بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

تېلفۇن نومۇردا كىرىش

جەمئىي مىكروبلوگ 135 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • xشاھزادە 2019-8-1 21:08 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن خاسىيەتلىك ئادەم بىلاكنىڭ2نى تەرجىمە قىلۋاتىمەن  ھەمكارلىشىدىغانلا

  • gilamqi 2019-7-26 14:00 [ئىنكاس(0)] [...]

    Gilam.cn تور ئىسىم سېتىلىدۇ ! ئۈندىدار قوشۇش نومۇر : 18999998400

  • مەمەتئ 2019-7-15 16:36 [ئىنكاس(2)] [...]

    كومپىيوتېرنىڭ ئېكرانىغا زىدۇڭ چىقىۋالىدىغان ئېلاننى چەكلەيدىغان ياخشى.....

  • AKAGMAN 2019-7-12 18:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىسىم لايىھىلەشكە ئىشلىتىدىغان چىرايلىق تەگلىك بولسا يوللاپ بەرسەڭلار

  • nurahmat0903 2019-7-4 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    windows10 ئۇيغۇرچە خەتنى چىرايلىقلاشتۇرۇش دېتالى لازىم، قۇتيار تورى تارقاتقىن...

  • Frost 2019-7-4 01:57 [ئىنكاس(1)] [...]

    تېپىشماق: بىلىملەر مۇنبىرىنىڭ نىمىشقا ئەپ دىتالى، ياكى كىچىك ئەپچاقى يوق؟

  • Djomak 2019-6-25 04:35 [ئىنكاس(2)] [...]

    ماڭا تور بەت قۇرۇشنى .ئۆگۈتۈپ قۇيىدىغانلا بامۇ پۇل بىرىمەن تۇلۇق .ئۆگۈتۈپ

  • xشاھزادە 2019-8-1 21:06 [ئىنكاس(1)] [...]

    بىلىملەر خەتلىك فىلىم گۇرۇپىسىدىكى دوسلار ھازىرمۇ بامۇ مىنى قۇشۇۋىلىڭلا

  • armanem38 2019-7-19 10:26 [ئىنكاس(0)] [...]

    ماڭا قانۇن نىزاملار توپلىمى دېگەن دېتال بولسا يوللاپ بېرىڭلار .

  • admin 2019-7-15 11:36 [ئىنكاس(4)] [...]

    شۇنداق قىلىپ Flutter دىكى تۇنجى ھەقلىق ئەپنى تاماملىدىم.

  • قىزىق 2019-7-11 12:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇشۇ مىكرو بىلوگ قىستۇرمىسى مۇنبەردە يوقمىدۇ،ھەقلىق بولسىمۇ مەيلىتى

  • nurahmat0903 2019-7-4 23:31 [ئىنكاس(0)] [...]

    قۇتيار ‏Windows 10خەت نۇسخىسىنى چىرايلىقلاشتۇرۇش دېتالى لازىم

  • Djomak 2019-6-27 03:22 [ئىنكاس(1)] [...]

    سالۇننى قانداق قىلسا تېز تەرەققىي قىلدۇرغۇلى بولىدۇ

  • Djomak 2019-6-24 02:00 [ئىنكاس(0)] [...]

    دوسلار مەن مۇنبەر قۇراي دىگەن قىللالمىدىم ياردەم قىلغان بولساڭلار بوپتى...

كۆرۈش: 5408|ئىنكاس: 7

مۇنبەرگە ئېلكىتاب سەھىپىسى قۇرۇلسىكەن دەيمەن

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تىشلىقمۇ مۇنبەرداشلار ياخشىمۇ سىلەر.
مەن مۇنبەرگە ئېلكىتاب سەھىپىسى قۇرۇلسىكەن دىگەن ئۈمۈدتە بۇ تىمىنى يازدىم. شەخسەن ئۆزۈم ئېلكىتاب ئوقۇشقا بەك ئامراق بولغانلىقىم ئۈچۈن مۇشۇ تەكلىبنى بېرۋاتىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر ئېلكىتاب توربەتلىرى قەتئىيلام يوق. ئېلكىتاب چۈشۈرۈپ ئوقۇيلى دىسىمۇ كىتابلارنى نەدىن تاپقۇلۇق؟ يەنە كىلىپ بىلىملەردەك بىر نۇرغۇن بىلىم جەملەنگەن بۇنداق توربەتتە ئېلكىتاب سەھىپىسىنىڭ بولىشى مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتىغا ئىنتايىن پايدىلىق. شۇڭا باشقۇرغۇچىلارنىڭ بۇ تەكلىبنى قۇبۇل كۆرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
ئېلكىتاب سەھىپىسى قۇرۇلۇپ قالسا ئەلۋەتتە چۇقۇم چىڭ باشقۇرۇش كېرەك بولىدۇ. بۇنىڭغىمۇ ئامال قىلساق بولىدۇ. يەنى كۆپ كىتاب ئوقۇغان، ياكى قانۇن ئېڭى يۇقۇرى بولغان كىشىلەرنى سەھىپە باشقۇرغۇچىسى قىلىپ ھەرۋاقىت ئەزالارنىڭ قالايمىقان نەرسىلەرنى يوللىشىنىڭ ئالدىنى ئالساق بولىدۇ. كىتاب يوللىغۇچىلار چۇقۇم كىتابنىڭ تۈۋەندىكىدەك مۇھىم ئۇچۇرلىرىنى چۇقۇم قوشۇپ يوللىشىنى تەلەپ قىلساق بولىدۇ. مەسىلەن:
كىتاب ئىسمى:
ئاپتورى:
نەشىر قىلغان ئورۇن:
نەشىر قىلىنغان ۋاقىت:
ئېلكىتاب ئىشلىگۈچى:
كىتاب تۈرى : (ھېكايىمۇ رومانمۇ يا شېئېرمۇ دىگەندەك)
بەت سانىيوللىغۇچىنىڭ ئېلكىتابنى كۆرگەن كۆرمىگەنلىكى ياكى ئەستايىدىل مۇئامىلىدە بولغان بولمىغانلىقى ئۈچۈن)
كىتابنىڭ ئاساسىي ئىدىيىسى ۋە قىسقىچە مەزمۇنى:
مۇشۇ بۇيىچە قىلمىغانلارنىڭ تىمىسىنى بىۋاستە ئۈچۈرۋەتسەك بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا باشقۇرغۇچىلارمۇ كىتابنىڭ ئاساسى مەزمۇنىدىن قىسقىچە خەۋەردار بولۇپ تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىقنى قارار قىلالايدۇ. يەنە كىلىپ مۇنبەردە تىلفۇن نۇمۇر ئارقىلىق تىزىملىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان بولغاچقا بىخەتەرلىك جەھەتتىمۇ كۆپ ياردىمى بولىدۇ.
پەقەت ئىنچىكىلىك بىلەن ئىش كۆرسەكلا مىنىڭچە چوڭ چاتاقمۇ چىقىپ كەتمەيدۇ.
بۇنىڭغا كۆپچىلىك قانداق قارايدىكىن؟
يالغۇز تاللاشلىق سايلام , قاتناشقانلار
سىز تەۋە ئەزا گۇرۇپپىسى بېلەت تاشلىيالمايدۇ
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2018-3-1 18:04:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە ئىلكىتاب سەھىپىسىنى قۇرۇش چاقچاق قىلىدىغان ئىش ئەمەس، بىز شۇ كىتابلارنىڭ مەزمۇننىڭ قانۇنغا ئۇيغۇن كېلىمدۇ كەلمەمدۇ، بۇنىڭغا بىز بىر نەرسە دىيەلمەيمىز. بولۇپمۇ تارىخى رومانلار.
قېنى باشقىلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ باقايلى.
ھازىر نىمە ئۈچۈن ئېلكىتاب توربىكەتلىرى يوق، بۇنىڭمۇ سەۋەبىرى بولىشى مۇمكىن.
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2018-3-1 20:10:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە پىكرىڭىزگە تامامەن ھۆرمەت قىلىشقا بولىدۇ، راستلام مەنمۇ بەزىدە خەنزۇچە ئېلىكتاپلارنى كۆپرەك ئۇقۇپ قۇيىمەن، مىنىڭچە بولغاندا بىلىملەر تورى ئىلىكتاپ چۈشۈرۈش ئۇقۇش سەھىپىسنى قوشسا بىكەتكە تېخىمۇ يىڭىلىق بولىدۇ، ۋە بىزدىكى بىر كىچىك بوشلۇق يوقلۇق تۈگەيدۇ،ۋە بارلىققا كىلدۇ. پىكرىڭىزنى قوللايمەن.
نۇرغۇن شائىر يازغۇچى دوسلىرىمىز بار يازغانلىرىنى بىكەتتە ئېلكتاپ شەكلىدە تارقاتسىمۇ بۇلىدۇ ئەمەسمۇ، بىكەتتىن بولسا ئېلىكتاپ ياساش دەرسلىكى بىلەن تەمىنلىسە ياخشى بولاتتى
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2018-3-1 23:49:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن قوللىمايمەن .
ئويلىغانلىرىم :
1 - خاسلىق : سەھىپىنى چېچىلاڭغۇ قىلىپ ، ئۇنىڭغىمۇ - بۇنىڭغىمۇ قول تىقماي خاس - تەرەپلەردە يول مېڭىشنى تەشەببۇس قىلىمەن ، مەسىلەن : نۇرقۇت دۇنياسى ، ئالپ تورى ، بۇلاقجان مۇنبىرى ...دېگەنلەردەك ؛
2 - ئىشلەش : ئېلكىتابنى مۇنبەرگە يېزىپلا قويىمىزما ؟ مۇنبەرگە يىزىپلا قويساق ئېلكىتاب بولماس ئۇ ؟ ئۇنى ئېلكىتاب ئىشلەش دېتالىدا ئىشلەرمىز ؟ كىم ئىشلەيدۇ ؟ كىم يازىدۇ ؟ مەنبە قېنى ؟ كىم پايدىلىنىدۇ ... ؟ دېگەندەك ؛
3 - تەستىقلاش تۈزىمى : قوليازما شەكلىدىكى ئەسەرلەرنى تەستىقلاشقا چوقۇم سەگەك ، چېچەن ، بىلىمى بار ، ئېلىپبە ئوقۇغان ( ئىملا توغرىلاش دېمەكچىدە بۇ يەردە ) ، ئاق - قارىنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان باشقۇرغۇچى بولىشى كېرەك . بۇنداق باشقۇرغۇچىنى يوق دىمەكچى ئەمەسمەن ، قالغىنىنى زوروجان ئۆزلىرى بىلىلا ...
4 - نەشىر ھوقۇقى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقى : نەشىر قىلغان ، تارقاتقان ئورۇن ، ئاپتور تەرىپىدىن نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى قىلىندى دەپ قارالسا - ۋاي مەن بىلمەپتىمەن دېگەنگىلا ئىش تۈگىمەيدۇ ...
5 - پايدىلىنىش : ئۈندىدار ئاممىۋىي سۇپىسى تەرىپىدىن مونوپول قىلىنغان تور ئەسەرلىرى ئابونتلىرىدىن قانچىسى بىلىملەرگە كىرىپ پايدىلىنالار ؟
......
مەنچە بولسا بىلىملەردىكى بەزى سەھىپە ، تارماق سەھىپىلەرنىمۇ ئىسلاھ قىلىش كېرەك دەپ قارايمەن .
ھازىرقى تور تەرەققىياتى قايسى يۆنىلىشكە كېتىۋاتىدۇ - بۇنى بىلىمداشلار ھىس قىلالايدۇ . بىلىملەر تورىنىڭ ئەسلى نىشانىمۇ پايدىلىق بىلىملەرنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىش ... شۇڭا ئىسلاھ قىلىش ئېلىپ بېرىپ ، كېرەكلىك بولغان مۇھىم سەھىپە ۋە مەزمۇن ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشىش تەكلىپىنى بېرىمەن ...
مەن بىر تور بەت ياساش ھەۋەسكارى . زورو ئۇستازنى توردا تونىغىلى تەخمىنەن 7 يىللارچە بولۇپتۇ . ئۇستاز ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ تور دۇنياسىدا بار ئىكەندۇق . مۇشۇ يىللار مابەينىدە بىلىملەر تورى نامىدا بىزلەرگە نۇرغۇن بىلىملەرنى سۇنۇپ كەلدى ، شۇنداقلا قانچىلىك جاپالارنى تارتقىنىنى ئۆزى بىلىدۇ ... شۇڭا ئامال بار ئارتۇق ئىشقا چات كېرىمەيلى ، بىلىملەرنىڭ مەۋجۈدلىقىنى ساقلاپ قېلىشمۇ ئاسان ئەمەس ... ھېلىكەممۇ ساناقلىقلا تور بېتىمىز قالدى ...

باھا سۆز

قوللايمەن  ۋاقتى: 2018-3-3 22:44

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللا +6 يىغىش سەۋەبى
admin + 6 قوللايمەن

باھا خاتىرىسى

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2018-3-2 01:23:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يانفون نومۇرۇمنى باغلاشتىن ئېرىنىپ يۈرگەن. گەپمۇ قىلالماي ئاخىرى باغلىدىم. قەقنۇس دېگەندەك ئارتۇق سەھىپىلەرنى چىقىرىپ تاشلاپ، تېمىلارغا ئاز - تولا چەك قويسا دېگەن ئۈمىدتىمەن. جىق ئەمەس ئاز - ساز بولسا ياخشى بولاتتى.

باھا سۆز

مەنمۇ شۇنداق ئويدا، ئارتۇق سەھىپىلەرنى ئۆچۈرۋەتسەم بولاتتى.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2018-3-11 21:17
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2018-3-11 21:17:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uyghurdetal يوللىغان ۋاقتى  2018-3-2 01:23
يانفون نومۇرۇمنى باغلاشتىن ئېرىنىپ يۈرگەن. گەپمۇ قىلا ...

مەنمۇ شۇنداق ئويدا، ئارتۇق سەھىپىلەرنى ئۆچۈرۋەتسەم بولاتتى.
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بىر ئاۋازلىق ئەسەر ئەپ دىتالى ياسايمىكى دىگەن ياردەم قۇلۇڭلانى ئايىمىساڭلا تىما چىقىراي دىسەم كومپىيوتىرىم بۇزۇلۇپ قالدى شۇڭا ياردەم قولۇڭلانى ئايىمىغايسىلە چ چ :3129871069
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3 

GMT+8, 2019-8-19 09:22 , Processed in 0.110485 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش