بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

تېلفۇن نومۇردا كىرىش

جەمئىي مىكروبلوگ 83 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • diyanat520 14 سائەت بۇرۇن [ئىنكاس(1)] [...]

    ماڭا ھەقسىز كىنو تور بەتتىن بىرسى لازىم بوپ قالدى ئۇستازلارياردەم قىلىڭل...

  • Kinohumar 7 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    قۇتلان سۈزۈك فىلم تورى ئىچىلدى  www.kutlan.cn

  • Kinohumar 7 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    قۇتلان سۈزۈك فىلم تورى ئىچىلدى  www.kutlan.cn

  • jalipka 2018-12-2 20:40 [ئىنكاس(0)] [...]

    ياردەم سورايمەن.مۇنبەرگە ئۇسۇلۇپ قاچىلاپ بەرسەڭلار.3348970786QQ.

  • jalipka 2018-12-2 20:38 [ئىنكاس(0)] [...]

    ياردەم سورايمەن.مۇنبەرگە ئۇسۇلۇپ قاچىلاپ بەرسەڭلار.3348970786QQ.

  • سەنسىز123 2018-12-1 07:52 [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشىمۇ سىلەر بىلىملەر تورىدىكى ئۇستازلار    كەمىنە سەنسىز123  دىن ئوتلۇق سا...

  • admin 2018-11-11 21:12 [ئىنكاس(2)] [...]

    بىلىملەر تورى ئەپ دىتالىدا ھەقلىق دەرسلىك ساتالايسىز.

كۆرۈش: 258|ئىنكاس: 1

[ئۇچۇرلار] نىمە سەۋەپتىن يانفۇن ئالماشتۇرغىمىز كەلمەيدىغان بولۇپ قالدۇق؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2018-10-29 15:45:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muntizim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2018-10-29 15:46  

نىمە سەۋەپتىن يانفۇن ئالماشتۇرغىمىز كەلمەيدىغان بولۇپ قالدۇق؟

مەنبە: مۇنتىزىم يانفۇن تېخنىكا سالونى

salon ID: muntizim
360截图20181029151747946.jpg

ئۇچۇر-تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ھەقىقەتەنمۇ كۆز يۇمغىلى بولمايدۇ. قارايدىغان بولساق، ئايدا دىگۈدەك يېڭى يانفۇنلار، يېڭى نۇسخىسىكى كومپىيوتېرلار، رەقەملىك مەھسۇلاتلار بىرىنىڭ كەينىگە يەنە بىرى ئۇلىشىپ تېخى، بىر قانچىسى تەڭلا بازارغا سېلىنىپ، ئىستىملاچىلارنىڭ زادى قايسىسىنى تاللاپ سېتىۋېلىشتا بىر قارارغا كىلەلمەسلىك، قايمۇقۇپ قېلىش، ئۈمىتسىزلىنىش، قايسىسىنى تاللاشنى بىلىپ بولالماي ئۇزاققىچە ساقلاشتىن ئىبارەت ناچار ۋەزىيەتنى شەكىللندۈرۈپ قويىۋاتىدۇ.

ئالدىنقى قېتىمقى يازمامدىمۇ بۇ ھەقتە ئاز-تولا مۇلاھىزە قىلىشقان ئىدۇق. ئەمما، ئابونىتلارنىڭ ئىنكاسلىرىدىن قارىغاندا يەنىلا كۆپ ساندىكى ئابونىتلار تا بۈگۈنگە قەدەر كۆڭلىدىكىدەك يانفۇن سېتىۋالماي ئىچى سىقىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئىنكاس قالدۇرۇشۇپتۇ. شۇ سەۋەپلىك، بۈگۈن بۇ مەسلىگە قارىتا يەنە بىر قېتىم چۈشەنچە بىرىشنى لايىق تاپتىم.

سۇئال: بىز زادى نىمە ئۈچۈن يانفۇن ئالماشتۇرغىمىز كەلمەيدىغان بولۇپ قالدۇق؟

1. ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ بولۇپمۇ، يانفۇنلاردا كۆزگە كۆرۈنەرىك يېڭىلىق يوق بولۇش مەسلىسى

بۇنى مۇنداق چۈشەندۈرەيلى، يېڭىلىق يوق دىسەك دەرھال يەنە قانداق يېڭىلىق بولسا بولاتتى؟ دەپ سورىشىڭىز مومكىن. گەرچە، ئايدا ھەتتا، كۈندە دىگۈدەك يېڭى مەھسۇلاتلار ئېلان قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما، چوڭ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيىتساق، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇنلارنىڭ ئىقتىدارلىرى ئىچىدە يەنىلا كۆزگە كۆرۈنەرلىك يېڭىلىق يوق. مەيلى سامسۇڭ بولسۇن ۋە ياكى ئالما ۋە ياكى شىياۋمى، OPPO لار بولسۇن ھەمممىسى دىگۈدەك بىر قېلىپ ئىچىدە يېڭى مەھسۇلاتلىرىنى ئېلان قىلىۋاتىدۇ. تاشقى جەھەتتىن ئازراق يېڭىلىق بولغانىدەك قىلسىمۇ، ماھىيەت جەھەتتىن ھەمممىسىنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنى ئوخشاش لايىھە، ئوخشاش نۇسخا، ئوخشاش كامېرا. بۇلارنى كۆزدە تۇتساق، پەقەت تاشقى نۇسخا جەھەتتىن ئاز-تولا ئۆزگىرىشنى ھىس قىلالايمىز-خالاس.

2. بەزى ئارتۇقچە ئىقتىدارلارنىڭ خېرىدارلارنى قايمۇقتۇرۇپ قويۇش، باھانى ئۆرلىتىۋىتىش مەسلىسى

ئىلگىرى بىز ئىشلىتىۋاتقان يانفۇنلارنىڭ ئىچىكى ساقلىغۇچى 256MB ،512MB ،1GB ئىدى، ئەمما، بازارغا قارايدىغان بولساق، ئىچكى ساقلىغۇچىنىڭ سىغىمى بارغانسىرى ئېشىپ، 4GB ، GB ،8GB ،10GB سىغىمدىكى ئىچكى ساقلىغۇچلار سەپلىنىشكە، ئاساسى سىغىم بوشلۇقى بولسا 256GB ،128GB ،64GB ،32GB ھەتتا، 1TB غا يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. مانا مۇشۇنداق ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشلەر ئىستىمالچىلارنىڭ گاگىراپ قېلىشىغا سەۋەپچى بولىۋاتقان ئامىللاردىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇنچە چوڭ سىغىم بوشلۇقىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. ئەمما، نۇرغۇن ئىستىمالچىلارنىڭ ئويلايدىغىنى ھامىنى ئالغاندىكىن ئەڭ ياخشىسىنى ئالاي بىر قانچە يىلغىچە مودىدىن قالمايدۇ دەپ ئويلىۋېلىپ، ئارتۇقچە چىقىملارنى قىلىپ قويىدۇ. ئادەتتە، 4GB ئىچكى سىغىم ۋە 128GB ئاساسى سىغىم بوشلۇقى بولسا ئىھتىياجىمىزدىن يىتىپ ئاشىدۇ.

3. بازار رىقابىتى ۋە ئىقتىسادنىڭ كۈچىيىپ كىتىش مەسلىسى

بۇيەردە كۆزدە تۇتۇۋاتقىنىمىز مەيئى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكىنىلەر ساھەسى بولسۇن ۋە ياكى كىيىم-كىچەك، يىمەك-ئىچمەك ساھەسى بولسۇن باھا ئۆرلەپ كىتىش، ئىستىملاچىلارنىڭ كىرىمى بىلەن چىقىم تەڭپۇڭلىشىپ قېلىش ھەتتا، كىرىمدىن چىقىم ئېشىپ كىتىشتەك كىرزىسلار ئىستىملاچىلارنىڭ ئارسالدى بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ قويىۋاتىدۇ. شۇنداق بىر ۋاقىتلار ئىسىمدە، مەن يېڭى خىزمەتكە چىققان ۋاقىتلىرىمدا ئاران 536 يۈەن مائاش بىرەتتى، ئۇنىڭدىن تۇتتىدىغىنىنى تۇتۇپ قېلىپ، قولۇمغا ئاران 350 يۈەن ئەتراپىدا پۇل ئاشاتتى، لېكىن، شۇ پۇللارنىڭ ھاجىتىمدىن تولۇق چىققىنى ئىسىمدە!!! بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنىڭ تۈرىتكىسىدە 4500 يۈەن ئەتراپىدا ئېلىۋاتىمەن. ئەمما، سەللا دىققەت قىلمىساق، كىلەركى ئايلىق مائاش تارقىتىلغۇچە دەردىنى تارتىدىغان گەپ. ئەمەلىيەتتە، بىر تىلفۇننى بىر نەچچە يىل بىمالال ئىشلەتكىلى بولىدۇ. راستىمنى ئېيىتسام، قولۇمدىكى OPPO R7 PLUS يانفۇنىنى 3200 يۈەنگەن سېتىۋالغان، ھازىرغىچە 3 يىل بوپتۇ. ئاتتەك ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇيغۇرچە فونىتلارنى ھەر بىر ھۈجەيرىسىگۈچە تولۇق تونۇيدۇ. ئۆتكەندە ئەپ-دېتاللارنى كۆپ قاچىلىۋەتكەنلىك سەۋەپتىن قېتىۋالىدىغان، قىززىپ كىتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلگەن ئىدى. لېكىن، سىرىتقى قېپىنى ئېلىۋىتىپ، ئارتۇقچە ئەپلەرنى تازلىۋەتسەم، خىزمەتداشلار يەنە يېڭى تىلفۇن ئاپسىز مۇبارەك بولسۇن دەيدۇ. تېخى بىر دوستۇم، ماۋۇ تىلفۇننىڭ سۈرئىتى بەكلا تېزكەن مەنمۇ بىرنى ئالاي دەيدۇ. ئىشقىلىپ، گەپ بىزنىڭ قانداق ئىشلىتىشىمىزدە ئىكەن. قولۇمدىكى بۇ تىلفۇننىڭ ئېكرانىمۇ مىنىڭ سالون باشقۇرۇشۇمغا يىتىپ ئېشىۋاتىدۇ. ئىچكى ساقلىغۇچى بولسا 3G+64G ئەمما، ھازىرغىچە ھاجىتىمدىن تولۇق چىقىۋاتىدۇ.

4. ئېلان -تەشۋىقاتنىڭ تەسىر كۆرسىتىش مەسلىسى

شۇنداق، ئېلان-تەشۋىقاتسىز مال سېتىمەن دىيىش ئاقىلانىلىك ئەمەس، ئەمما، بەزى ئېلانلاردىكى مۇبالىغە ۋە كۆپتۈرمىچىلىك ئىستىمالچىلارنى ئۈزلۈكسىز تۈردە يېڭى مەھسۇلاتلارغا قىزىقتۇرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئېلان بىلەن رىئاللىق ئىككى خىل ئۇقۇم. ئەگەر ياخشىراق مال سېتىۋالاي دەپ ئويلىسىڭىز، يالغۇز ئېلانغىلا قارىۋالماي، ئەمەلىيەتتىمۇ كۆرۈپ بېقىشىڭىز، خېرىدارلارنىڭ ئىنكاسلىرى قانداق بولىۋاتىدۇ، ئۇلارغىمۇ دىققەت قىلىپ قويۇشىڭىز كېرەك.

5. ئۆزىنىڭ ئىھتىياجىنى مۆلچەرلىيەلمەسلىك مەسلىسى

يۈزدە 80 پىرسەنىت ئابونىت ئۆزىنىڭ ئىھتىياجىنى مۆلچەرلىيەلمەيدۇ. ھەتتا، ئۆزىنىڭ زادى قايسى خىل تىپتىكى يانفۇننى سېتىۋالسا مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى بىلەلمەيدۇ-دە، قارىغۇلارچە قايسى خىل يانفۇننى باشقىلار كۆپرەك سېتىۋالسا ياكى قايسى خىل يانفۇن يېڭى چىقسىلا دەرھال شۇنى سېتىۋالىدۇ. نەتىجىدە، شۇ خىل پاسسىپ ئامىللار تۈپەيلى، يەنە باشقا يېڭى يانفۇن ئېلان قىلىنسا، قولىدىكى يانفۇننى تاشلاپ، باشقىسىنى سېتىۋېلىشقا باشلايدۇ. مانا مۇشۇنداق ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان تەكرارلىقلار ئىستىملاچىلاردا يانفۇن ئالماشتۇرغىسى كەلمەيدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ.

خۇلاسە كالام، بىز چوقۇم ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىمىزنىڭ ئىھتىياجىنى ئويلىشىپ چىقىشىمىز يەنى، مەن نىمە قىلىمەن؟ مىنىڭ ئىھتىياجىم قايسى؟ قايسى خىل مەھسۇلاتنى سېتىۋالسام بولدۇ؟ دىگەننى بىكىتىۋالغاندىن كىيىن، سەپلىمە ۋە قاتتىق دېتال جەھەتتىكى پارامىتىرلىرىنى ئويلىشىش، ئۇنىڭدىن كىيىن، شۇ خىل سەپلىمىدىكى بىر قانچە خىل يانفۇننى ياخشى سېلىشتۇرۇپ چىقىش، باھاسى ۋە سۈپىتى، خېرىدارلارنىڭ ئىنكاسى... قاتارلىق ئامىللارنى ئىنچىلىكىلىك بىلەن كۈزىتىپ، ئۆزىگە ماس كىلىدىغان يانفۇننى سېتىۋېلىش كېرەك.

ناۋادا، سىز قايسى خىلدىكى يانفۇنلارنىڭ سېتىۋېلىشقا بەكرەك ماس كىلىدىغانلىقىنى، قانداق ئالاھىدىلىكى بارلىقىنى، ئىستىمالچىلارنىڭ قانداق باھالارنى بەرگەنلىكىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، سالونىمىزغا ئەگىشىپ، سالونىمىزدىكى تېمىلارنى كۆرۈپ چىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
微信图片_20181029152203.jpg

سۇئال: يۇقارقى تېمىنى كۆرگەندىن كىيىن، نىمىلەرنى ئويلىدىڭىز؟ سىزنىڭچە يەنە قايسى ئامىللار كىشىلەرنىڭ يانفۇن ئالماشتۇرغىسى كەلمەيدىغان بولۇپ قېلىشقا سەۋەپچى بولغاندۇ؟ قانداق قىلغاندا كۆڭۈلدىكىدەك يانفۇن سېتىۋالغىلى بولىدۇ؟
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2018-10-31 02:07:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا دەيسىز ، سىرتقى قىسمى ۋە كامىراسى ئۈزلۈكسىز يېڭىلنى ۋاتقام ، لىكىن سىستىمىسى ئوخشاش ، خوددى  مەن كۈندە يېڭى كىيىم ئالماشتۇرۇپ ئىشقا بېرىپ كۈندە قىلدىغان ئىشنى يەنە قىلىپ زىرىككەندەك
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3 

GMT+8, 2018-12-14 15:23 , Processed in 0.194935 second(s), 33 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش