بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

تېلفۇن نومۇردا كىرىش

جەمئىي مىكروبلوگ 115 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • Djomak 2019-6-9 18:16 [ئىنكاس(0)] [...]

    تېخنىكا بىلىملىرى سالۇنى  ئىزدەش نامى  

  • Abdureqip 2019-5-25 00:25 [ئىنكاس(1)] [...]

    ھازىر تورغا چىقساملا يىغلىغۇم كىلىدۇ ، ئىلگىرى جىق ئۇيغۇرچە توربەتلە باتى.

  • admin 2019-5-16 02:05 [ئىنكاس(3)] [...]

    ئىزقۇت ئىزدەش ماتورىغا 60 مىڭ سالون يازمىسى يىغىلدى.

  • Geekbala 2019-4-21 17:14 [ئىنكاس(2)] [...]

    بۇ تورنى بۈگۈن ئۇقتۇم...

  • suzuk.vip 2019-4-15 13:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    بۇرۇنقى ئەزا مەخپى نۇمۇرىنى ئۇنتۇپ قېلىپ يېڭىدىن تىزىملاتتىمچا.......

  • ياپچان 2019-3-30 01:45 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن تىلىفۇنۇمنىڭ ئىكرانىنىڭ سەپلىمىسىنى بىلەممىدىم قاندا كۆرۈدۇ ............

  • مەمەتئ 2019-3-15 17:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    دوسلار ماڭا بەلەن 3d رەسىم توربەت ئادىرىسى بولسا يوللاپ بەرگەن بولساڭلا رە....

  • Djomak 2019-6-9 17:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    يىڭىدىن قۇرۇلغان تېخنىكا سالۇنى كىرىشىڭلارنى كۈتىۋاتىدۇ ئىزدەش نامى ؛parlaq008

  • admin 2019-5-23 14:32 [ئىنكاس(3)] [...]

    مۇلازىمىتېرنىڭ يەنە بىر يىللىق پۇلىسىنى تۆلىۋەتتىم، بىلملەرنى خاتىرجەم

  • admin 2019-5-14 19:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلىملەر تورى مۇلازىمىتېرىغا يېڭىلاش ئېلىپ بېرىلدى.

  • admin 2019-4-20 00:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلىملەردىكى يازمىلارنى سۈپىتىنى يوقىرى كۆتۈرۈشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.

  • XKRT 2019-4-14 23:39 [ئىنكاس(2)] [...]

    بىلىملەر تورى يانفۇن تېرمىنالى قاچان ئېلان قىلىنىدۇ ؟؟؟

  • bayawankuyi 2019-3-28 16:00 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالۇننى دەلىللەشتىن ئۆتكىزەلمەي بەك جىلە بوپكەتتىم ھەجەپ تەسكەن گىرى

  • 艾斯凯尔江 2019-2-24 00:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھەي ھەجەپ پۇل تاپىدىغاننىڭ يولى يوققۇ  قانداق بوپكەتتى ئەمدى  

كۆرۈش: 17016|ئىنكاس: 10

[باشقا] Github + Hexo ئارقىلىق تور بەت قۇرۇش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   stilly تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2018-4-1 16:28  

تورداشلار بىلەمدىكىن تاڭ ، Github نىڭ GitHub Pages مۇلازىمىتى ئارقىلىق مەلۇم بىر تۈرنىڭ خاس بېتى ياكى شەخسىي بىلوگ قۇرۇشقا بولىدۇ . پۈتۈنلەي ھەقسىز،قولاي.تېخنىكا تەلىپىمۇ ئاددىي . ئۇنداقتا بىز بۇ تېمىمىزدا Github + Hexo ئارقىلىق بىر شەخسىي بىلوگ قۇرۇپ چىقىشنى سۆزلەپ ئۆتەيلى .

بۇ يەردە Github ۋە Hexo دىن ئىبارەت ئىككى ئۇقۇم بار . Github نى چۈشەندۈرۈپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق .Hexo بولسا NodeJs نى ئاساس قىلغان MarkDown گىرامماتىكىسى قوللايدىغان تىنچ بەتلىك بىلوگ قۇرۇش رامكىسىدۇر .بۇ يەردە بىز Github نىڭ تور نامى ۋە تور بوشلۇقى مۇلازىمىدىن،  Hexo نىڭ بەت ھاسىللاش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىمىز ، شۇنىڭ بىلەن بىر يۈرۈش شەخسىي بىلوگ تەييار بولىدۇ . تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:

Github تا يېڭىدىن تۈر ئاچىمىز .

يېڭى تۈر قۇرۇش بېتىدە تۈر نامى username}.github.io} بولغان Public تۈردىن بىرنى قۇرىمىز . بۇ يەردىكى {username} سىزنىڭ Github دىكى ئاكونت نامىڭىزنى كۆرسىتىدۇ . مەسىلەن تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك .

github1.png

2. ئاندىن مەزكۇر تۈرنىڭ تەڭشەك (settings) بېتىگە ئۆتۈپ ، شاخچە (branch) ۋە ئۇسلۇب (Theme) تاللايمىز . بۇ يەردە چوقۇم master branch نى تاللاپ ساقلايمىز . ئاندىن Theme Chooser دىگەن يەردىن ئۆزىمىز خالىغان ئۇسلۇبنى تاللاپ ساقلايمىز . ئۇسلۇبنى كىيىنمۇ  خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ . مەسىلەن تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك :

guthub2.png

  بۇ ۋاقىتتا Github بىزگە ئۆزىمىزنىڭ ئاكونىت نامىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان username}.github.io}ناملىق تور نامى تەقسىملەپ بىرىدۇ .مەسىلەن تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك مېنىڭ تور نامىم https://oyghan.github.io بولدى .تور نامىنى زىيارەت قىلساق نورمال ئىچىلىدۇ . مەسىلەن تۆۋەندىكىدەك .

hexo-1.png

دىمەك ئىنتايىن ئاددىييلا Github تا ئۆزىمىزنىڭ نامىدىكى ئىككىنجى دەرىجىلىك تورنامى بىلەن بىر بەت ئېچىۋالدۇق دىگەن گەپ. (موچەن پۇل سەرپ قىلمىدۇق ، نەچچە ئون سىكونىتلا كەتتى )



Hexo مۇھىتى ھازىرلاش

يازمىمىزنىڭ بىشىدا تەبىر بەرگەندەك Hexo بولسا NodeJs شارائىتىدا خىزمەت قىلىدىغان بولغاچ ،ئاۋۋال كومپىيوتېرىمىزدا NodeJs قاچىلانغان بولىشى كىرەك . ئاندىن Hexo نى قاچىلايمىز .
  1. npm install hexo-cli -g
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

mac ئىشلەتكۈچىلىرى
  1. sudo npm install hexo-cli -g
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن تېرمىنالدا hexo بۇيرۇقى ئارقىلىق hexo بۇيرۇق تاللاشلىرىنى كۆرۈپ باقساق بولىدۇ.مەسىلەن تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك .

hexo-3.png

Hexo دا بىلوگ يېزىش

قاچىلاش تاماملانغاندىن كىيىن Hexo ئارقىلىق يېڭى تۈر ھاسىللايمىز ۋە بىلوگ يېزىشنى باشلاپ كەتسەك بولىدۇ .
يېڭى تۈر ھاسىللاش
  1. hexo init hexo-blog
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

بۇ يەردىكى hexo-blog بولسا تۈر ھۆججەت قىسقۇچ نامىنى كۆرسىتىدۇ ،خالىغانچە يازساق بولىدۇ . ئاندىدن مۇندەرىجە ئىچىگە كىرىپ تايانمىلارنى قاچىلايمىز .
  1. cd hexo-blog
  2. npm install
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

تايانمىلارنى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن تنىچ بەت ھاسىللايمىز .
  1. hexo clean
  2. hexo g
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

hexo مۇلازىمىتىنى قوزغىتىپ بەتنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرۈپ باقمىز .
  1. hexo s
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

بۇ ۋاقىتتا hexo مۇلازىمىتى localhost:4000 ئېغىزىدا ئىجرا بولىدۇ . تور كۆرگۈچتە localhost:4000 نى زىيارەت قىلساق hexo نىڭ سۈكۈتتى ئۇسلۇبى ۋە سىناق مەزمۇنى كۆرۈنىدۇ . مەسىلەن تۆۋەندىكىدەك .

hexo-0.png

يېڭى يازما قوشۇش

يېڭى يازما قوشۇش ئۈچۈن  hexo new ئارقىلىق يېڭى بەت ھاسىللايمىز . مەسىلەن .
  1. hexo new test
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

بۇ ۋاقىتتا source/_posts مۇندەرىجىسى ئاستىغا test.md ناملىق ھۆججەت پەيدا بولىدۇ . بۇ ھۆجەتتە MarkDown گىرامماتىكىسىدا يازما يازساق بولىدۇ . يېزىپ بولغاندىن كىيىن يەنە بىرقىتىم تىنچ بەت ھاسىللايمىز ۋە مۇلازىمەتنى قايتا قوزغىتىمىز .

  1. $ hexo clean
  2. $ hexo g
  3. $ hexo s
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش


بۇ چاغدا يېڭى قوشقان يازمىمىز باشبەتتە كۆرۈنىدۇ . باشقا يازما قوشۇش ،خەتكۈچ ،تۈر قاتارلىقلارنى قوشۇش مەشخۇلاتلىرىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشىشىپ كىتىدۇ . تېخىمۇ كۆپ قوللانمىلارنى hexo ئورگان تورى ئاچقۇچىلار قوللانمىسىدىن كۆرۈشكە بولىدۇ .

Github قا يوللاش

يازمىنى يېزىپ تېنچ بەت ھاسىللىغاندىن كىيىن ئەلۋەتتە Github تىكى ئامبارغا يوللىشىمىز كىرەك . چۈنكى يەرلىكتىكى نەرسىنى باشقىلار زىيارەت قىلالمايدۇدە شۇنداقمۇ .Hexo تۈرىنى Github قا يوللاش ئۈچۈن يەنە بىر قىستۇرما قاچىلايمىز .
  1. npm install hexo-deployer-git --save
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن hexo تۈرىنىڭ تەڭشەك ھۆججىتى _config.yml گە تۆۋەندىكى git ئۇچۇرىنى تولدۇرىمىز . فورماتى تۆۋەندىكىدەك .
  1. deploy:
  2.   type: git
  3.   repo:  your git repository url
  4.   branch: master
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش


ئاندىن github قا يوللايمىز .
  1. hexo -d
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

ئەمدى بايامقى تور نامىنى زىيارەت قىپلىپ كۆرسەك بىز يازغان يېڭى يازما oyghan.github.io تورنامىدىمۇ يېڭىلىنىدۇ . Hexo غا قىززىقۇچىلار ئورگان تەرەپ ئاچقۇچىلار قوللانمىسىدىن تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئىرىشەلەيدۇ . قىنى سىناپ باقمامسىلەر سىلەرمۇ . مەسىلىلەر بولسا مەزكۇر تېمىغا ئىنكاس قالدۇرساڭلار بولىدۇ .



مىنىڭ Github + Hexo ئارقىلىق قۇرغان بېتىم : https://oyghan.github.io
hexo ئورگان تورى : https://hexo.io/zh-cn
ئەسلى تېما : https://learnfans.com/post/110
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2018-4-1 19:56:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنتايىن تەپسىلىي يوللاپسىز ، لېكىن ماڭا بەك مۇرەككەپ تۇيۇلدى . ئېھتىمال بىلوگقا بولغان چۈشەنچەم كەم بولغانلىقى ئۈچۈن بولسا كېرەك ...

باھا سۆز

بۇرۇن مەنمۇ بەك مۇرەككەپ ئويلايتتىم . ئەمەلىيەتتە ئۇنداقمۇ ئەمەس .سەل ئىنچىكە نۇقتىلار بار شۇ. بۇ تېمىنىڭ ئاس  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2018-4-1 23:41
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2018-4-1 21:43:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۈجمەل بۇپ قاپتۇ

باھا سۆز

مەسىلەن قايسى تەرەپلەر مۇجمەل بوپ قاپتۇ ؟ سىزمۇ ئويلىغانلىرىنىڭىزنى دەپ باقمامسىز ؟ مۇجمەل يەرلەرنى تۈزەتس  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2018-4-1 23:42
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2018-4-1 22:47:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېچىلمىدى بېتىڭلار

باھا سۆز

ئېچىلمىغىنى توغرا ئاشۇ  ۋاقتى: 2018-4-1 23:39
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2018-4-1 23:41:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qeqnus يوللىغان ۋاقتى  2018-4-1 19:56
ئىنتايىن تەپسىلىي يوللاپسىز ، لېكىن ماڭا بەك مۇرەككەپ  ...

بۇرۇن مەنمۇ بەك مۇرەككەپ ئويلايتتىم . ئەمەلىيەتتە ئۇنداقمۇ ئەمەس .سەل ئىنچىكە نۇقتىلار بار شۇ. بۇ تېمىنىڭ ئاساسلىق دىمەكچى بولغىنى github pages مۇلازىمىتىنى قانداق ئىشلىتىش .Hexo بولسا پەقەت بىر بىلوگ قۇرۇش رامكىسىدىن ئىبارەت خالاس .
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2018-4-1 23:42:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەسىلەن قايسى تەرەپلەر مۇجمەل بوپ قاپتۇ ؟ سىزمۇ ئويلىغانلىرىنىڭىزنى دەپ باقمامسىز  ؟ مۇجمەل يەرلەرنى تۈزەتسەك بولىدۇ .
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2018-4-2 01:11:13 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يەدە ھىجايغان چىراي ئىپادىسى دىمەكچىدە
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2018-4-2 01:11:38 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ رەخمەت
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2018-4-2 01:59:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى بىلىم بولۇپتۇ، كىيىن بىرەر ياخشى تۈرلەرنى ھەمبەھرلىيەلىسەك مۇشۇنىڭدا ئورگان بەت قىلىپ قويساق بولىدۇدە مانا.
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3 

GMT+8, 2019-6-17 20:38 , Processed in 0.134817 second(s), 36 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش