بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

تېلفۇن نومۇردا كىرىش

كۆرۈش: 12358|ئىنكاس: 7

C دېسكىنىڭ سىغىمىنى چوڭايتىش

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
C دېسكىنىڭ سىغىمىنى چوڭايتىش

C دېسكىنىڭ سىغىمىنى چوڭايتىشئۆزۈم سىناق قىلىپ ئاندىن يوللىدىم شۇڭا خاتىرجەم بولۇڭ لېكىن شۇندىمۇ ئېھتىيات بىلەن دەرىسلىكنى ياخشى كۆرۈپ ئاندىن قىلىڭ بۇ سەۋەب ماتىرياللىڭىز يوقاپ كەتسە مەن مەسئۇل بولالمايمەن جۇمۇ ! شۇڭا ياخشى ئۆگىنىپ ئاندىن بىر ئىش قىلىڭ ئەمىسە دەرس باشلاندى ھە ...... قۇلاقنى دىڭ ئۆزۈڭلارنى چىڭ تۇتۇڭ دىققەت بىلەن ھە ........windows7 دىن windows8 گە كۆچكەندىن كېيىن ، windows7 نى ئىشلەتكەن چاغدىكى C دېسكىنىڭ 20GB سىغىمى يېتىشمەي ، ھەر كۈنى دەككە-دۇككىدە دېسكا تازىلاش قوراللىرى ئارقىلىق C دېسكىنى تازلايدىغان بولۇپ قالغاننىڭ ئۈستىگە ، قاچىلاپ ئىشلىتىشكە تىگىشلىك نۇرغۇن يۇمتاللارنى C دېسكىنىڭ سىغىمىنىڭ توشۇپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ، قاچىلاپ ئىشلىتەلمىدىم .
C دېسكىنىڭ سىغىمىنى چوڭايتاي دېسەم ، باشقا دېسكىلاردا نۇرغۇن يىللار يىغىپ ساقلىغان مۇھىم زاپاس ھۆججەتلەر ۋە دېتاللار بولۇپ ، يوقىلىپ كېتىشتىن قورقتۇم . ئەگەر سىغىمى چوڭراق يان دېسكا بولسىغۇ ، قاتتىق دېسكىدىكى ماتىرىياللارنى يان دېسىكىغا كۆچۈرۋىلىپ ، قاتتىق دېسكىنى قايتا رايۇنلارغا بۆلۈپلا ، سېستىما قاچىلىۋەتسەملا ئىش پۈتەتتى . بۇ يەردىكى مەسىلە - دەل ئاشۇ يان دېسكىنىڭ بولمىغانلىقى .
خەنچە ئىزدەش تور بىكىتىگە مەقسىدىمنى ئېنىق قىلىپ يېزىپ ، بىر ئىزدىتىپ باقمايمۇ ؟
شۇ خىيالنىڭ تۈرتكىسىدە ، ئىزدەپ قارىۋىدىم ، بۇنىڭمۇ ئامالى بار ئىكەن . يەنى سېستىما شارائىتىدا تۇرۇپ ، ھىچقانداق ماتىرىيالنى يۆتكىمەي ، باشقا دېسكىدىكى ماتىرىياللارنى زىيانغا ئۇچراتماي ، C دېسكىغا باشقا دېسكىدىن سىغىم قوشۇپ بەرگىلى بولىدىكەن .
بۇنىڭ قەدەم-باسقۇچلىرى تۆۋەندىكىچە :
1. ئالدى بىلەن «قاتتىق دېسكىنى رايۇنلارغا بۆلۈش ياردەمچىسى «分区助手» » كومپىيۇتىرىڭىزغا چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ .

2. قاچىلغاندىن كېيىن كومپىيۇتىرنىڭ ئۈستەل يۈزىدە تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك تىز قوزغىتىش سېنبەلگىسىدىن بىرسى قۇرۇلىدۇ .
3. «قاتتىق دېسكىنى رايۇنلارغا بۆلۈش ياردەمچىسى »نىڭ ئۈستەل يۈزىدىكى سېنبەلگىسىنى قوش چىكىپ ئىجرا قىلغاندىن كېيىن ، تۆۋەندىكى كۆزنەك ئېچىلىدۇ 4 . بۇ كۆنەكتىن سىز ئالدى بىلەن C دېسكىغا سىغىمىنى قوشۇپ بەرمەكچى بولغان دېسكىنى مائۇس ئارقىلىق چىكىپ تاللاپ بولغاندىن كېيىن ، سول تەرەپ رامكىدىن «دېسكا سىغىمىنى چوڭايتىش باشلامچىسى»نى چىكىش ئارقىلىق مەشغۇلاتنى داۋاملاشتۇرىسىز . يەنى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك تاللاڭ .
5 . بۇ چاغدا تۆۋەندىكى كۆزنەك ئېچىلىدۇ .مەقسىدىمىز C دېسكا سىغىمىنى چوڭايتىش بولغاچقا ، بىۋاستە «كېيىنكى قەدەم»نى باسىمىز .
6 . ئۇنىڭدىن كېيىن تۆۋەندىكى كۆزنەك ئېچىلىدۇ . بۇ يەردىمۇ رەسىمدىكى تاللانغان جايلارغا ئوبدان قاراپ ، شۇ بويىچە مەشغۇلات قىلىمىز .
يەنى ، بىزنىڭ C دېسكىمىزنىڭ ئەسلىدىكى سىغىمى 20GB ئىدى . يەنى رەسىمدىكىدەك :بىز قىزىل بويالغان دائىرىدىكى سىرىلما رامكىنى ئوڭغا سۈرۈش ئارقىلىق ، C دېسكىمىزنىڭ سىغىمىنى ئۆزىمىز مەقسەت قىلغان سىغىمغا ئەكىلىپ توختاپ ، «كېيىنكى قەدەم»نى باسىمىز .
7 . بۇ چاغدا بىر رامكا ئېچىلىدۇ ، بۇ چاغدا بىز بىۋاستە «كېيىنكى قەدەم»نى باسىمىز . يەنى رەسىمدىكىدەك ؛8 . بۇ ئاساسلىق دېسكا رايۇنىنى تەڭشەش باسقۇچى بولۇپ ، بۇ باسقۇچقا بىر قەدەر ئۇزۇنراق ۋاقىت كېتىدىكەن . ئەمما ، سىز بۇ چاغدا تورغا چىقىپ ، ماتىرىيال كۆرۈشتەك ياكى كوت-كوت ئالاقىسى ئارقىلىق پاراڭلىشىشتەك كومپىيۇتىرغا تەسىرى بولمىغان پائالىيەتلىرىڭىز ئارقىلىق ، دېسكا رايۇنىنى تەڭشەشكە كېتىدىغان كۈتۈشتىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ كېتەلەيسىز . دېتال دېسكىڭىزنى بۆلىۋىرىدۇ ، سىز بولسىڭىز زىرىكىشلىك ساقلاشنى تۈگىتەلەيسىز . مانا بۇ بىر چالمىدا ئىككى پاختەك .
9. دېسكا رايۇنىنى تەڭشەش (چوڭايتىش) ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، تۆۋەندىكى كۆزنەك ئېچىلىدۇ .بۇ چاغدا سىز دوپپىڭىزنى ئاسمانغا ئېتىپ ، «مۇقىملاش»نى بېسىپ ، بۇ دىتالنى تاقاپ ، «كومپىيۇتىرىم»كوزنىكىدە مائۇس ئوڭ كونۇپكىسىدىكى«يىڭلاش»تىزىملىكىنى بېسىپ بىقىڭ .
قانداق ، C دېسكىڭىزنىڭ سىغىمىدا ئۆزگىرىش بولۇپتىمۇ ؟ باشقا دېسكىدىكى ماتىرىياللىرىڭىز يەنىلا ئۆز پىتىمىكەن ؟
مەشغۇلات جەريانى مانا مۇشۇنداق . بۇ مەشغۇلات ئارقىلىق ، بىز سېستىما شارائىتىدا ، ھىچقانداق بىر زاپاسلاش مەشغۇلاتى قىلماستىن ، C دېسكىمىزنىڭ سىغىمىنى چوڭايتىش مەقسىتىگە يېتەلەيمىز .مۇقىم چۈشۈرۈش مەنزىلىنى قالدۇراي دېسەم ئۇ ھامان ئۆزگىرىپ كېتىدىكەن شۇڭا دىتالنىڭ تولۇق ئىسمىنى قالدۇردۇم شۇ بويىچە ھەرقايسى ئىزدەش ماتورلىرىدىن ئىزدىسىڭىز بولىدۇ ياكى تۆۋەندىكى چۈشۈرۈش مەنزىلى دېگەنگە ئۇلانسىڭىزمۇ بولىدۇ بەيدۇ ئىزدەش ماتورىنىڭ مەزكۇر دېتالنىڭ ئەڭ ياخشى ئىزدەش مەنزىلىنى قالدۇردۇم
分区助手

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2تىللا +12 يىغىش سەۋەبى
ياپچان2 + 3 ئالامەت!
ياپچان3 + 9 جاپا چەكتىڭىز

باھا خاتىرىسى

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2017-4-2 22:09:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئۇسۇل ھېلقى، باشقا دېسكىلارنىڭ سىغىمنى كۆچۈرۈپ ئېلىپ مەركىزى دىسكىغا چاپلاش ئۇسۇلى شۇمۇ؟؟
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2017-4-3 21:57:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىمۇ سىلەر ياپچان بۇرادەر  يوللىغان تىمىلىرڭىزغا ئاپىرىن بەك ياخشى يوللاپسىز  تىرشىڭ!
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2017-4-5 14:33:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
win10 دامۇ بولامدۇ

باھا سۆز

بەلكىم بوپقىلشى مۇمكىن  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2017-4-5 19:48
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2017-4-5 19:48:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بەلكىم بوپقىلشى مۇمكىن
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2017-4-25 13:13:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ تاپالماي كەتتىم ماۋۇ تېمىنى ئالىپ تورىدا كۆرگەندەك قىلغان ئەسلى مۇشۇ يەردە كۆرۈپتىمەن. ئىنكاسىمغا قارمىغان بولسام تېخى تاپالماسكەنمەن.   كومپيۇتېرىمنىڭ  دېسكىسدا مەسلە كۆرۈلۈپ، كومپيۇتېرىمدا مېڭە كۆچۈرۈش ئوپراتسىيەسى ئېلىپ باراي دېسەم تېخىنىكىنى ئۇنتۇلۇپ قاپتىمەن، شۇڭلاشقا مېڭسىدىكى بلىملەرنى قوچۇۋەتمەي دەپ ئىزدەپ يۈرۈپ بۇ يەرگە كەلسەم دوختۇر تۇرماسمۇ.    مۇشۇ دوختۇردىن تەلىم ئېلىپ، ئاستا يۈرۈشلەشكەن ئاساستا كومپيۇتېرىمنىڭ مېڭە كۆچۈرۈش ئوپراتسىيەسىنى مۇۋاپىققىيەتلىك تاماملىدىم رەھمەت سىزگە    تېمىلىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن!!!!
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2017-4-25 13:16:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ تېمڭىزنىڭ رەسىمى پەقەت كۆرۈنمىدىغۇ.
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2017-5-17 16:10:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىسكىدىن دىسكىغا بۆلگىلىغۇ بولىدىگەن . مۇشۇ نىڭدىن پايدىلىنىپ  20 gb لىق ئايرىم دىسكا قۇر غىلى بولامۇ
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3 

GMT+8, 2018-12-14 21:20 , Processed in 0.174346 second(s), 35 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش