بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
جەمئىي مىكروبلوگ 269 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 14076|ئىنكاس: 20

[macOS] كومپىيوتىرىڭىزنى Androidۋە Windows قوش سېستىمىلىق قىلىۋېلىڭ !

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
###ۇ -### تورداشلار ،
خېلى كۈنلەر بولۇپ قالدى،كومپىيوتىرىمغا ۋىندوۋس 7 ،ئاندىرويىد شۇنداقلا ئوبۇنتۇ 14.04 سېستىمىسىنى ئۈچ سېستىما قىلىب ئىشلىتىۋاتقىلى .ئەلۋەتتە ئالدىنقى كۈنى يەنە فېدورا بىلەن قىزىل قالپاقنىمۇ بىرگە قاچىلاب بەش سېستىما قىلىب باقتىم.
未标题-2.jpg
ئوبۇنتۇنىڭ ياخشى تەرەبلىرىنى سۆزلەب بۇ يازمىنى تېمىدىن چەتنىتىۋەتكىم يوق،ئەمما قېرىنداشلارنىڭ ئوبۇنتۇنى سىناب كۆرۈب بېقىشىنى يەنە بىر قېتىم تەۋسىيە قىلىمەن.يېقىندا ئۆزۈمنىڭ بىلوگىمدا ئوبۇنتۇنى قاچىلاب ئىشلىتىش توغۇرسىدا نۆلدىن باشلانغان بىر يۈرۈش يازمىلارنى ئېلان قىلماقچىمەن.
ئەمدى ئەسلى گەپكە كەلسەك ،نۇرغۇن تورداشلىرىمىز بەلكىم ،كومپىيوتىرغا ئاندىرويىد سېستىمىسى قاچىلاش بۇ بىر كونا تېمىغۇ ؟ bluestack نى قاچىلاب ئاندىرويىد سېستىمىسىنىڭ ئەپلىرىنى ئىشلەتكىلى بولىدىغۇ ؟دىيىشى مۇمكىن ،ئەمما مېنىڭ بۇ يەردە تىلغا ئالغىنىم ، ۋىندوۋس مۇھىتىدە ###قانداق بىر bluestack نى قاچىلاب ئىشلىتىش ۋە ياكى مەۋھۇم ھالەتتە ئاندىرويىد سېستىمىسى قاچىلاش بولماستىن بەلكى كومپىيوتىرنىڭ قاتتىق دېسكىسىغا بىۋاستە ئاندىرويىد سېستىمىسى قاچىلاشتۇر.
Computer

Summary
Computer
Processor2x Intel(R) Atom(TM) CPU N270 @ 1.60GHz
Memory1014MB (739MB used)
Operating SystemUbuntu 14.04.1 LTS
User Nameyz (Yaqub Ghazi)
Date/TimeSun 19 Oct 2014 11:13:08 PHT
Display
Resolution1024x600 pixels
OpenGL RendererUnknown
X11 VendorThe X.Org Foundation
Multimedia
Audio AdapterHDA-Intel - HDA Intel
مانا ئۈستىدىكىسى مەن بەش سستىما قاچىلاشقا ئىشلەتكەن كونا ئاتوم ئۈزەكلىك تور كومپىيوتىرى.(ۋىندوۋس ئىكىس پ يامان ئەمەس سۆرەيدۇ ،ۋىندوۋس 7 زە لېكىن ھورۇن ئېشەكتىنمۇ ئاستا ،ئوبۇنتۇ تازا ياخشى جۇمۇ!)
كومپىيوتىرىڭىزنى Androidۋە Windows  قوش سېستىمىلىق قىلىۋېلىڭ !

قېنى ئەمىسە تۆۋەندىكى باسقۇچلار بىلەن ،قوش سېستىما سەپىرىڭىزنى باشلاڭ !
ئالاھىدە ئەسكەرتىش :مەشخۇلات خاتالىقى  تۈپەيلى كېلىب چىققان ھەر قانداق ئاقىۋەتكە ئۆزىڭىز ئىگە !
1.ئالدى بىلەن كومپىيوتىرىڭىز قاتتىق دېسكىسىدىن 10 گىگابايىتلىق بىر يېڭى دېسكا رايونى ئايرىب چىقىڭ .
2.ئەمدىكى قەدەمدە  Download android-x86-4.4-RC1.iso ھۆججىتىنى ئورگان تەرەپتىن چۈشۈرۈڭ .بۇ يەرنى بېسىڭ
ئەسكەرتىش:يۇقىرىدىكى توربەتكە دۆلەت ئىچىدىن زىيارەت قىلغىلى بولمىغاچقا بىۋاستە بۇ ئادىرىستىن چۈشۈرۈڭ:بۇ يەرنى بېسىڭ !

android-x86.org.png!yaqup.jpg

ئاندىن ئۈستىدىكى download دىگەن ئۇلانمىنى بېسىڭ.
يېڭى ئېچىلغان توربەتنى ئاستىغا سېرىب چۈشۈرۈب ھازىرقى ئەڭ يېڭى نەشىرىنى تاللايمىز.ئاستىدىكى رەسىمدە كۆرسۈتۈلگىنىدەك ،view دىگەن خەتنى بېسىڭ:

downloadandroid4.4.png!yaqup.jpg

بىر ئاز تەخىر قىلىڭ ،چۈشۈرۈش ناھايىتى تېزلا باشلىنىدۇ.
ئەسكەرتىش:يۇقىرىدىكى توربەتكە دۆلەت ئىچىدىن زىيارەت قىلغىلى بولمىغاچقا بىۋاستە بۇ ئادىرىستىن چۈشۈرۈڭ:بۇ يەرنى بېسىڭ !
3.ئەمدى چوڭلىقى تەخمىنەن 4گىگابايىت كېلىدىغان بارماق دېسكا تەييارلاڭ ،ئۇنىڭدىن كىيىن ئاندىرويىد نىڭ سېستىما ھۆججىتىنى بارماق دېسكىغا ئويىدىغان تۆۋەنكى دىتالنى چۈشۈرۈڭ. بۇ يەرنى بېسىڭ (ياكى بەيدۇدىن UNetbootin دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۈڭ.)

unetbootin.png!yaqup.jpg

4.ئەمدىكى ئىش يۇقىرىدىكى دىتال ئارقىلىق ئاندىرويىدنىڭ ھۆججىتىنى بارماق دېسكىغا ئويۇۋالىمىز.

unetbootin.jpg!yaqup.jpg

چۈشۈرىۋالغان android-x86-4.4-r1.iso ھۆججىتى ۋە بارماق دېسكىنى كۆرسۈتۈب بەرگەندىن كېيىن OKدىگەن خەتنى بېسىب ،مەشخۇلات تاماملانغۇچە ساقلاب تۇرۇڭ.
5.ئەگەر بارماق دېسكىنى تەييارلاب بولغان بولسىڭىز ،ئۇنداقتا كومپىيوتىرىڭىزنىڭ BiOS قا كىرىب بارماق دېسكىدىن قوزغۇلىدىغان قىلىب تەڭشەڭ.
6. كومپىيوتىر بارماق دېسكىدىن قوزغالغاندىن كېيىن بىۋاستە install Android-x86 نى تاللاب ئېنتىر نى بېسىڭ ،يەنى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك.

grub.jpg!yaqup.jpg

7.ئاندىرويىد نى قاچىلايدىغان دېسكا رايونىنى تاللاڭ ،يەنى سىز بېشىدا تەييارلىۋالغان 10 گىگابايىتلىق دېسكا رايونى.

chooce-partition-android.jpg!yaqup.jpg

8. سىزدىن دېسكىنى فورماتلاشنى تەلەب قىلسا ext3  kg كە فورماتلاڭ ،بولمىسا داۋاملاشتۇرۇڭ.
9.سىزدىن grub قاچىلامسىز دەب سورىغاندا ،ھەئە "yes"دىگەننى تاللاب داۋاملاشتۇرۇڭ ،يەنى رەسىمدىكىدەك:

install-grub.jpg!yaqup.jpg

10. ھەئە ،"Yes" نى بېسىپ ۋىندوۋس سېستىمىڭىزنى grub تىزىملىكىگە قوشۇڭ.تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:

installer-windows-android.png!yaqup.jpg

11.ئەسكەرتىش :ئەگەر تۆۋەنكى رەسىمدە كۆرسۈتۈلگەندەك سىزدىن ئىچكى ساقلىغۇچ ھەجىمىنى كىرگۈزۈڭ دىسە ، 2047 يەنى ئەڭ چوڭ قىممەنى كىرگۈزۈڭ،(بۇ ئاندىرويىد سېستىمىڭىزنىڭ ROM بولىدۇ.)،ئەگەر تۆۋەنكى رەسىمدىكىدەك ئەسكەرتىش كۆزنىكى چىقمىسا سېستىما داۋاملىق قاچىلىنىب بولغىچە بىر ئاز تەخىر قىلىڭ.

Screenshot%20from%202013-07-18%2018-39-22.png!yaqup.jpg

Screenshot%20from%202013-07-18%2018-40-47.png!yaqup.jpg

2047 دەب كىرگۈزۈشنى ئۇنۇتماڭ

12. ئاندىرويىد نى قاتتىق دېسكىغا قاچىلاش تامام !
android-selesai-install.png!yaqup.jpg

run android-x86 نى بېسىب بىۋاستە ئاندىرويىد سېستىمىسىغا كىرسىڭىزمۇ ياكى reboot نى تاللاب سېستىمىنى قايتا قوزغاتسىڭىزمۇ بولىدۇ.سېستىمىنى بىر قېتىم قايتا قوزغۇتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.

(سېستىمىنى قايتا قوزغاتقاندا بارماق دېسكىنى تارتىۋېتىشنى ئۇنۇتماڭ!)
سېستىما قايتا قوزغالغاندىن كىيىن ئاندىرويىد سىزگە قاچىلاب بەرگەن سېستىما تاللاش دىتالى grub كۆزنىكى ئېچىلىدۇ ،سىز بۇ كۆزنەكتىن ئۆزىڭىز خالىغان سېستىمىنى تاللاب قوزغاتسىڭىز بولىدۇ.بىرىنجىسى بولسا ئاندىرويىد ،ئەڭ ئاخىرقىسى بولسا ۋىندوۋس سېستىمىسى .رەسىمدىكىدەك:

grub-android-dan-windows.jpg!yaqup.jpg

بىلمەي قالغان جايلىرىڭىز بولسا بىلوگدىكى ئەسلى يازمامغا ياكى مۇشۇ يازما ئاستىغا ئىنكاس يېزىڭ.
بىلوگ ئادىرسى :yaqup.net
بىلدۈرمە :يازمىدىكى بىر قىسىم سۈرەتلەر مالايسىيالىق كومپىيوتىر ھەۋەسكارى دوستىمىزGyta juwita نىڭ بىلوگىدىن ئېلىندى .

line8.jpg line8.jpg line8.jpg line8.jpg line8.jpg line8.jpg line8.jpg line8.jpg line8.jpg line8.jpg line8.jpg line8.jpg
مەنبە: ياقۇپ تەتقىقات بلوگى، ئادىرىسى: http://yaqup.net/kompiyotiringiz ... timiliq-qiliweling/



باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1شۆھرەت +8 يىغىش سەۋەبى
بىلالوف + 8 تىرىشىڭ

باھا خاتىرىسى

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
koznak app
ۋاقتى: 2015-1-24 20:45:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كومپيۇتېرىم ساقايسا چوقۇم مەنمۇ بىر  سىناب باقمىسام .{:5_128:}
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2015-1-25 00:06:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مۇشۇ ئۇبۇنتۇ دىگەن سېستىمىنى پەقەت قاچىلاپ ئىشلىتىپ باقماپتىمەن ، بەك داڭلايدىكەن ، بىرە كۈنى قاچىلاپ سىناپ باقمىسام
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-25 11:02:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇسات يوللىغان ۋاقتى  2015-1-25 00:06
مەن مۇشۇ ئۇبۇنتۇ دىگەن سېستىمىنى پەقەت قاچىلاپ ئىشلىت ...

مەن قاچىلاپ بىر قانچە كۈن سىناپ باقتىم، تور بىكەت يازدىغان بىر ئەپ بار ئىكەن، notepad دىن قېلىشمايدىكەن. لىكىن كومپىيۇتېرىم ئاستىلاپ كەتتى. كىيىن يەنە win غا كۆچىۋالدىم.
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-25 11:02:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇسات يوللىغان ۋاقتى  2015-1-25 00:06
مەن مۇشۇ ئۇبۇنتۇ دىگەن سېستىمىنى پەقەت قاچىلاپ ئىشلىت ...

ئىمزادىكى دىتالىم دىگەن تور بىكەتنى ئاچمىدىڭلارما؟
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2015-1-28 17:43:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن win7 ئىشلىتىمەن
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2015-1-28 17:43:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بولمىغان بولسىزە....................
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2015-2-4 10:02:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوش سېستىما قاچىلاش ئەمەس بىرلا  سېستىما  قاچىلاش دەرىسلىكى بوپتۇ بۇ..........

باھا سۆز

دەرسلىكنىڭ پايدىلىق قىممىتىنى كۆزدە تۇتۇپ مەنبەدىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن دەرسلىك ئىدى.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-2-4 12:57
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-4 12:57:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوغ يوللىغان ۋاقتى  2015-2-4 10:02
قوش سېستىما قاچىلاش ئەمەس بىرلا  سېستىما  قاچىلاش دەرى ...

دەرسلىكنىڭ پايدىلىق قىممىتىنى كۆزدە تۇتۇپ مەنبەدىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن دەرسلىك ئىدى.
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2015-2-13 20:58:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوبۇنتۇغا ئىنگىلىز تىلى بىلمىسا بولمايدىكەن ئەمەسمۇ.
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2015-2-14 21:15:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس ئۇبۇنتۇ سىستىمىسىغا ئۇيغۇرتىلىمۇ قوشۇلۇپتۇدەپ ئاڭلىغان ئىدىم ،
      خاتا ئاڭلىۋالدىممۇ يا

باھا سۆز

شۇنداق، سېستىما قاچىلىغاندىلا ئۇيغۇرچە دىگەننى تاللاپ قاچىلاشقا بولىدۇ، قاچىلاپ بولغاندىن كىييىن ئۇيغۇرچە  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-2-14 21:16
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-14 21:16:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھزۇن331 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-14 21:15
راس ئۇبۇنتۇ سىستىمىسىغا ئۇيغۇرتىلىمۇ قوشۇلۇپتۇدەپ ئا ...

شۇنداق، سېستىما قاچىلىغاندىلا ئۇيغۇرچە دىگەننى تاللاپ قاچىلاشقا بولىدۇ، قاچىلاپ بولغاندىن كىييىن ئۇيغۇرچە قوزغىلىدۇ.
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2016-1-4 17:17:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇسات يوللىغان ۋاقتى  2015-1-25 00:06
مەن مۇشۇ ئۇبۇنتۇ دىگەن سېستىمىنى پەقەت قاچىلاپ ئىشلىت ...

بۇ سىستمىنى  كومپىيۇتېرغا قاچلاپ بولغاندىن كىيىن  apk دىتاللىرنى  قانداق  قاچلايمىز  تورسىز  مۇيىتتىمۇ قاچلىغىلى بۇلامدۇ .
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
ۋاقتى: 2016-9-18 21:13:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز مىنىڭ ئۆيۈمگە كىلىپ قىلىپ بەسىڭىز بولغۇدەك ،
لېكىن ئاۋۇ  ئابونتۇ ، نى نەدىن چۇشۇرمەن ، كومپىيوتېرغا قاچلاش دەرىسلىكى بارمۇ ، ئۇيغۇرچە قىلغىلى بولسا ، مىنىڭچە مىنىڭ كومپىيوتېرىم كۆتىرەلىشى مۇمكىن

باھا سۆز

بىلىملەرنىڭ ئىزدەش بېتىگە كىرىپ ubuntu دەپ ئىزدىسىڭىز، مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللارغا ئېرىشەلەيسىز.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2016-9-18 23:26
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-9-18 23:26:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kokdegiz يوللىغان ۋاقتى  2016-9-18 21:13
سىز مىنىڭ ئۆيۈمگە كىلىپ قىلىپ بەسىڭىز بولغۇدەك ،
لېكى ...

بىلىملەرنىڭ ئىزدەش بېتىگە كىرىپ ubuntu دەپ ئىزدىسىڭىز، مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللارغا ئېرىشەلەيسىز.
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن| بىلىملەر تورى ( 沪ICP备19027845号-8 )   

GMT+8, 2021-6-23 17:16 , Processed in 0.091690 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش