بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

تېلفۇن نومۇردا كىرىش

جەمئىي مىكروبلوگ 95 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 3486|ئىنكاس: 13

MeGUI دېتالى بىلەن ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم پىرىسلاش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
MeGUI دېتالى بىلەن فىلىم پىرىسلاش

MeGUI  فىلىم پىرىسلاش دېتالى بولسا نۆۋەتتە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىۋاتقان فىلىم پىرىسلاش دېتالى بولۇپ، خەنزۇ مۇنبەرلىرىدىكى فىلىملەرنىڭ زور كۆپچىلىكى مۇشۇ دېتال ئارقىلىق پىرىسلىنىدۇ. ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ئىشلەۋاتقان نۇرغۇنلىغان تەرجىمان ۋە كىرىشتۈرگۈچى تورداشلارمۇ مۇشۇ دېتال ئارقىلىق فىلىم بىلەن ئۇيغۇرچە خەت ھۆججىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ئىشلەيدۇ. قارىسام ئۇيغۇرچە تور بەتلەردە بۇ دېتال توغرىسىدا كۆپ تونۇشتۇرۇش يوقكەن، ھەم قىسقىچە دەرسلىكنىڭ خەنزۇچە نۇسقىسى توردا ئۇچراپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن فىلىم پىرىسلاشنى ئۈگەنمەكچى بولغان تورداشلارغا ئاز-تولا ياردىمى بولۇپ قالار دەپ ، ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ قويدۇم. كەڭ فىلىم ھەۋەسكارلىرنىڭ پايدىلىنىشىنى سورايمەن.
ئالدى بىلەن بۇ دېتالنىڭ باشقا نۇرغۇن نەشىرلىرى بولۇپ، كۆپ قسىمى ئىنگىلىزچە بولۇپ،  MeGUI 2112简体中文版 دەپ بەيدۇدىن ئىزدىسىڭىز خەنزۇچە نۇسقىسىنى تاپالايسىز. شۇنى چۈشۈرۈپ كومپيۇتېرغا قاچىلاڭ.ئاندىن پىرىسلىماقچى بولغان فىلىم ھۆججەتلىرىنى تەل قىلىۋىلىپ ، پىرىسلاشنى ئۈگىنىشنى باشلاڭ.
1. مۇناسىپ تەڭشەش ئېلىپ بېرىش
1) تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن بويىچە تاللانما(选项) دىگەن جايدىن تەڭشەك (设置)دىگەن تۈرنى بېسىڭ.
122821b1d2n4ddk6mub4w1.jpg   چىقىرىش: ‎2016-1-2 12:28
چۈشۈرۈش (165.15 KB)



2) بۇ چاغدا تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك كۆزنەك ئىچىلىدۇ. رەسىمدىكى قىزىل بويالغان جايغا دىققەت قىلىڭ. ئاپتوماتىك رەتلەشنى قوزغۇتۇش (自动启动队列) دىگەن تۈر ئالدىدا بەلگە قويۇلغان بولسا ئېلىۋىتىڭ. باشقا جايلارغا چىقىلماڭ. ئاندىن مۇشۇ كۆزنەكتىكى، كېڭەيتىلمە پىراگراممىلار تەڭشىكى (扩展程序设置) دىگەن بەتكۈچنى چېكىمىز.
1229324czuyzlzhczzmtec.jpg   چىقىرىش: ‎2016-1-2 12:29
چۈشۈرۈش (218.89 KB)



3) بۇ چاغدا كۆزنەكتە تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك كېڭەيتىلمە پىراگراممىلار تەڭشىكى (扩展程序设置) كۆزنىكى ئېچىلىدۇ. سىزنىڭ تەڭشەش ئېلىپ بارىدىغان جايلىرىڭىز بولسا رەسىمدە بوياپ قويۇلغان جايلار بولۇپ، بۇنىڭدا ئۈستىدىكى بويالغان ئورۇن بولسا AAC كودلىغۇچنى تەڭشەش رامكىسى بولۇپ، meGUI نىڭ بۇ نۇسقىسىنىڭ tools مۇندەرىجىسى ئاستىدا  neroAacEnc.exe دىگەن كودلىغۇچ بار. ئەگەر سىزنىڭ دېتالىڭىزدا بۇ پىراگرامما تاللانمىغان بولسا meGUI نى چۈشۈرگەندىن كېيىن پىرىستىن يېشىپ قارىسىڭىز  tools دەپ بىر مۇندەرىجە بارلىقىنى كۆرىسىز. ئەشۇ مۇندەرىجە (ھۆججەت قىسقۇچ) ئىچىدىن يۇقارقى ھۆججەتنى تېپىپ، تاللاپ قويسىڭىز بولىدۇ.ئۇنىڭ ئاستىدىكى قىزىل بويالغان ئورۇن بولسا پىرىسلانغان ھۆججەتنى قايسى جايغا ساقلاشنى بەلگىلەيدۇ. بېكىتمىسىڭىز ئەسلى ھۆججەت بار جايىغا ساقلايدۇ. يۇقارقىلارنى تەڭشەپ بولغاندىن كېيىن، ساقلاش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ ساقلاپ ، ئاساسى كۆزنەككە قايتىمىز.
120305rzni1ejku9qjz0zm.jpg   چىقىرىش: ‎2016-1-2 12:03
چۈشۈرۈش (190.53 KB)



2. پىرىسلاش جەريانى
1) ئالدى بىلەن ئىچكى قىسىمدىكى قوراللار (内置工具) دىگەن تىزىملىكتىن AVS كودى ھاسىللىغۇچ (AVS脚本创建器) دىگەن تۈرنى چىكىمىز. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك.
120342lokalv0hy9m9uavm.jpg   چىقىرىش: ‎2016-1-2 12:03
چۈشۈرۈش (182.99 KB)



2) بۇ چاغدا تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك AVS كودى ھاسىللاش كۆزنىكى ئېچىلىدۇ. رەسىمدىكى قىزىل بويالغان جايلار بىز ئاساسلىق تەڭشەيدىغان جايلار بولۇپ، ئەڭ ئۈستىدىكىسى بولسا فىلىم كىرگۈزۈش رامكىسى بولۇپ، بۇ رامكىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى  كىچىك كۇنۇپكىنى بېسىش ئارقىلىق ئۆزىمىز پىرىسلىماقچى بولغان ھۆججەتنى تاللاپ كىرگۈزىمىز. بۇ چاغدا دەرھال يېڭىدىن بىر فىلىم قويۇش كۆزنىكى ئېچىلىپ، فىلىم قويۇش ھالىتىدە تۇرىدۇ. ئوتتۇرىدىكى رامكا بولسا فىلىمدە قارا ئاستى-ئۈستى تەگلىك بولۇپ قالسا شۇنى كېسىۋېتىشكە ئىشلىتىلىدۇ. بىرلىكى پىكسىل بولۇپ، ئۆزىڭىز كۆرۈپ تۇرۇپ، مۇۋاپىق بولغان ساننى كىرگۈزۈپ، كېسىۋېتىدىغان جاينى كېسىۋەتسىڭىز بولىدۇ.ئەڭ ئاستىدىكى رامكا بولسا فىلىمنىڭ رازمېرىنى تەڭشەيدىغان رامكا بولۇپ، 1080 ياكى 720 ئېنىقلىقتىكى فىلىمنى 480 غا ئايلاندۇرماقچى بولسىڭىز مۇشۇ جاينى تەڭشەپ قويسىڭىزلا بولىدۇ. ئىسىڭىزدە بولسۇن يۇقۇرى ئېنىقلىقنى تۆۋەن ئىنىقلىققا ئايلاندۇرسا كېرەك يوق، بىراق تۆۋەن ئېنىقلىقتىكى فىلىمنى يۇقۇرى ئېنىقلىققا ئايلاندۇرسىڭىز، فىلىم ئىنتايىن چاپاق بولۇپ كېتىدۇ.
120507bdediz39iva30zui.jpg   چىقىرىش: ‎2016-1-2 12:05
چۈشۈرۈش (186.12 KB)



فىلىمنى سۆرەپ كىرگەندە (كۆپ ھاللاردا دېتالنى تۈنجى ئىشلەتكەندە بىر فىلىمنى يېڭىدىن دېتالغا سۆرەپ كىرگەندە ) فىلىمنى قايسى ئۇسۇلدا ئىچىشنى سورايدۇ. بىز پەقەت DirectShowSource نى تاللاپ قويساق بولىدۇ. چۈنكى پەقەت مۇشۇ ئۇسۇل بارلىق فىلىم فورماتىغا ماس كىلىدۇ.(خەنزۇچە دەرسلىكتە شۇنداق دەپ ئېلىنىپتۇ، مەنمۇ باشقىلىرىنى ماس كېلەمدۇ كەلمەمدۇ دەپ سىناپ باقمىدىم)
1207082ohwl22oo1jo155z.jpg   چىقىرىش: ‎2016-1-2 12:07
چۈشۈرۈش (217.2 KB)



3 ) يۇقارقىلارنى تەڭشەپ بولغاندىن كېيىن بۇ كۆزنەكتىكى سۈزگۈچ (滤镜) دىگەن بەتكۈچنى چىكىمىز. بۇنىڭدا باشقا جايغا چىقىلماستىن، پەقەتلا ئەڭ ئاستىدىكى فىلىم خەت ھۆججىتىنى تاللاش دىگەن رامكا ئارقىلىق ئالدىن تەييارلىۋالغان فىلىم خەت ھۆججىتىنى سۆرەپ كىرىمىز. ئەگەر ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىش نىيىتىڭىز بولمىسا ، بۇ جاينى تاللىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئاندىن ساقلاش (保存) كۇنۇپكىسىنى بېسىپ ساقلاپ قويىمىز. دىققەت قىلىڭ بۇ چاغدا ئالدىن كۆرۈش كۆزنىكىدە كۆرۈنگەن فىلىمدە سىز تاللىغان خەت ھۆججىتى كۆرۈلىدۇ.
1205154i2eoqdd07qd22u5.jpg   چىقىرىش: ‎2016-1-2 12:05
چۈشۈرۈش (137.51 KB)



4 ) ئاساسى كۆزنەككە قايتىپ، تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك 2 جاينى تەڭشەيمىز.
رەسىمدىكى دىكى قىزىل بويالغان 2- رامكا بولسا فىلىم ھۆججىتىنى قايسى خىل فورماتتا چىقىرىشنى بەلگىلەش رامكىسى بولۇپ، تاللاشقا بولىدىغان تۇرلەردىن  RAW、MKV、MP4 دىگەندەك تۈرلەر بار. شۇنىڭدىن بىرنى تاللاپ قويساق بولىدۇ. فىلىممۇ شۇ خىل فورماتتا چىقىدۇ. ئادەتتە كۆپرەك ئىشلىتىلىدىغىنى  MKV、MP4 فورماتىدۇر.
1-رامكا بولسا (编码器设置) كودلىغۇچ تەڭشىكى دىگەن رامكا بولۇپ، بۇ ئارقىلىق فىلىمنى x264 فورماتىدا پىرىسلامسىز ياكى Xvid فورماتىدا پىرىسلامسىز شۇنى بېكىتىسىز. بىز بۇ يەردە x264 فورماتىنى تاللايمىز. ئەگەر قىزىقسىڭىز ئۆزىڭىز باشقا فورماتلارنى تاللاپ، سىناپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.
121341wyowwwnnanwdjdd6.jpg   چىقىرىش: ‎2016-1-2 12:13
چۈشۈرۈش (186.46 KB)



تۆۋەندىكى رەسىم بولسا x264 كودلاش ئۇسۇلى بويىچە پىرىسلاشنى تەڭشەش جەريانى بولۇپ، يەنى يۇقارقى رەسىمدىكى قىزىل بويالغان 1-رامكا (编码器设置) كودلىغۇچ تەڭشىكى دىگەن رامكىنىڭ ئوڭ تەرەپ چەتتىكى تەڭشەك (配置) دىگەن كۇنۇپكىنى چەكسەك تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك x264 كودلاش ئۇسۇلى بويىچە پىرىسلاشنى تەڭشەش رامكىسى ئىچىلىدۇ.
12065983ksb82xdkjb27jb.jpg   چىقىرىش: ‎2016-1-2 12:06
چۈشۈرۈش (164.17 KB)



ئالدى بىلەن ئەڭ ئاستىدىكى قىزىل بويالغان ئورۇندىكى ئالى تەڭشەكلەرنى كۆرسىتىش (显示高级设置) دىگەن تۈر ئالدىغا بەلگە سالىمىز. بولمىسا بەزى تۈرلەرنى تەڭشىگىلى بولمايدۇ. ئاندىن كودلاش ئۇسۇلى (编码模式) دىگەن جايدىن Automqated 2pass دىگەن تۈرنى تاللايمىز. بۇنى تاللىغاننىڭ مەنىسى بولسا ئىككى قېتىم كودلاش ئۇسۇلى (二次编码模式) دىگەنلىك بولۇپ، بۇنىڭدا فىلىمنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزمىگەن ئاساستا فىلىم سىغىمىنى كىچىكلەتكىلى بولىدۇ. كودلاش قېتىم سانى  سىكانېرلاش قېتىم سانىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، سىكانېرلاش قېتىم سانى قانچە كۆپ بولسا، فىلىمنىڭ ئىنىقلىقىنىڭ زىيانغا ئۇچراش نىسبىتىمۇ شۇنچە ئاز بولىدۇ. ئۇنىڭ كەينىدىكى 【Bitrate 】 سانىنى بولسا ئادەتتە فىلىمنىڭ ئېنىقلىقىغا ئاساسەن تەڭشەشكە بولىدۇ. ئەگەر فىلىم كارتون بولسا تۆۋەنرەك تەڭشەشكە بولىدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا سەل يۇقۇرى قىممەت بويىچە تەڭشەش كېرەك.
فىلىم ئېنىقلىقى :              تەڭشەك سانى
320x240                 200
720x480                 500——600
848x480                  500——600
1280x720                 1000——3000
1920x1080                5000——8000
ئوڭ تەرەپتىكى AVC دەرىجىسى ( AVC档次 ) دىگەن قىزىل بويالغان رامكىغا بولسا ئادەتتە ئالى دەرىجە(高档次) دىگەن تۈرنى تاللايمىز.
ئۇنىڭ ئاستىدىكى قىزىل بويالغان AVC سورتى دىگەن رامكىغا بولسا (AVC级别) يۇقۇرى قىممەتنى تاللىغان ياخشى بولۇپ، ئۇنىمۇ فىلىم ئېنىقلىقىغا ئاساسەن تاللىسىڭىز بولىدۇ.
ئېنىقلىقى            دەرىجىسى
720x480           3.0——3.2
848x480           3.0——3.2
1280x720          3.2——4.2
1920x1080         4.2——5.0
قالغانلىرىغا ئاساسەن چىقىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن x264 كودلاش ئۇسۇلى بويىچە پىرىسلاشنى تەڭشەپ بولغان بولىمىز. ئەگەر سىز x264 ئۇسۇلى بويىچە كودلاش توغرىلىق تېخىمۇ مۈكەممەل چۈشەنچىگە ۋە تەڭشەش ئۇسۇلىغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز توردا بۇ توغرىدا خەنزۇچە ماتېرياللار خېلى بار. ئىزدەپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.
ھەممىنى تەڭشەپ بولغاندىن كېيىن جەزىم (确定) كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، ئاساسى كۆزنەككە قايتىمىز.
تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ. بۇنىڭدىكى 1- قىزىل بويالغان ئورۇن بولسا فىلىمنىڭ ئاۋازىنى كىرگۈزۈش رامكىسى بولۇپ، ئوڭ تەرەپتىكى كۇنۇپكىنى بېسىش ئارقىلىق فىلىم ئاۋازىنى سۆرەپ ئەكىرگىلى بولىدۇ. ئەگەر باشقا ئاۋاز بولمىسا فىلىم ئۆزىنى تاللاپ قويساق، ئەسلى فىلىم ئاۋازى تاللانغان بولىدۇ. ئەگەر تاللىمىسىڭىز فىلىم ئاۋازسىز بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
ئاستىدىكى قىزىل بويالغان رامكا بولسا ئاۋاز كودلىغۇچنى تەڭشەش (编码器设置) رامكىسى بولۇپ، بىز بۇ يەردە”scratchpad”  Nero AAC  نى تاللايمىز . ئۇنىڭ ئاستىدىكى قىزىل بويالغان رامكا بولسا ئاۋاز ھۆججىتىنىڭ كېڭەيتىلمە نامى بولۇپ، ئىختىيارى تاللىسڭىز بولىۋىرىدۇ.
ئاۋاز كودلىغۇچ رامكىسىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى تەڭشەك (配置) دىگەن كۇنۇپكىنى باسساق يەنە بىر كۆزنەك ئېچىلىدۇ. بۇ كۆزنەك ئارقىلىق ئاۋازغا قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ.
120715efzj9dnzpupunoio.jpg   چىقىرىش: ‎2016-1-2 12:07
چۈشۈرۈش (188.29 KB)



تۆۋەندىكى رەسىم بولسا ئاۋاز كودلىغۇچ  كۆزنىكى بولۇپ. بۇ كۆزنەكتىكى :
1- رامكا بولسا كودلاش ئۇسۇلى بولۇپ، رەسىمدىكىدەك تاللاپ قويسىڭىز بولىدۇ.
2-رامكا بولسا ئاۋاز قانىلى بولۇپ، ئېھتىياجىڭىزغا قارىتا تاللىسىڭىز بولىدۇ. فىلىم ئەسلى ھالىتىدىكىدەك بولسۇن دىسىڭىز رەسىمدىكىدەك تاللاڭ.
3-رامكا بولسا ئەۋرىشكە ئېلىش نىسبىتى (采样率) بولۇپ، ئەسلى ھالەتنى ياكى 44100 بىلەن 48000 دىن بىرنى تاللىسىڭىز ئاۋاز سۈپەتلىكرەك چىقىدۇ. قالغانلىرىغا چىقىلماي ئەسلى ھالەتنى ساقلاپ قالسىڭىز بولىدۇ.جەزىم كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، ئاساسى كۆزنەككە قايتىمىز.
1226557isf4zx45quiu847.jpg   چىقىرىش: ‎2016-1-2 12:26
چۈشۈرۈش (85.24 KB)



ئاساسى كۆزنەككە قايتقاندىن كېيىن تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن قىزىل بويالغان ئاپتوماتىك كودلاش (自动编码) دىگەن كۇنۇپكىنى چىكىمىز. بۇ چاغدا MeGUI ئاپتوماتىك كودلاش (MeGUI自动编码) كۆزنىكى ئېچىلىدۇ.
120736w6ahqkwpbjbbbdlz.jpg   چىقىرىش: ‎2016-1-2 12:07
چۈشۈرۈش (162.38 KB)



تۆۋەندىكى رەسىمدىكى ئاپتوماتىك كودلاش كۆزنىكىدە كۆرسىتىلگەن ئەڭ ئۈستىدىكى قىزىل بويالغان ئورۇن بولسا فىلىم فورماتىنى بەلگىلەش كۆزنىكى بولۇپ، رەسىمدىكى تۈردىن بىرنى تاللىساق بولىدۇ.         MKVبىلەن MP4دىن بىرنى تاللىغان ياخشى.
ئوتتۇرىدىكى قىزىل بويالغان ئورۇن بولسا فىلىمنىڭ چوڭ – كىچىكلىكىنى بېكىتىدىغان ئورۇن بولۇپ، ئەڭ ياخشىسى چوڭ – كىچىكلىكىنى بېكىتمەسلىك (不限定大小) دىگەن تۈرنى تاللىساق بولىدۇ.
ئاخىرقى قىزىل بويالغان كۇنۇپكا بولسا، رەتكە قوشۇش (加入队列) كۇنۇپكىسى بولۇپ، شۇ كۇنۇپكىنى باسساق ئاساسى كۆزنەكتىكى رەت (队列) دىگەن بەتكۈچكە قايتىدۇ.

120745yzmrzrpn6bmy4v9a.jpg   چىقىرىش: ‎2016-1-2 12:07
چۈشۈرۈش (207.6 KB)



تۆۋەندىكى رەسىمگە دىققەت قىلىڭ. بۇ رەسىم بولسا ئاساسى كۆزنەكتىكى رەت (队列) دىگەن بەتكۈچ بولۇپ،قارايدىغان بولساق، تۆت تۈرلۈك ۋەزىپە بار بولۇپ، بۇلار ئايرىم –ئايرىم ھالدا ئاۋاز، سىننى 1-قېتىم كودلاش، سىننى 2-قېتىم كودلاش ۋە بىرلەشتۈرۈش بولۇپ، ئەگەر باشقا مەسىلە بولمىسا  باشلاش(开始) كۇنۇپكسىنى بېسىپ، فىلىم پىرىسلاشنى باشلاپ كەتسەك بولىدۇ. ئادەتتە پىرىسلاش سۈرئىتى سىزنىڭ كومپىيۇتۇرىڭىزنىڭ سۈرئىتى بىلەنمۇ زور دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ،  مېنىڭ I5  مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچلۇق كومپىيۇتۇرۇم بىر يېرىم سائەتلىك ئەسلى سىغىمى 4 گىگابايت چوڭلۇقتىكى بىر فىلىمنى پىرىسلاش ئۈچۈن سەرپ قىلغان ۋاقتى  1-2 سائەت ئەتراپىدا بولۇپ، پىرىسلانغان فىلىمنىڭ چوڭلۇقى ئەسلى سۈزۈكلۈكى ئۆزگەرمىگەن ئاساستا 2 گىگابايت ئەتراپىغا چۈشتى.

مەزكۇر دەرسلىك ئېلكىتابىنى چۈشۈرۈش :


چىقىرىش: ‎2016-1-2 12:07
چۈشۈرۈش سانى: 1
[url=][/url] [url=][/url]




1207146nszyvve5mapsgns.jpg

چىقىرىش: ‎2016-1-2 12:07
چۈشۈرۈش سانى: 0
[url=][/url] [url=][/url]




120749hf4ghenzdhkihkxf.jpg



مەنبەسى: قۇتيار مۇنبىرى
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2016-1-19 17:22:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزمۇنى خېلى يامان ئەمەسكەن
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2016-1-19 17:22:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشقىلىپ جاپا چەككەنسىز ھە
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2016-1-19 17:23:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنچىۋالا نەرسە تەييارلاشنىڭ ئۆزىمۇ چوڭ ئىش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2016-1-19 17:23:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت قېرىندىشىم
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2016-1-19 17:23:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېخىمۇ تىرىشىڭ
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2016-1-19 17:23:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاپا چەكتىڭىز
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2016-1-19 17:23:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگە ئامەت
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2016-1-19 17:23:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇتۇق تىلەيمەن
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2016-1-19 17:24:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇمكىن بولسا ئۈگىنىۋالىمەن
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2016-1-19 17:24:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەيرى خوش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2016-7-2 19:17:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  دىتالدا  ئۇيغۇرچە  خەتلىك تەرجىمە فىلىم ئىشلەش قىسىمىنى قوشۋەتكەن بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاتتىكەن ھە ئۆزەمچە دەيمىنا
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2018-5-22 04:13:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت تىما يوللىغۇچى دوستۇم،قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن!
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2019-2-5 21:47:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى چۈشىنىشلىك ياخشى تېما بوپتۇ، كۆپ جاپا چىكىپسز  !
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3 

GMT+8, 2019-2-20 13:00 , Processed in 0.273492 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش