بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

تېلفۇن نومۇردا كىرىش

كۆرۈش: 8960|ئىنكاس: 4

[سىستىما] ۋېروس(virus)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
  ۋېروس(virus)__ تىنى ئىنتايىن كىچىك، مۇكەممەل ھۆجەيرە تۈزىلىشى بولمىغان ، ھەمدە ئېرسى ئالاھىدلىكى بولغان ،كۈچۈلۈك نۇسخىلنىش ئالاھىدلىكىگە ئىگە ،پەقەت تاق يادرو كىسلاتاغا ئىگە(DNAياكىRNA) پەقەت باشقا تىرىك ھۆجەيرە تىنىدە پارازىت ياشاپ ئۆزىنى كۆپەيتىش رولىغا ئىگە بولغان مېكرو جانلىق .زەمبۇرۇغدىنمۇ كىچىك،پەقەت باشقا تىرىك ھۆجەيرە تىنىدىلا كۆپۈيۈش ئېلىپ بارالايدۇ.تىنى ئاقسىل ياكى يادرو كىسلاتادىن تۈزۈلگەن .كۆپ قىسىم ۋېروسلارنى پەقەت يۇقۇرى ھەسسىلىك ئېلىكىرونلۇق مېكروسكۇپتا ئاندىن كۆرگىلى بولىدۇ.
    virusدىگەن بۇ سۆز ئەسلى مەلۇم ھايۋاننىڭ توكسىنىنى بىلدۈردىغان بولۇپ ،لاتىنچىدىن كەلگەن .ۋېروسنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدلىكى بولسا ①تىنىدە پەقەت بىرلا خىل يادرو كىسلاتادىن تۈزۈلگەن گېن گۇرۇپىسى ۋە ئاقسىلدىن تۈزۈلگەن تاشقى قېپى بولىدۇ②باشقا ھۆجەيرىگە يۇققاندىن كىيىنلا يادرو كىسلاتا قويۇپ بېرىپ ،نۇسخىلنىش ئارقىلىق كۆپىيدۇ ،ھەرگىزمۇ بۆلۈنۈش ئارقىلىق كۆپەيمەيدۇ③باشقا ھۆجەيرىلەرنىڭ تىنىدا كۈچلۈك بولغان پارازىت ياشاش ئىقتىدارىغا ئىگە.

   ئۇ ئۆزىگە كېرەكلىك بولغان ئۇزۇقلىق ۋە باشقا ماددىلارنى پۈتۈنلەي ئۆزى پارازىت ياشىغان ھۆجەيرىدىن ئالىدۇ،ئاشۇ ھۆجەيرە تىنىدىن ئايرىلسا ئۇزاققا قالماي ئۆلىدۇ،ھەمدە ئاقسىل كىرىستالىغا ئايلىنىپ قالىدۇ .باشقا ھۆجەيرە تەرپىدىن شۈمۈرلىنىپ قالسا يەنە ئاشۇ ھۆجەيرە تىنىدە نۇسخىلنىش ئارقىلىق يەنە كۆپىيەلەيدۇ .شۇڭلاشقا ۋېروس ھاياتلىق بىلەن ھاياتلىق بولمىغان ماددا ئارسىدىكى ماددا دەپ  قارىلىدۇ.

ۋېروسنىڭ تۈرلرى ناھايتى كۆپ بولۇپ، DNAۋېروس،RNAۋېروس،ئادەتتىكى ۋېروس،ۋېروسسىمانلار قاتارلىقلارغا بۆلۈشكە بولىدۇ.شەكلىمۇ كۆپ خىل،يەنى  تاياقسىمان ،چەمبەرسىمان ......،قاتارلىقلارغا بۆلۈشكە بولىدۇ.چوڭراق بولغانلىرىنىڭ دىئامېتىرى 300-450 نانومېتىر،كىچىكلىرىنىڭ 18-22نانومېتىرغىچە كىلىدۇ .
1886-يىلى گېرمانىيەلىك Mayer ئالا بولۇپ قالغان تاماكا يوپۇرمىقىنىڭ پارچىسىنى ئېلىپ ،ئۇنى ساغلام تاماكا يوپۇرمىقىغا ئۇرغان .نەتىجىدە ساق تاماكا يوپۇرمىقىمۇ ئالا يوپۇرماق بولۇپ قالغان .ئەينى ۋاقىتتا بۇ خىل يۇقۇش ھادىسسىMayerنىڭ دېققىتىنى قوزغىغان 1898-يلى گوللاندىيەلىك Beijerinck يۇقارقى تەجىربىنى قايتا ئىشلىگەن .ھەمدە ساق تاماكا يوپۇرمىقىنى كېسەل قىلغان بۇ ماددىنىڭ ئالاھىدلىكلىرنى يەكۈنلەپ چىققان .يەنى 1.زەمبۇرۇغ سۈزگۈچتىن ئۆتۈپ كىتەلەيدۇ(ئۇلار كېسەل تاماكا يوپۇرمىقىدىن ئېلىنغان ماددىلار تەركىبىدىكى زەمبۇرۇغلارنى سۈزۈۋېتىپ ،ساغلام يوپۇرماققا ئۇرغان،ئەمما يوپۇرماق يەنىلا كېسەل بولغان ئىدى)2.پەقەت ئۆزى يۇققان ھۆجەيرە ئىچىدە ياشىيالايدۇ ھەمدە كۆپۈيەلەيدۇ3.جانسىز ماددىلار بىلەن تەڭ ياشىيالمايدۇ.ھەمدە تاماكا ئالا يوپۇرماق كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىردىغان ماددا زەمبۇرۇغ بولماستىن ،يوقۇش خۇسىسىيتىگە ئىگە يېڭى بىر خىل جانلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان ھەمدە بۇ ماددىنى ۋېروس(virus) دەپ ئاتىغان
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2017-4-20 08:23:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەيدىز ۋىرۇسىغا ھازىرغا قەدەر داۋا تېپىلمىدى ھە...
مۇشۇ ۋىرۇس ئاتلىق كېسەل زادىلا چاتاق كېسەلكەن.
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2017-4-20 17:21:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەيدس كىسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ۋاقتىدا داۋالاشنى قوبۇل قىلسا ساقىيشى مومكىن ،، ھازىر ئالىملار چاشقان تىندىكى ئەيدىس ۋىرۇسىنى تىزگىنلەپ يوقىتىپتۇ ،بۇ نىجىس كىسەلنىڭمۇ داۋاسى چىقىپ قالا ،،
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2017-4-20 17:22:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەراس كومپىيۇتىر ۋىرۇسى توغۇرلۇق بىر نەرسە چىقىرىپ قويمامسىز ،، بۇ ۋىرۇسمۇ چاتاق بوپ قالدى ھازىر
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2017-4-27 10:07:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممە كىسەللىكنى ئۆزىمىز بارلىققا كەلتۇرۋاتىمىز.
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3 

GMT+8, 2018-12-14 21:03 , Processed in 0.174645 second(s), 33 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش