بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

تېلفۇن نومۇردا كىرىش

كۆرۈش: 4447|ئىنكاس: 0

[خەۋەر] ئاي شارىدا زادى تاشقى پېلانت ئادەملىرى بارمۇ يوق؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ياپچان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-4-4 13:38  

ئاي شارىدا زادى تاشقى پېلانت ئادەملىرى بارمۇ يوق؟

تېخنىكا خەۋەر تورى 24-يانۋار خەۋىرى كايماس تەرجىمىسى:
ئاي شارىدا زادى تاشقى پېلانت ئادەملىرى بارمۇ يوق؟ بۇ ھەقتە NASA نىڭ خادىمى قايتا ئوتتۇرىغا چىقىپ ھەقىقىي ئەھۋالنى ئاشكارىلىدى. ئەينى يىلى ئامېرىكا ئايغا چىققاندىن كېيىن ئاشكارىلىغان ئاي شارى ھەققىدىكى سۈرەتتە، تاشقى پىلانېت ئادەملىرىنىڭ مەۋجۇتلىقىغا ئائىت ئىنتايىن سىرلىق ئىزلار غۇۋا ساقلانغان. بىراق ئەينى ۋاقىتتا كىشىلەر بۇ سۈرەتلەرنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھەيران قالغان، ھەمدە تاشقى پېلانىت ئادەملىرىنىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۇت ئىكەنلىكىدىن گۇمانلانغان. پەقەت يېقىنقى مەزگىلگە كەلگەندىلا ئاندىن NASA نىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى سابىق خادىمى قايتا ئوتتۇرىغا چىقىپ، UFO ھەققىدىكى گۇمانىي قاراشلار ھەققىدە ئەينى ۋاقىتتىكى ئىچكى ئەھۋالنى ئاشكارىلىدى.
ئىسمىنى ئاتاشنى خالىمىغان بىر نەپەر بۇرۇن NASA دا خىزمەت قىلغان مەسلىھەتچى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن؛ ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى باش ئىشتابى ئاي شارى ھەققىدىكى سۈرەتنى ئاممىغا ئاشكارىلاشتىن بۇرۇن، خىزمەتچى خادىملارنىڭ رەسىمدىكى UFO بار سىرلىق كۆرۈنگەن جايلارنى قايتا تەھرىرلەپ يوقاتقان. دوكتور Ken Johnston 1971-يىلى جونسون ئالەم قاتنىشى كونتروللاش مەركىزى بېرانت ۋە لوت ئاي شارى ئۇچۇرىنى قوبۇل قىلىش تەجرىبىخانىسىدا تېخنىكا مەسلىھەتچى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ ئاپوللو قۇرۇلۇشى ۋە ئاي شارىدىكى تاغ جىنسلىرىنى تەكشۈرۈشنى پىلانلاش ۋە ئۇلارنىڭ مۇندەرىجىسىنى تۈزۈش خىزمىتىگە قاتناشقان. ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئاساسلىق خىزمەت ۋەزىپىسىنىڭ بىر تۈرى بولسا، دەل ئاي شارىدىن توشۇپ كېلىنگەن ئەۋرىشكىلەرنى ئوراپ قاچىلاپ تەجرىبىخانىغا ئاپىرىش ئىكەن. شۇڭىلاشقا دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئۇ NASA تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئاپوللو قۇرۇلۇشى ئاي شارى ۋەزىپىسىدە ئاي شارىدا تارتىلغان UFO ۋە باشقا گۇماننى قوزغايدىغان نۇقتىلارنى ئۆچۈرۈپ تەھرىرلەش ئىلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن.
دوكتور Ken Johnston مۇنۇلارنى ئاشكارىلىغان؛ مەن ئەسلى سۈرەتتىكى گۇمانلىق غەيرى نۇقتىلار، ناسا تەھرىرلەشتىن بۇرۇنقى مەزمۇنلار ۋە تەھرىرلەشتىن كىيىنكى ئاممىغا ئاشكارىلايدىغان سۈرەت ۋە مەزمۇنلارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن. دوكتور Ken Johnston كىيىن ئەينى ۋاقىتتىكى بىر قىسىم سۈرەت ۋە تەتقىقات ماتېرىياللىرىنى «لوسۋىر خەلقئارا UFO مۇزېيى» تەتقىقات مەركىزىگە ئىئانە قىلىپ بەرگەن ۋاقىتتىلا، ئاندىن بۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھەقىقىي ئىشلارنى ئاشكارىلىغان. دوكتور جوھانسون بۇ ھەقتە ئۈچ كىتاب يازغان بولۇپ، كىتابىدا ئاساسلىقى ئاي شارى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى، UFO ۋە تاشقى پېلانىت ئادەملىرى ھەققىدىكى ئېچىلغان يىغىندا سۆزلەنگەن دوكلاتلارنىڭ قسىمەن مەزمۇننى ئاشكارىلىغان.
دوكتور يەنە ناسانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ 5 گۇرۇپپا ئەينى ۋاقىتتىكى ئاي شارى ۋەزىپىسىدە تارتىلغان، دوكتور ساقلىغان ئەسلى سۈرەتنى يوقىتىشنى بولمىسا ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دوكتور ئەينى ۋاقىتتا بۇ ھەقىقەتنى ساقلاپ قىلىش مەقسىتىدە، بۇ سۈرەتلەرنى ئالى مەكتەپ ياكى تەتقىقات ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىشنى ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ، ئاخىرىدا يەنىلا ئۇلار تەرىپىدىن رەت قىلىنغان. كېيىن دوكتور ئۆزى ساقلاۋاتقان بىر قىسىم سۈرەتلەردە، چۈشەندۈرۈشكە بولمايدىغان نۇرغۇن غەيرى جىسىملارنىڭ بارلىقىنى ھەتتا ئاي شارى يۈزىدىكى ھەر خىل قۇرۇلۇش ۋە قۇرۇلمىلارنىڭ بارلىقىنى ئاشكارىلىغان. دوكتور جوھانسون يۇقىرىقى سۈرەتلەرنى ئاشكارىلىغانلىقى ئۈچۈن ناسانىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغان بولۇپ، بەرىبىر ئۇ ناسانىڭ رەسمىي خىزمەتچى بولماي ياللىنىپ ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تەھدىتىگە پەرۋا قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ناسا ئىلگىرى ئاي شارىدا تارتىلغان سۈرەتلەرنى ئۆزگەرتكەن ياكى UFO ۋە تاشقى پېلانىت ھەققىدىكى ئىسپاتلارنى يوقاتقانلىقىنى ئىزچىل ئىنكار قىلىپ كەلگەن بولۇپ، ناسا نۆۋەتتە يەرشارىدىن باشقا پېلانىتلاردا تاشقى پېلانىت ھاياتلىقىنى مەۋجۇتلىقىغا دائىر ھېچقانداق ئىسپات بايقالمىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن.
ناسا بۇرۇن ياللاپ ئىشلەتكەن تېخنىكا مەسلىھەتچى يالغۇز دوكتور جوھانسون بىرلا ئادەم ئەمەس، 2015-يىلى 12-ئايدا ناسانىڭ بۇرۇنقى خادىمى دون خاررېي (Dona Hare) مۇنۇلارنى ئاشكارىلىغان؛  ئۇ خىزمەت ئورنى ئوخشاش بولمىغان، ئوخشىمىغان خادىملارنىڭ ئاي شارىدا ھەقىقەتەن UFO بايقالغانلىقى دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان، بۇ خەۋەر يەنىلا ناسا تەرىپىدىن تارقىتىش چەكلىنىپ ئاخىرىدا يوشۇرۋېتىلگەن. ھەمدە پېنسىيەگە چىققان خادىملارنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋرنى يەنە سىرىتقا ئاشكارىلىسا پېنسىيە مائاشى ۋە باشقا تەمىناتلىرىنى توختىتىدىغانلىقى ئۇقتۇرغان.
خاررېي يەنە مۇنداق دېگەن: ئۇنىڭ ئىلگىرى ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى باش ئىشتابىدىكى خىزمىتى ئاساسلىقى رەسىم ئۆزگەرتىش بولۇپ، نۇرغۇنلىغان نامەلۇم جىسىم بار رەسىملەر خادىملارنىڭ ئۆزگەرتىشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن سىرتقا ئاشكارىلانغان. ھاۋا ئارمىيە تاكتىكا قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئاخبارات نازارەتچىلىك خىزمىتىنى ئىشلىگەن Karl Wolf، خاررېينىڭ سۆزىنى تەستىقلاپ مۇنداق دېگەن؛ مەن ئۇلارنىڭ ئاي شارىدا تارتىلغان ئۆزگەرتىلگەن سۈرەت بىلەن ئەسلى سۈرەتنى كۆرگەن. شۇ ۋاقىتتا باشلىق ئۇنىڭغا؛ سۈرەتتىكى ماسكا ئۇرۇش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنغان جايلار بولسا دەل تاشقى پىلانېت ئادەملىرىنىڭ ئاي شارىدىكى بازىسى دېگەن. ئۇنىڭ خىزمىتى بولسا رەسىمدىكى دەل مۇشۇنداق مۇھىم نۇقتىلارنى رەسىمدىن چىقىرىۋېتىش ئىكەن.

تىما يارمىغان بولسىمۇ خاپۇلىماي ئىنكاس يوللاپ قۇياملا ھاجىكا!

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3 

GMT+8, 2018-12-14 20:03 , Processed in 0.223976 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش