بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

تېلفۇن نومۇردا كىرىش

جەمئىي مىكروبلوگ 171 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1639|ئىنكاس: 2

[ئۇچۇرلار] ئالما ئەپ ئاچقۇچىلار ئابونتلارنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن تەڭ بەھرىمان بول...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
ئالما يېڭى بەلگىلىمىسى: ئەپ ئاچقۇچىلار (开发者) ئالما ئابۇنتلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى خالىغانچە باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىشىغا (分享) يەنى تەڭ بەھرىمەن قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ دەپ بېكىتتى.
ئالمىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئالما ئابۇنتلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى قوغدايدىغان ئۇسۇلىغا كۆپچىلىكنىڭ ئالقىش ياڭرىتىپ قوللىشىغا يەنى باش بارمىقىنى چىقىرىپ خو دەپ ماختىشىغا ئەرزىيدۇ.
Apple.jpg

ھازىر، ئالما دېتال دۇكىنىنىڭ (App Store) قائىدىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ ،ئەپ ئاچقۇچىلارغا قارىتا ئالما ئابۇنتلارنىڭ ئالاقە چەمبىرىكىدىكى دوستلىرى ھەم باشقا ئالاقىداشلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئىشلىتىش قىلمىشىغا قارىتا چەكلىمە چىقاردى، يەنى ئالما تەرەپ جىمجىتلا ئەپ ئاچقۇچىلار ئالما ئابۇنتلارنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپلا ساقلاش (存储) ۋە ئۇچۇرلاردىن تەڭ ھەمبەھرىمان بولۇش (分享数据) يوچۇقىنى تاقىۋەتتى.
苹果新规.jpg

بۇنداق قىلىشنىڭ ئابۇنتلارغا بولغان پايدىسى بولسا، ئابۇنتلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدىغىلى بولىدۇ.
ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا: ئەگەر ئالما تەرەپ بۇ كېلىشىمنى مەنئى قىلمىسا،ئەپ ئاچقۇچىلار ئابۇنتلارنىڭ تېلېفونىدىكى تېلېفون خاتىرىسى يەنى تېلېفونىدىكى ياتاقداشلىرىنىڭ تېلېفون نومۇرى دېگەنگە ئوخشاش ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىش قوقۇقىنى ئېلىۋالىدۇ ھەم شۇنداقلا يىغىۋالغان بۇ نومۇرلاردىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ تىجارەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرىدۇ، دېمەكچى ھەر خىل ئېلان ئۇچۇرلىرىنى توختىماي يوللاپ ئۆزىنىڭ بازار يولىنى ئاچىدۇ. لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى بۇنداق ئېلان ئۇچۇرلىرىنى تاپشۇرۇۋالغان ئابۇنتلارنىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كىيىن يوللانغان ئۇچۇر بولماستىن بەلكى باشقىلارنىڭ تېلېفون خاتىرىسىدىن ئوغرىلانغان.
يېقىندا باشقىلارنىڭ رۇخسىتى ئېلىنماي تۇرۇپ يەنە بىرىنىڭ تېلېفونىدىن باشقىلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى خالىغانچە ئېلىپ ئىشلىتىش قىلمىشى فەيسىبۇك (Facebook) قا ئاز بولمىغان ئاۋارىچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن. بەلكىم ئالما تەرەپمۇ شۇنداق ئاۋارىچىلىكلەرنىڭ ئۆزىگە كېلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ مۇشۇنداق بەلگىلىمە چىقارغان بولۇشى مۇمكىن.
ئالما مەيلى قانداقلا ئويلىسۇن ياكى ئويلىمىسۇن ئىشقىلىپ ئابۇنتلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى قوغداش جەھەتتىكى بۇ قارارى ئالما ئابۇنتلىرىنى خۇشال ھەم قايىل قىلماي قالمايدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلنى ئاندىرويىد سىستېمىسىغىمۇ قوللىنىشىنى نۇرغۇن تېلېفون ئىشلەتكۈچى ئابۇنتلار ئۈمىد قىلماي قالمايدۇ ئەلۋەتتە، بولسا بۇ بەلگىلىمىنىمۇ ئاندىرويىد ئەپ ئاچقۇچىلارغىمۇ قوللانسا ئۇچۇرلىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى تېخىمۇ ياخشى قوغدالغان بولاتتى.
بەلكىم نۇرغۇن ئابۇنتلار بۇ ئىشلار مەن بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى دەپ قارىشى مۇمكىن ، لېكىن ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق مۇشۇ تۈزۈمنىڭ كەملىكى تۈپەيلى ئاز بولمىغان بېسىرامچىلىقلارغا ئۇچراۋاتقانلار ئاز ئەمەس، باشقىسىنى دېمىسەكمۇ ئاددىي قىلىپ ئەتراپىمىزدا ئەڭ كۆپ ئۇچراۋاتقان ھەم يولۇقۇۋاتقان مەسىلە بولسا مەلۇم تور قەرزى بېرىش ئورۇنلىرىنىڭ سىزگە توختىماي ئۇچۇر يوللىشى ھەم تېلېفون قىلىشى، تېلېفوننى ئالسىڭىز ياكى ئۇچۇر مەزمۇنىغا قارايدىغان بولسىڭىز پالانى دوستىڭىز، ساۋاقدىشىڭىز ۋە ياكى خىزمەتدىشىڭىز بىزنىڭ قەرز ئىلىش سۇپىمىزدىن قەرز ئېلىپ ۋاقتىدا قايتۇرمىدى، تېلېفون قىلىپ ئالاقىلىشالمىدۇق سەن يەتكۈزۈپ قويساڭ يەنە قايتۇرمىسا سوتقا يوللاپ بېرىمىز دېگەندەك بىر قاتار گەپلەر......
دېمەك سىزنىڭ دوستىڭىز، ساۋاقدىشىڭىز، خىزمەتدىشىڭىز گەرچە قەرز ئىلىش سۇپۇللىرىغا سىزنىڭ نومۇرىڭىزنى قالدۇرمىغان بولسىمۇ لېكىن شۇ قەرز بېرىش سۇپۇللىرى قەرز ئالغۇچىنىڭ تېلېفونىدىكى بارلىق ئالاقە خاتىرىلىرىنى كۆچۈرۈپ ئېلىۋالغان، شۇنىڭ بىلەن ھازىرقىدەك ئەھۋال كۆرۈلگەن.
يۇقىرىقى مىسالدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ئالمىنىڭ بۇ بەلگىلىمىنى چىقىرىشى ئابۇنتلار ئۈچۈن خۇشاللىنارلىق ئىشتۇر.
赞赏我们-ug.png

مەنبە:قەدىمكى ئورمان سالونى.
ئىزدەش نامى:kadimkiorman
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2018-6-15 03:39:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئەپ ئېچىشتا ئاندرويىدنى تاللىدىم. لىكىن پۈتكەن ئەپنى ئەپ بازىرىغا تەستىقلىتىش بېشىمنى قاتتۇردى.

باھا سۆز

سەھنىدىگەن ئۆزىمىزدە بولغاندىكىن مۇشۇ بىلىملەردىلا ئېلان قىلىۋېرىمىز دەيمەنغۇ ئادمىنكا، ھوقۇق دىگەن قولدا  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2018-6-19 01:18
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2018-6-19 01:18:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
admin يوللىغان ۋاقتى  2018-6-15 03:39
مەن ئەپ ئېچىشتا ئاندرويىدنى تاللىدىم. لىكىن پۈتكەن ئەپ ...

سەھنىدىگەن ئۆزىمىزدە بولغاندىكىن مۇشۇ بىلىملەردىلا ئېلان قىلىۋېرىمىز دەيمەنغۇ ئادمىنكا، ھوقۇق دىگەن قولدا تۇرۇپ نىمىدىن غەم قىلىدىغاندۇ دەيمە(چاقچاق).
تەستىقتىن ئاسان ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان ئۇسۇللارنى بىرلىكتە ئىزدەپ كۆرۈپ باقمامدۇق.
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3 

GMT+8, 2019-11-19 07:38 , Processed in 0.234304 second(s), 33 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش