بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

تېلفۇن نومۇردا كىرىش

كۆرۈش: 8211|ئىنكاس: 3

[خەۋەر] كومپىيوتېر ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كۆزنى ئاسراش ئۇسۇللىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
20150804104930704.jpg


1. كۆزنى ئارام ئالدۇرۇش. كومپيوتېرنى ھەر ئىككى سائەت ئىشلەتكەندە ،10~15 مىنۇت ئارام ئېلىش لازىم. بۇ چاغدا دېرىزىدىن يىراقتىكى مەنزىرلەرگە قاراپ بەرسە ياخشى بولىدۇ. پەقەت يېقىندىكى نەرسگە قارىمىسىلا، كۆزنى ئارام ئالدۇرۇش ئۈنۈمى بولىدۇ.

2. كۆزگە ئىسسىق ئۆتكۈزۈش ياكى كۆز ئالمىسنى چۆرىدەپ ئۇۋلاپ بېرىش. قىززىق سۇغا چىلانغان لۆڭگە ياكى قولياغلىقنى ئىككى كۆزگە (بىرلا ۋاقىتتا ئىككى كۆزنى يۇمۇپ تۇرۇپ ) 10~15 مىنوت ئىسسىق ئۆتكۈزۈش لازىم. يەنە كۆز ئۇۋىىسنىڭ چۆرىسىدىكى سۆڭەكنى باش بارماق بىلەن يىنىك بېسىپ بەرسىمۇ بولىدۇ. بۇنىڭدا كۆز ئۇۋىسىنىڭ ئۈستىنكى ئىچ يان تەرىپىدىن باشلاپ سۆڭەكنى بويلاپ كۆزىنىڭ قويرۇقىغىچە ئۇۋلاش، ئاندىن كېيىن كۆزنىڭ ئاستى تەرىپىدىن بۇرۇن يۆنىلىشىگە قاراپ ئۇۋلاش لازىم.

3. دېرىزىدىن چۈشكەن يورۇقلۇق ۋە ئۆي ئىچىدىكى چىراقنىڭ نۇرى ئېكراندا قايتقان نۇر پەيدا قىلماسلىقى لازىم. ئەڭ ياخشىسى كومپيوتىر ئېكرانىنىڭ ئالدىغا ئالاھىدە ئىشلەنگەن مىكرو دولقۇن سۈزگۈچ ياكى كۆز ئاسراش ئەينىكى ئورنىتىپ قويۇش لازىم. ئېكرانغا چڭ-توزان قونۇپ قالغاندا، كومپيوتېرغا مەخسۇس ئىشلىتىدىغان قەغەز بىلەن سۈرتسە، ئېكراننىڭ كۆزۈنۈش دەرىجىسىنى ئاشۇزغىلى بولىدۇ. كومپيوتىرغا كىرگۈزمەكچى بولغان ھۆججەت، ماتىرياللارنى ئېكراننىڭيېنىغا يېقىن قويۇپ، بويۇن ۋە كۆزنىڭ بۇرۇلىشىنى، شۇنداقلا دىققەتنىڭ چېچىلىشنى ئازايتىش لازىم. ئېكراندا كۆرسىتىلىدىغان خەتلەرنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە قۇر ئارىلىقىنى چوڭايتىپ، ئوقۇشقا قولايلىقلاشتۇرۇش، كۆزنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش لازىم.                              

4. كۆزنى كۆپرەك چىمچىقلىتىپ بەرسە، كۆزنى نەمدىگىلى بولىدۇ. ئۇزۇن ۋاقىت كومپيوتىر ئىشلىتشتىن كۆرىلىدىغان كۆزنىڭ قۇرغاقلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. ئەگەر كۆزدە بىتابلىق كۆرۈلسە ئەڭ ياخشىسى كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمىگە بېرىپ تەكشۈرۈتۈش، ھەرگىزمۇ ئۆزمەيلىچە دورا تېمىتىپ يۈرمەسلىك لازىم. كۆز بىلەن 14 ديۇملۇق ئېكراننىڭ ئارىلىقى ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 50 سانتېمىتىر بولۇشى ،15 ديوملۇق ئېكران بىلەن بولغان ئارىلىقى ئەڭ ياخشىسى 70 سانتىمىتىر بولۇشى، ئېكران قانچە چوڭ بولسا، كۆز بىلەن بولغان ئارىلىقىمۇ شۇنچە يىراق بولۇشى كېرەك.

5. كۇنۇپكا تاختىسى ۋە ئورۇندۇقنىڭ ئېگىزلىكى كومپىيوتېر ئىشلەتكۈچى ھوزۇرلۇق ھېس قىلىدىغان ھالەتتە بولۇشى لازىم. كونۇپكا تاختىسىنىڭ ئېگىزلىكىنى خەت باسقاندا، تۆۋەندىكى بېلەك يەر يەر يۈزى بىلەن پارالېل بولىدىغان ھالەتكە تەڭشەش لازىم .كومپىيوتىر ئىشلەتكۈچى ئولتۇرىدىغان ئۇرۇندۇق ئەڭ ياخشىسى يۆلەنچۈكى بار، تۇتقۇچى يوق، تەڭشىگىلى بولىدىغان شەكىلدىكى ئورۇندۇق بولۇشى، ئورۇندۇقنى ئولتۇرغاندا پۇتنى يەرگە تەكشى قويغىلى بولىدىغان ھالەتتە تەڭشەش لازىم. ئورۇندۇق يۈزى ئالدىغا سەل قىيسايغان ھالەتتە بولۇشى لازىم. بۇنداق بولغاندا بەل ئومۇرتقىسىنى چىڭ تۇتۇشقا، يوتىنى يەر يۈزىگە قىيسىپراق تۇرۇشقا پايدىلىق بولىدۇ.

6. كومپيوتېرنىڭ كەينى تەرىپى بىلەن تام ئوتتۇرىسىدا بىر مېتىردىن ئارتۇق بوشلۇق بولۇشى لازىم. بۇنداق بولغاندا كومپيوتېر ئىشلەتكۈچىلەر ئارام ئالغاندا كۆز ئۈچۈن يېتەرلىك بوشلۇق بار بولىدۇ

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللا +4 يىغىش سەۋەبى
ياپچان2 + 4 قوللايمەن

باھا خاتىرىسى

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2017-4-3 22:00:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يوللاپسىز مەنسىز يوللىغان تىمىلارغا بەك ئامراق
ياخشى تىمىلىرىڭىز مەڭگۈئۈزلۈپ قالمىسۇن تىرشىڭ!
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2017-4-21 12:25:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت مەن كومپىيوتېرغا بەك قارايمەن دەڭە شۇڭا  يوللىغان تېمىڭىزنى كۆرۈپ ئوقۇپ چىقتىم ھەقىقەتەن  ياخشى تېما ئىكەن داۋاملىق تىرىشىڭ
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2017-4-21 19:14:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆز ئاسرايدىغان ئەينەك ئىشلىتىڭ ،، بىرنى تەۋسىيە قىلاي ،، مارىسمەن ماركىلىق ئەينەك تاۋباۋدا بار
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3 

GMT+8, 2018-10-24 02:56 , Processed in 0.143071 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش