنىسى قايسىلار؟
ئىكران ،پىرىنتىر ، ئاۋاز ياڭراتقۇ......
يۇمشاق دىتال سىستىمىسى قانچەقىسىمدىن تۈزىلىدۇ؟ قايسىلار؟
سىستىما يۇمشاق دىتالى ۋە ئەمەلىيقوللىنىلىدىغان ئىش يۇمشاق دىتالى دەپ ئىككى چوڭ قىسىمدىن  تۈزىلىدۇ.
سىستىما يۇمشاق دىتالى دىگەن نىمە؟
سىستىمىنىڭ نورمال يۇقىرى ئۈنۈملۈك خىزمەتقىلىشى ئۈچۈن سەپلەنگەن يۇمشاق دىتال.
سىستىما يۇمشاق دىتالى  نىمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
ئۇ ئاساسلىقى مەشغۇلاتسىستىمىسى(مەسىلەنDOS,UNIX,LINUX،WINDOWSقاتارلىقلار)،تىلپىروگىراممىسى،ھەرخىل مۇلازىمەت پىروگىراممىلىرى،سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنىباشقۇرۇش يۇمشاق دىتالى،تور ئالاقە يۇمشاق دېتالى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگەئالىدۇ.
مەشغۇلات سىستىمىسى دىگەن نىمە؟
مەشغۇلات سىستىمىسى ئەڭئاساسلىق ۋە ئەڭ مۇھىم بولغان سىستىما يۇمشاق دېتالى بولۇپ، ئۇ ناھايىتى چوڭ بىرباشقۇرۇش كونتىرول پىروگىراممىسى ،پۈتۈن كومپىيوتىر سىستىمىسىنى باشقۇرۇشقوماندانلىق مەركىزى.
ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان ئىش يۇمشاقدىتالى دىگەن نىمە؟
ھەرخىل ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈنلاھىيەلەنگەن يۇمشاق دىتال.
ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان ئىش يۇمشاقدىتالى  نىمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
مەسىلەن :  WORD , EXCEL, POWERPOINT,FLASH, PHOTOSHOP…..  قاتارلىقلار.
كومپىيوتىرنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئۇچۇرلارقانداق شەكىلدە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؟
كومپىيوتىرنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئۇچۇرلار ئىككىلىكسان شەكلىدە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.  ئىككىلىكسان دىگىنىمىز 0 ۋە 1 دىن ئىبارەت ئىككىلا بەلگىدىن تۈزۈلگەن سانلارسىستىمىسىنىكۆرسىتىدۇ.
ئۇچۇرنى ئىپادىلەيدىغان بىرلىكلەرقايسى ؟
  ئۇچۇرنى ئىپادىلەيدىغان ئەڭ كىچىك بىرلىك:    bit
ئۇچۇرنىئىپادىلەيدىغان ئەڭ ئاساسىي بىرلىك:  Byteياكى   B
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە    KB    MB       GB       TBقاتارلىقبىرلىكلەر بار. ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت تۆۋەندىكىچە:
1KB 1024= B
1MB = 1024KB
1GB=  1024 MB
1TB=  1024  GB
كومپىيوتىر ۋىروسى دىگەن نىمە؟
كومپىيوتېر ۋىروسى(Computer virus) بىر خىلمەقسەتلىك تۈزۈلگەن،كومپىيوتېرنىڭ نورمال ئىشلىشىگە كاشىلا قىلىدىغان پىروگرامما.
كومپىيوتىر ۋىروسىنىڭ ئالاھىدىلىكىقايسىلار؟
كومپىيوتېر ۋىروسى يوشۇرۇنبولۇش،يۇقۇملاندۇرۇش،قوزغىلىشچان بولۇش، ھۇجۇم قىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.
كومپىيوتىر ۋىروسىنىڭ تارقىلىش يولىقايسىلار؟
1.تور ئارقىلىق تارقىلىش.
2.ھەرخىل دىسكىلارنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشتىنتارقىلىش. (كىلىش مەنبەسى ئىنىق بولمىغان ياكى قانۇنسىز كۆپەيتىلگەن ساختا يۇمشاقدىتاللارنى ئىشلىتىشتىن)
كومپىيوتىر ۋىروسىدىن ساقلىنىشئۇسۇللىرى قايسىلار؟
1.ۋىروس يوقىتىش دىتاللىرىنى قاچىلاش ۋە ئۇنىيىڭىلاپ تۇرۇش
2.ھەرخىل دىسكىلارنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتكەندەدىسكىغا قارىتا ۋىروس تەكشۈرۈش ۋە تازىلاش ئىلىپ بىرىش
3.بەزىمۇھىم ماتىرياللار قاچىلانغان دىسكىلارغا قارىتا يىزىشتىن مۇھاپىزەت قىلىش ئىلىپبىرىش
4.بەزىنامەلۇم بولغان توربىكەتلەرنى قالايمىقان ئاچماسلىق
كۆپ ئىشلىتىلىۋاتقان ۋىرۇسئۆلتۈرىدىغان يۇمشاق دىتاللاردىن بىرقانچىنى ئىيتىپ بىرىڭ؟
دائىم ئىشلىتىلدىغان  ۋىرۇس ئۆلتۈرىدىغان يۇمشاق دىتاللاردىن:
瑞星،  金山毒霸، 360杀毒، 卡巴斯基......   قاتارلىقلار بار.
كومپىيوتىر(WINDOWS) نى قوزغىتىشنىڭ 3خىل ئۇسۇلى قايسىلار؟
1)  سوغۇق قوزغىتىش (ئاۋۋالئىكران ،ئاندىن ئاساسىي ئاپپاراتنى ئىچىش).
2)  ئىسسىق قوزغىتىش  (ALT+CTRL+DEL).
3)  RESET كونۇپكىسى ئارقىلىق قوزغىتىش (مەجبۇرى قايتا قوزغىتىش)
كومپىيوتىر(WINDOWS) تىن چىكىنىشنىڭ  ئۇسۇلى قانداق؟
                          开始  →      关闭计算机   →    关闭
WINDOWS تىكى دائىم ئۇچرايدىغان ئاتالغۇلار ۋە مەنىسى:
ئۈستەل يۈزى  :كومپىيوتىر قوزغىتىلغاندىن كىيىنكىپۈتۈن ئىكران يۈزى ئۈستەل يۈزى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۈستەل يۈزى تۆۋەندىكى 3بۆلەكتىنتۈزىلىدۇ: ①ئارقا كۆرنۈشى، ②سىنبەلگىلەر ③ ۋەزىپە ئىستونى.ۋەزىپە سىتونى
ۋەزىپە سىتونى  ئۇ  WINDOWS نىڭ مۇھىم قوراللىرىنىڭ بىرى. ۋەزىپە سىتونىدا باشلاش (开始)كونۇپكىسى كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بىر قىسىم قورال سىتونلىرى قويۇلغانبولۇپ، بۇ قورال سىتونلىرى ئارقىلىق ھەر خىل ئىش پىروگراممىلىرىنى تېز سۈرئەتتەقوزغىتىشقا بولىدۇ
كۆزنەك كۆزنەكدېگىنىمىز- WINDOWSئىكرانىدىكى تۆت چاسارايون بولۇپ، WINDOWS بىلەن ئىشلەتكۈچىئۇچرىشىدىغان بىر كۆرۈنمە يۈزدىن ئىبارەت.
كۆزنەك چوڭ جەھەتتىن (1) ماۋزۇ سىتونى(2)تىزىملىك سىتونى (3) قۇرال سىتونى (4) خىزمەت رايۇنى (5) ھالەت سىتونىدىنتۈزىلىدۇ.
كۆزنەكنىڭ چوڭكىچىكلىكىنى تەڭشىگىلى، ئورنىنى يۆتكىگىلى ،كۆزنەكنى ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ.
تىزىملىك تىزىملىك بولسا بىر گورۇپپا مۇناسىۋەتلىكبۇيرۇقلار بىلەن تەمىنلەيدىغان تىزما بولۇپ WINDOWS  نىڭ كۆپ قىسىم خىزمىتىتىزىملىكتىكى بۇيرۇقلار ئارقىلىق ئورۇندىلىدۇ.تىزىملىك بۇيرۇقىنىڭ تۈر بەلگىسى ئوخشىمىسا ئۇنىڭ مەنىسىمۇ ئوخشىمايدۇ.
دىئالوگ رامكىسى   كۆزنەكنىڭ بىرخىل ئالاھىدە شەكلى بولۇپ ئۇئادەتتە ئىشلەتكۈچى بىلەن ماشىنا ئوتتۇرسىدىكى ئالاقە قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغانرامكىدۇر. دىئالوگ رامكىسى ئادەتتىكى كۆزنەككە ئوخشىمايدۇ،ئۇنىڭ تىزىملىك سىتونىيوق،يەنە چوڭ كىچىكلىكىنىمۇ ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ.
ھۆججەت دىسكىدا ساقلىنىدىغان سانلىق مەلۇمات ۋە ئۇچۇرلار توپلىمىدىن ئىبارەت.
Windowsنىڭ كۆزنىكىدە ھەر بىر ھۆججەت ۋە ھۆججەت قىسقۇچلارنىڭسىن بەلگىلىرىنىڭ  شەكلى ئوخشاش بولمىغانسىن بەلگىلەر ئارقىلىق ئىپادىلنىدۇ.
. Windowsنىڭ ئۇزۇن ھۆججەت قىسقۇچ نامى
Windows دە بولسا ھۆججەت نامى  255 دانە ھەرىپ بەلگىدىن ياكى 127 دانە خەنزۇچەخەتتىن ئىشىپ كەتمەيدۇ.

ھۆججەت قىسقۇچھۆججەتلەرنى كومپىيوتىردا تەرتىپلىك باشقۇرۇش ئۈچۈن ساقلايدىغان ئورۇن ياكىمۇندەرىجىدىن ئىبارەت.

مېنىڭ كومپىيوتېرىم:كومپىيوتېردىكى بارلىق مەنبەلەرنى كۆرسىتىشكە ۋە باشقۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.
مەنبە باشقۇرغۇچ:كومپىيوتېردىكىبارلىق مەنبەلەرنى كۆرسىتىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ.

كۆپ ئۇچرايدىغان مەشغۇلات ئۇسۇللىرى:
ھۆججەت ياكى ھۆججەتقىسقۇچلارنى ئېچىش
  بۇنىڭدا ‹‹مىنىڭ كومپىيۇتېرىم››، ‹‹مەنبەباشقۇرغۇچ›› ۋە  ھۆججەت ياكى ھۆججەتقىسقۇچلارنى قوش چىكىش ئارقىلىق ئىچىشقا بولىدۇ.
ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچتۇرغۇزۇش
ئالدى بىلەن تۇرغۇزۇلىدىغان ئورۇننى بېكىتىشكېرەك.)مەسىلەن D دىسكىغاAB ھۆججەت قىسقۇچ قۇرۇشنىڭ مەشغۇلات تەتىپى)
我的电脑 →D →: 文件 → 新建文件夹 → AB
ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچنىتاللاش
بىر دانە ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچنى تاللاش ؛مائۇسبىلەن سىن بەلگۈسىنى چىكىپ قويساقلا بولىدۇ،ئالدىدا TAB كونۇپكىسىنى بىسىپ نۇر بەلگىنى ئىش رايونىدا يۆتكەپ ئاندىنيۆنىلىش كونۇپكىسىنى  بىسىپ تاللايمىز.
ئۆزلۈكسىز بىرقانچە ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچنىتاللاش:ئالدىدامائۇس ئارقىلىق بىرىنجى ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچنى چىكىپ ئۇنى تاللايمىز.ئاندىن Shift كونۇپكىسىنى بىسىپ تۇرۇپ ئەڭ ئاخىرقى  ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچنى چىكىمىز.كونۇپكاتاختىسى ئارقىلىق تاللىغاندا نۇر بەلگىنى تاللىماقچى بولغان دائىرىنىڭ باشلىنىشئورنىغا ئەكىلىپ ئاندىنShift كونۇپكىسىنى بىسىپ تۇرۇپيۇقىرى تۆۋەن يۆنىلىش كۇنۇپكىسىنى ئۆزلۈكسىز باسىمىز،ياكى  Pagedown ، Pageup  كونۇپكىسىنى باسىمىز.
ئۆزلۈكسىز بولمىغان بىرقانچە ھۆججەت ياكى ھۆججەتقىسقۇچنى تاللاش: ئالدىدا بىرىنجى ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچتاللىندۇ.ئاندىن Ctrl كونۇپكىسىنى بىسىپ تۇرۇپ تاللىماقچى بولغان باشقا ھۆججەت  ياكى ھۆججەت قىسقۇچلار بىر–بىرلەپ چىكىلىدۇ.
كۆزنەكتىكى ھەممە ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچنىتاللاش:
编辑 → 全选          或              Ctrl+A
ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچنى ئەكسى يۆنىلىشتەتاللاش
编辑 →  反向选择
  تاللاشنى بىكار قىلىش:
مائوسئارقىلىق كۆزنەكنىڭ بوش ئورنىنى بىر چىكىپ قويساق بولىدۇ.
ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىش
选择 → 文件 → 重命名  → 输入新名  → Enter  
  ھۆججەت ياكى ھۆججەتقىسقۇچنى كۆچۈرۈش
选择 → 文件或文件夹 → 编辑 → 复制 → 目标位置  → 粘贴
选择文件或文件夹 → Ctrl+C(复制) → 目标位置  → Ctrl+V(粘贴)
ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچنى يۆتكەش
选择文件或文件夹→编辑→剪切→目标位置→粘贴
选择文件或文件夹→Ctrl+X(剪切) →目标位置→Ctrl+V(粘贴)
ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچنى ئۆچۈرۈش
选择文件或文件夹→编辑→删除→是
选择文件或文件夹  →  Delete →是
ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچنى يىغىۋىلىشپونكىتىغا قويماي بىۋاستە ئۆچۈرۈش.
نى بىسىش.Shift+Delete
يىغىۋىلىش پونكىتىدىكى ھۆججەتنى ئەسلىگەقايتۇرۇش
回收站 → 选择目标文件  → 文件   → 还原     
ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچنى ئىزدەش
开始 → 搜索  → 输入文件或文件夹名(关键字) →  搜索
ھۆججەتنى ئىزدەشتە ئىشلىتىدىغان ھەممىباببەلگىلەر
"؟"ۋە " * "
" * " بەلگىسى كۆپ دانە ھەرپبەلگىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
"؟ " بەلگىسى بىر دانە ھەرپ بەلگىسىگەۋەكىللىك قىلىدۇ.
مەسىلەن :.bmp*  A?.ppt

  دائىم ئىشلىتىلىدىغانكونۇپكا تاختىسى مەشغۇلاتى
كونۇپكا
مەشغۇلات نەتىجىسى
Ctrl+Esc
باشلاش تىزىملىكىنى ئاچىدۇ
Alt+F4
كۆزنەكنى تاقايدۇ
Alt+Tab
كۆزنەكلەر ئارىسىدا ئالمىشىشقا بولىدۇ
+ AlTبوشلۇق      
كۆزنەكنىڭ سول يۇقىرى بۇرجىكىدىكى  كونتىرول تىزىملىكىنى ئاچىدۇ
Crtl+Alt+Del
ۋەزىپە باشقۇرغۇچى كۆزنەكنى ئاچىدۇ
Enter
جەزمەنلەشتۈرىدۇ

Word تا  يىزىق بىر تەرەپ قىلىش
Word يىزىق بىر تەرەپ قىلىدىغان ئىش يۇمشاق ماتىرىيالى بولۇپ ئۇنىڭكىڭەيتىلگەن نامى doc ،
1.            Word  نى قوزغىتىشنىڭ ئىككىخىل ئۇسۇلى:      
开始   →   程序→ office  →    Word      ①
②ئۇستەل يۈزىدىكى سىن بەلگىسىنى قوش چىكىش ئارقىلىق قوزغىتىش
2.يىڭى  ھۆججەتنى قۇرۇشنىڭ مەشخۇلات ئۇسۇللىرى :
① 文件→新建              ② CTRL+ N
3.ھۆججەتنىئىچىشنىڭ مەشخۇلات ئۇسۇللىرى:
①文件→打开               ② ctrl+O
4.ھۆججەتنىساقلاشنىڭ مەشخۇلات ئۇسۇللىرى:
(1)文件→保存    (2)ctrl+s
5.كۆزنەكنى(ھۆججەتنى) تاقاشنىڭ مەشخۇلات ئۇسۇللىرى:
①        ②文件→退出   ③Alt +F4
6.ھەرىپ بەلگە قىستۇرۇشنىڭ مەشخۇلات ئۇسۇللىرى:
插入→符号
7.تىكىسىتنىئىزدەش ۋە ئالماشتۇرۇشنىڭ مەشخۇلات ئۇسۇللىرى:
开始→查找→替换
8.ھەرخىل شەكىللەرنى قىستۇرۇش:
插入→   形状
9.رەسىمقىستۇرۇش:
插入→  图片
10.ھۆسنىخەتقىستۇرۇش:
插入→艺术字
11.ئابزاسنىڭ  فورماتىنىبەلگىلەش:
开始→段落
12.سىتونغا ئايرىش:
页面布局→分栏
13.يان رامكا ۋە تەگلىكنى بەلگىلەش:
页面布局→边框和底纹
14.بەت يۈزىنى لاھىيەلەش:
页面布局→页面设置
15.جەدۋەل قىستۇرۇش:
插入→表格
16.بەت ئارقا كۆرۈنىشىنى بەلگىلەش:
页面布局→页面背景→(页面颜色,水印)

EXCEL جەدىۋەل بىر تەرەپ قىلىش

EXCEL بولسا جەدىۋەل بىر تەرەپ قىلىدىغان ئىش يۇمشاق ماتىرىيالى بولۇپ ،ئۇنىڭ كىېڭەيتىلگەن نامى  XLS . بىر EXCEL ھۆججىتىدە نۇرغۇن  خىزمەتجەدىۋىلىنى ئىچىشقا بولىدۇ. بىر خىزمەت جەدىۋىلىدە 256دانە سىتون،65536 دانە قۇربار بولۇپ سىتون بەلگىسى ۋە قۇر نۇمۇرلىرى ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن.
1. EXCELنى قوزغىتىشنىڭمەشخۇلات ئۇسۇللىرى :
1)  开始   →   程序→office  →EXCEL  
2)ئۇستەليۈزىدىكى EXCELنىڭ سىنبەلگىسىنى قوش چىكىش ئارقىلىق قوزغىتىش

2.كاتەكچىلەرنىبىرىكتۈرۈش ۋە ئوتتۇرىغا توغۇرلاش:
ئالدىبىلەن بىرىكتۈرمەكچى بولغان جەدىۋەل كاتەكچىلىرىنى تاللىۋالىمىز،ئاندىن قۇرالسىتونىدىكى «合并及居中»  قۇرالىنى چەكسەكلا بولىدۇ.
3.خىزمەتجەدىۋىلى قىستۇرۇشنىڭ مەشخۇلاتى:
插入→工作表
4.قۇر ۋە ئىستونلارقىستۇرۇش
插入→行
插入→列
5.جەدىۋەلسىزىقلىرىنى ھەقىقى سىزىققا ئايلاندۇرۇش:
ئالدىبىلەن ھەققى سىزىققا ئايلاندۇرماقچى بولغان جەدىۋەل رايۇننى تاللايمىز ،ئاندىنقۇرال سىتونىدىكى «边框»  قۇرالىنى بىر چەكسەكلا بولىدۇ.
6.فونكىسىيە قىستۇرۇشنىڭ مەشخۇلاتى :
      插入→函数
7.كۆپ ئىشلىتىلدىغان فونكىسىيلەر :
1)جەملەش فۇنكىسىيىسى SUM
2)ئوتتۇرچە قىممەت فۇنكىسىيىسىAVERAGE
3)ئەڭ چوڭ قىممەت فۇنكىسىيىسىMAX
4) ئەڭ كىچىكقىممەت فۇنكىسىيىسى  MIN
5)  تشەر  فۇنكىسىيىسى IF

8.گىرافىكقىستۇرۇشنىڭ مەشخۇلات ئۇسۇلى:
插入→图片→图表

    -باب. تور ئاساسىي بىلىملىرى

1§ كومپىيۇتېر تورى
1.كومپىيۇتېر تورى بىلەن تونۇشۇش
كومپىيۇتېر تورى نۇرغۇنلىغان مۇستەقىلكومپىيۇتېرلارنى ئالقىلىلىشىش ئۈسكىنىسى، يەتكۈزۈش موھىتى، تور كىلىشىمى ھەمدەمۇناسىۋەتلىك تور باشقۇرۇش يۇمشاق ماتېريالى قاتارلىقلار بىلەن ئۇلاپ ماتىرىيالمەنبەسىدىن ئورتاق پايدىلنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت
كومپىيۇتېر تورىنى قاپلاش دائىرسىنىڭ چوڭكىچىكلىكىگە ئاساسەن تار دائىرلىك تور LAN  ،شەھەر تورى MAN ،كەڭ دائىرلىك تور WAN دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ.
1)تار دائىرلىك تور  LAN بىر ياكىبىر قانچە ئۆي، بىر بىنا ياكى بىر ئورۇننىڭ كومپىيۇتېرلىرىنى تور ئۇلش ئۈسكىنلىرىۋە سىم يوللىرىدىن پايدىلنىپ ئۇلاش ئارقىلىق شەكىللەنگەن سىستىمىدىن ئىبارەت.
2) شەھەرتورى MAN
بىر شەھەردىكى نۇرغۇنلىغان تار دائىرلىك تورلارنى ئۇلاپ تىخىمۇ كەڭ دائىردەئۇچۇر يەتكۈزۈش ۋە مەنبەدىن ئورتاق پايدىلىنىدىغان سىستىمىدىن ئىبارەت.
3)  كەڭ دائىرلىك تور WAN
بۇنىڭ قاپلاش دائىرسىنىشەھەرلەرگە، رايۇنلارغا ، دۆلەتلەرگە كىڭەيتىشكە بولىدۇ. ئۇ يىراق مۇساپىلىكئالاقىلىشىش ۋاستىلىرىنى قوللىنىپ، ئاممىۋىي ئالاقىلىشىش ئۈسكىنىسى ياكى سۈنئىيھەمرا، مىرو دولقۇن، قاتارلىقلار ئارقىلىق ئۇچۇر يەتكۈزۈشنى كۆرسىتىدۇ.

كۆپئۇچرايدىغان تور ئاتالغۇلىرى:
1)                                                                            INTERNET  خەلىقئارا ئالاقە تورى
2)                                                                            www خەلىقئارا تور ئالاقە مۇلازىمىتى
3)                                                                            تور TCP/IP ئالاقەكىلشىمى
4)                                                                            IP تور ئادىرسى
5)                                                                            E-mail  ئىلىكتىرونلۇق پوچتايوللانمىسى

توردا كۆپئۇچرايدىغان دائىرە ناملىرى:
Cn جۇڭگۇ تەۋەلىكىدىكى تور
Jpياپۇنتەۋەلىكىدىكى تور
Com كارخانا تەۋەلىكىدىكىتور
Edu مائارىپ ئورگانلىرىنىڭ تەۋەلىكىدىكى
Govھۆكۇمەت ئورگانتەۋەلىكىدىكى
Net تور مۇلازىمەت ئورگانلىرىنىڭ تەۋەلىكىدىكى

ئالتىنچىباپ دەرسلىك دېتالى ياساش

开始——程序——office——PowerPoint
ساقلاشتا《.ppt》شەكىللەردە ساقلاشقا بولىدۇ.

1.دەرس دېتالىغا ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى قوشۇش
插入(قىستۇرۇش)——文本框(تىكىسترامكىسى)

2.دەرس دېتالىغا شەكىل ،ئاۋاز،سۈرەت،رەسىم  قاتارلىقلارنى قىستۇرۇش
插入(قىستۇرۇش)——图片(رەسىم)
插入 (قىستۇرۇش) —影片和声音(ئاۋازۋە فىلىم)

3.دەرس دېتالىنى كۆركەملەشتۈرۈش
1.  格式(فورمات)—幻灯片版式(پىلاستىنكانۇسقىسى)
2.  格式(فورمات)—幻灯片设计(پىلاستىنكالاھىيەسى)
3.  格式(فورمات) —— 背景(ئارقاكۆرۈنىشى)

4.دەرسدېتالىنىڭ كارتون ئۈنۈمىنى بىكىتىش
幻灯片放映(پىلاستىنكاقويۇش)——幻灯片切换(پىلاستىنكائالمىشىشى)
幻灯片放映(پىلاستىنكاقويۇش)——动画方案(كارتون لاھىيسى)
幻灯片放映(پىلاستىنكاقويۇش)—自定义动画( ئۆزى بىكىتكەنكارتون لاھىيسى)

5.دەرس دېتالىنىڭ دىئالوگ ئۈنىمىنى بىكىتىش
插入(قىستۇرۇش)——超级链接(ئولتۇرا ئۇلىنىش)
幻灯片放映(پىلاستىنكاقويۇش)——动作按钮(ھەركەت كونۇپكىسى)
幻灯片放映(پىلاستىنكاقويۇش)——动作设置 (ھەركەت لاھىلەش)

6.دەرس دېتالىنى قويۇش ۋە ئېلان قىلىش

幻灯片放映(پىلاستىنكاقويۇش)——观看放映(قويۇش)或F5
قويۇشتىن چىكىنىش ئۈچۈنESC كونۇپكىسنى باسىمىز

ئالتىنچى باپ دەرسلىك دېتالى ياساش

开始——程序——office——PowerPoint
ساقلاشتا《.ppt》شەكىللەردە ساقلاشقا بولىدۇ.

1.دەرسدېتالىغا ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى قوشۇش
插入(قىستۇرۇش)——文本框(تىكىسترامكىسى)

2.دەرسدېتالىغا شەكىل ،ئاۋاز،سۈرەت، رەسىم قاتارلىقلارنى قىستۇرۇش
插入(قىستۇرۇش)——图片(رەسىم)
插入(قىستۇرۇش) —影片和声音(ئاۋاز ۋە فىلىم)

3.دەرسدېتالىنى كۆركەملەشتۈرۈش
格式(فورمات )—幻灯片版式(پىلاستىنكا نۇسقىسى)
格式(فورمات )—幻灯片设计(پىلاستىنكا لاھىيەسى)
格式(فورمات ) —— 背景(ئارقا كۆرۈنىشى)

4.دەرس دېتالىنىڭ كارتون ئۈنۈمىنى بىكىتىش
幻灯片放映(پىلاستىنكاقويۇش)——幻灯片切换(پىلاستىنكا ئالمىشىشى)
幻灯片放映(پىلاستىنكاقويۇش)——动画方案(كارتون لاھىيسى)
幻灯片放映(پىلاستىنكاقويۇش)—自定义动画( ئۆزى بىكىتكەن كارتون لاھىيسى)

5.دەرسدېتالىنىڭ دىئالوگ ئۈنىمىنى بىكىتىش
插入(قىستۇرۇش)——超级链接(ئولتۇرا ئۇلىنىش)
幻灯片放映(پىلاستىنكاقويۇش)——动作按钮(ھەركەت كونۇپكىسى)
幻灯片放映(پىلاستىنكاقويۇش)——动作设置 (ھەركەت لاھىلەش)

6.دەرسدېتالىنى قويۇش ۋە ئېلان قىلىش

幻灯片放映(پىلاستىنكاقويۇش)——观看放映(قويۇش)或F5
قويۇشتىن چىكىنىش ئۈچۈنESC كونۇپكىسنىباسىمىز
كومپىيوتىر تورى  دىگەن نىمە؟
كومپىيوتىر تورىدىگىنىمىز ئالەقە سىمى ۋە ئالاقە ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق بىر نەچچە ئورۇندىكى  مۇستەقىل ئىقتىدارغا ئىگە كۆپلىگەنكومپىيوتىرنى ئۇلاپ مۇكەممەل ئىقتىدارغا ئىگە تور يۇمشاق دېتالىنىڭ قوللىشىئاستىدا ئۆزئارا سانلىق مەلۇمات يوللاش ۋە بايلىقتىن ئورتاق بەھرىمان بولۇشنىئەمەلگە ئاشۇرىدىغان سىستىمىدىن ئىبارەت.
كومپىيوتىر تورىنىڭ تەرەققىيات جەريانىقانداق؟  
كومپىيوتىرتورىنىڭ تەرەققىياتى تۆۋەندىكىدەك تۆت دەۋىرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.
بېرىنجىدەۋىر-تىرمىنالغا يۈزلەنگەن كومپىيوتىر تورى
ئىككىنجىدەۋىر-بايلىقتىن ئورتاق بەھرىمان بولىدىغان كومپىيوتىر تورى
ئۈچىنجىدەۋىر-ئۆلچەملەشكەن كومپىيوتىر تورى
تۆتىنجى دەۋىر-خەلىقئارالاشقان كومپىيوتىر تورى

كومپىيوتىرتورىنىڭ ئىقتىدارى قايسىلار ؟
(1) سانلىقمەلۇمات ئالاقىسى
(2) بايلىقتىن تەڭبەھرىمان بولۇش
(3) تارماقشەكىلىدە بىر تەرەپ قىلىش

. كومپىيوتىر تورىنىڭ تۈرلىرى قانداق؟

تار دائىرىلىكتور  LAN
شەھەر تورى MAN
كەڭ دائىرىلىك تور WAN

دىگەن نىمە ؟  Internet
Internet  نىڭ ئەسلى مەنىسى خەلقئارا ئالاقە تورىدىگەنلىك بولۇپ دۆلىتىمىزدە ئىنتىرنىت دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. تور تىخىنىكىسىنوقتىسىدىن قارىغاندا، Internetكومپىيوتىر تورىنىڭ توپلىمى بولۇپ ئۇTCP/IP تور كىلىشىمى ئارقىلىق سانلىقمەلۇمات ئالاقىسى قىلىدۇ.

IP ئادىرىس دىگەن نىمە؟
Internetدىكى بارلىقكومپىيوتىر باش ئاپپارات دەپ ئاتىلىدۇ.توردا باش ئاپپارات ئارىسىدا ئۇچۇر ئالاقىسىقىلىش ئۈچۈن ھەر بىرباش ئاپپاراتقا چوقۇم پۈتۈن توردا بىردىن بىر بولغان ئادىرىسسەپلەپ بىرىدۇ،بۇ  ئادىرىس IP ئادىرىس دەپ ئاتىلىدۇ.
IP ئادىرىس بىر گورۇپپا رەقەم ئارقىلىق ئىپادىلەنگەچكە ئەستە تۇتۇشتەس،بۇنى ھەل قىلىشتا ھەر بىر باش ئاپپاراتقا ھەرپ-بەلگە ئارقىلىق نام قويۇشئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ
باش ئاپپاراتدائىرە نامىنىڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك دائىرە ناملىرى تۆۋەندىكىچە:
جۇڭگوCN، ئاۋستىرالىيەAU، كاناداCA،گېرمانىيەDE، فىرانسىيەFR، ھىندىستانIN،ياپۇنىيەJP،سىنگاپورSG، جۇڭگو شياڭگاڭHK، جۇڭگو تەيۋەنTW
دائىمئىشلىتىلىدىغان ئىككىنجى دەرىجىلىك دائىرە ناملىرى تۆۋەندىكىچە:
سودا تەشكىلاتى  COM ،
مائارىپ ئورگىنى  EDU،  ھۆكۈمەتئورگىنىGOV
خەلىقئارالىق تەشكىلاتINT
،بىيجىڭ شەھرىBJ ،
تور تەشكىلاتىNET ،
ھەربى تەشكىلاتMIL ،
  پايدا كۆزلىمەيدىغانتەشكىلاتORG،  
  پەن تەتقىقات ئورگىنىAC ،
شاڭخەي شەھرى SH

تور ئالاقەكىلىشىمى
توردىكى سانلىقمەلۇمات ئالاقىسى ئۈچۈن تۈزۈلگەن قائىدە،ئۆلچەم ۋە پۈتۈملەر ئالاقە كىلىشىمى دەپئاتىلىدۇ.
دائىم ئىشلىتىلىدىغان تور ئالاقە كىلىشىمىدىن TCP/IP كىلىشىمى بار. TCP/IPبىر كىلىشىم توپىبولۇپ ئۇ يۈزگە يىقىن ھەرخىل ئىقتىداردىكى كىلىشىمدىن تەركىپ تاپقان،كىلىشىمتوپىدىكى ئەڭ مۇھىم بولغىنى يەتكۈزۈشنى كونتىرول قىلىش كىلىشىمىTCP ۋە تورئارا كىلىشىم IPدىن ئىبارەت.TCPكلىشىمى يوللىندىغان ئۇچۇرنى گورۇپپىلاشقا بۆلۈشكە مەسئۇل بولىدۇ، ۋە يەتكۈزۈشنىڭتوغرا بولىشىغا  كاپالەتلىك قىلىدۇ.IP  كىلىشىمى بولسا ئۇچۇرنىڭ تور ئۈسكۈنىلىرىئارىسىدا ئادىرىسقا ئاساسەن يەتكۈزۈلۈشكە مەسئۇل بولىدۇ.
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3 

GMT+8, 2018-12-14 21:19 , Processed in 0.372855 second(s), 36 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش