بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

تېلفۇن نومۇردا كىرىش

جەمئىي مىكروبلوگ 171 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1570|ئىنكاس: 0

[ياردەم] ئۈستەل كومپيۇتېرنىڭ سىملىق تورىدىن پايدىلىنىپ ئەقلىي ئىقتىدارلى...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
202407sk2nov2mn2ucq1zm.jpg

ئىشخانىڭىزدا ۋە ياكى باشقا ئورۇنلاردا تورغا ئۇلانغان ئۈستەل كومپيۇتېر بار، بىراق سىزدە سىملىق تورنى سىمسىز تور سىگىنالىغا ئايلاندۇرۇپ يانفونىڭىزدا تورغا چىقىدىغانغا سىگىنال تارقىتىش ئۈسكۈنلىرى يوق ئەھۋالدا قانداق قىلىمىز؟ ھىچقانداق ئۈسكىنىگە تايانمايمۇ يانفوننىڭ ئۇچۇر سىسمى ئارقىلىق يانفونىڭىزدىمۇ ئۈستەل كومپيۇتېرنىڭ تورىدىن پايدىلىنىپ تورغا بىمالال چىقالايسىز. بۇنىڭ ئۇسۇلىنى ئۈگەنگىڭىز بارمۇ؟ ئۇنداقتا دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى يازما مەزمۇنىدا بولسۇن.
كىتەرلىك ماتېرىياللار: بىر دانە تورغا ئۇلانغان ئۈستەل كومپيۇتېرى، بىر دانە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون، يانفون usb ئۇچۇر سىمى
كىرەكلىك دېتاللار: يانفون ئۈچۈن   busyboxبىلەن GScript ناملىق ئەپ دېتاللىرىنى يانفونىڭىزغا قاچىلاپ تەييارقىلىسىز. ئۈستەل كومپيۇتېر ئۈچۈن خالىغان بىر دانە يانفون باشقۇرۇش دېتالىنى قاچىلاپ تەييار قىلىسىز.(مەقسەت كومپيۇتېر تېلفونىڭىزنى نورمال تونۇغان ھالەتتە بولىشى كىرەك.)
ئەسكەرتىش: بۇ دەرسىمىزدە win7 مەشغۇلات سىستېمىسى بىلەن قىزىل گۈرۈچ (红米note) تېلفوننى مىسال قىلىپ سۆزلەيمىز.
تەييارلىق خىزمەتلەر تۈگىگەن بولسا ئالدى بىلەن يانفوننى ئۇچۇر سىمى ئارقىلىق كومپيۇتېرغا ئۇلايمىز، ئاندىن يانفۇننىڭ« تەڭشەش( 设置)» ــــــ «بارلىق تەڭشەك( 全部设置)» ــــــ «سىستېما( 系统)» ـــــــ «ئىجادىيەتچىلەر تاللاش تۈرى(开发者选项 )» گە كىرىپ usb调试 ئىقتىدارىنى ئىچۋىتىمىز. ئاندىن «تەڭشەش( 设置)» ــــــ «بارلىق تەڭشەك(全部设置 )» ــــــ «سىمسىز ۋە تور( 无线和网络)» ـــــــ «تېخىمۇ كۆپ سىمسىز ئۇلىنىش(更多无线连接 )» ناملىق تىزىملىككە كىرىپ «تورنى ئورتاقلىشىش (网络共享) »غا كىرىپ « usb تورنى ئورتاقىشىش» ئىقتىدارىنى ئىچىۋىتىمىز. كومپيۇتېرىمىزغا قارىساق يېڭىدىن بىر قاتتىق دېتالنى بايقايدۇ ھەمدە قوزغىتىش پىروگراممىسىنى قاچىلاشنى باشلايدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن كومپيۇتېرىڭىزنىڭ يەرلىك ئۇلىنىش كۆزنىكىنى ئىچىپ قارىسڭىز يېڭىدىن بىر ئۇلىنىش قوشۇلغانلىقىنى بايقايسىز. يەنى ئېكراننىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستىدىكى بۇلۇڭدىن تور ئۇلىنىش سىنبەلگىسى ئۈستىدە مائۇسنىڭ ئوڭ كونۇپكىسىنى چىكىپ، «تور ۋە ھەمبەھىرلەش مەركىزىنى ئىچىش» ناملىق تىزىملىكىنى چىكىپ، «تور ۋە ھەمبەھىرلەش مەركىزى»كۆزنىكىدىن، «更改适配器设置»ناملىق تىزىملىك ئارقىلىق،
\

تور ئۇلىنىش كۆزنىكىگە كىرىمىز. قارىسڭىز يېڭىدىن بىر ئۇلىنىشنىڭ كۆپىيىپ قالغانلىقىنى بايقايسىز.
\

ئەمدى ئاشۇ يېڭى ئۇلىنىش سىنبەلگىسنى قوش چىكىپ، يەرلىك ئۇلىنىش كۆزنىكىنى ئىچىپ، «تەپسىلى ئۇچۇرلىرى(详细信息)» ناملىق كونۇپكىنى چىكىپ نۆۋەتتىكى ئۇلىنىشنىڭ ئۇچۇرلىرىنى يەنى ip ئادىرسى قاتارلىق ئۇچۇرلىرىنى خاتىرلىۋالىمىز. چوقۇم خاتىرلەڭ بولمىسا ئاخىردا قىلالماي قالىسىز.مەسىلەن مىنىڭكى مۇنداق چىقتى.
\

\

ئاندىن ئەسلىدىكى يەرلىك ئۇلىنىش سىنبەلگىسى ئۈستىدە مائۇس ئوڭ كونۇپكىسىنى چىكىپ خاسلىق كۆزنىكىنى ئىچىپ، «ھەمبەھىرلەش(共享)» تاللاش تۈرىگە كىرىپ،ئىككى تاللاش تۈرىنىڭ ھەممىسىنى تاللاپ مۇقىملاشتۇرىمىز.ئىسىڭىزدە بولسۇن ئىككىلىسنى چوقۇم تاللاڭ، بولمىسا كومپيۇتېرىڭىز تورغا چىقماي، يانفونلا تورغا چىقىدىغان ئەھۋال كۆرىلىدۇ.
\

\

ئەمدى يەنە قايتىدىن يېڭىدىن قوشۇلغان يەرلىك ئۇلىنىش سىنبەلگىسى ئۈستىدە مائۇس ئوڭ كونۇپكىسىنى چىكىپ خاسلىق كۆزنىكىنى ئىچىپ،«ئىنتېرنىت كىلىشىمى نەشىرى(Internet协议版本 4(tcp/ipv4))» ناملىق تىزىملىكنى قوش چىكىپ ip بەلگىلەش كۆزنىكىنى ئىچىپ، ئالدىنقى باسقۇچتا خاتىرلىۋالغان ip ئادىرسىنى كىرگۈزىمىز. DNS كە 8.8.8.8 نى كىرگۈزۈپ مۇقىملاشتۇرۇڭ.
\

\


ئەمدى يانفونىمىزغا كەلدۇق، تېلېفونىمىزدىن ئالدىن قاچىلاپ تەييارلىۋالغان دېتالدىن Gscript نى قوزغىتىمىز. قۇرۇق بىر كۆزنەك ئىچىلىدۇ، شۇ ھالەتتە تېلېفونىڭىزنىڭ تىزىملىك كونۇپكىسىنى چەكسىڭىز Add gscript دىگەن تىزىملىكىنى كۆرىسىز، شۇ تىزىملىكىنى چىكىپ يېڭىدىن كۆزنەك ئىچىلغاندىن كىيىن تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك ئۇچۇرلارنى كىرگۈزىسىز. يەنى ئۈستىدىكى رامكىدا ئۆزىڭىز خالىغان ئىسىمنى قويسىڭىز بولىدۇ. ئاستىدىكى رامكىغا رەسىمدە كۆرسىتىلگىنى بويىچە كىرگۈزىسىز.
\

بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىكى ip ئادىرسىنى سىز خاتىرلىۋالغان ئادىرس كىرگۈزۈلۈپ قالمىسۇن، مىنىڭكىدە مەن خاتىرلىغىنىم 192.168.42.122 ئىدى، بۇ يەردە ئاخىرقى بۆلەكنى خالىغانچە كىرگۈزىمىز يەنى رەسىمدىكىدەك 192.168.42.121 دىگەندەك. ئاندىن save كونۇپكىسىنى بىسىپ ساقلايمىز. ساقلاپ بولغاندىن كىيىن بۇ دېتالنىڭ باش كۆزنىكىگە قايتىدۇ ھەمدە بايام بىز قويغان نامدىكى بىر تىزىملىك كۆرنىدۇ، شۇنى چىكىپلا ئىجرا قىلىمىز. بىر دەم ساقلاپ تۇرغاندىن كىيىن تورغا چىققىلى بولىدۇ. قىنى ئەمدى سىناپ بىقىڭ، كومپيۇتېر ۋە يانفون ئىككىلىستە تور نورمال چىقۋاتامدۇ.


بۇ ماقالە شەرارى007 تەرىپىدىن شەرارى سالونىدا كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن تەييارلاندى.
بۇ مەزمۇنلار سىزگە يارىغان بولسا كىچىككىنە ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ باشقا دوستلىرىڭىزغا تارقىتىڭ، تېىخمۇ كۆپ دوستلار سىپىمىزگە قوشۇلۇپ ياخشى بىلىملەردىن ئورتاقلاشسۇن.
مەنبە:ئىزچىلا تورى
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3 

GMT+8, 2019-11-19 08:19 , Processed in 0.125850 second(s), 35 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش